ئامېرىكا تاشقى ئشلار منېستىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالستلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى باياناتى

ئامېرىكا تاشقى ئشلار منېستىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالستلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى باياناتى

ئامېرىكا تاشقى ئشلار منېستىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالستلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى باياناتى

بايانات بەرگۈچى : ئامېرىكا تاشقى ئشلار مېنتسرلىكى باياناتچىسى ھېزىر نائۇيىر ئورنى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقى ئشلار منېستىرلىكى ۋاقتى: 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى (تەرجىمە قىلغۇچى:ئۇيغۇرىئان ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى )

ئەڭ ئاخىرىدا،خۇددى سلەر كۆرۇۋاتقاندەك،بۈگۈنكى بۇ مىھمانلىرىمىز باشقا كۇنلەردىكىگە قارىغاندا بىر ئاز كۆپ،ئۇلار مانا ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرۇپتۇ،مەن بۈگۈن ئۇلارنىڭ دۆلەت مەھكىمىسگە كەلگىنىدىن بەك شەرەپ ھىس قىلىمەن،ئۇلار ئۇيغۇر مۇخبىرلار بولۇپ،ئۇلار ئەركىن ئاسيا رادىئوسىدا ئشلەيدۇ،تۈنۈگۈن مىنىڭ ئۇلار بىلەن بىر سائەت ئەتراپىدا بىللە ئولتۇرۇپ سۆزلىشش پۇرستىم بولدى،بىز ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ھېكايىلىرىنى ئاڭلىدۇق،بۇ مۇخبىرلارنىڭ ھېكايىلىرى بولۇپمۇ ،بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى تۈرلۈك پاكىتلارنى ئۆز يۇرتىغا يەتكۈزۈش نەتىجىسدە ،ئۇلارنىڭ بېشغا كەلگەنلىرى،بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىسنىڭ بېشىغا كەلگەنلىرى ئشەنگۈسز دەرىجىدە ،ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ. شۇڭلاشقا مەن تۆۋەندە مۇنۇلارنى جاكارلايمەن : ئامېرىكا قوشما شتالىرى جۇڭگونىڭ شنجاڭ (ش ت -ت)دىكى كۈنسايىن ئېشۋاتقان باستۇرۇشلار ھەققىدە بارغانسرى ئەندىشلەنمەكتە.مەن تۈنۈگۈن ئامېرىكىنى بازا قىلغان بۇ ئالتە نەپەر مۇخبىر بىلەن كۆرۈشتىم،ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئائىلە ئەزالىرى تەھدىتكە ئۇچرىغان،ئۇلارنىڭ نەچچە ئونلىغان تۇققانلىرى تۇتقۇن قىلىنغان،سەۋەبى ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ، سلەر مۇخبىرلار ھەر كۈنى بۇ يەردە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ئەركىن ھالدا قىلىپ كىلىۋاتقان خىزمەتنى قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇخبىرلارنىڭ تۇققانلىرى تۇتقۇن قىلىنغان، دۆلىتىمىزدە مۇخبىرلارنىڭ چەتئەللەردىكى تۇققانلىرى ھىچقانداق خيىم-خەتەر،-قېيىن-قستاققا دۇچ كەلمەي ئشلەيسلەر! مەن بۇگۇن ئۇلارنى سلەرگە تونۇشتۇرماقچى،ئالدى بىلەن مەمەتجان جۈمە،خۇش كەپسز،ئەركىن ئاسيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرى، شۆھرەت ھوشۇر، شۆھرەت ،قىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، كۆپ رەھمەت، ئۇمۇ ئەركىن ئاسيا رادىئوسدىن،ئەمدى ئالىم سېيىتوف، سلەر بەكلا رەتلىك ئولتۇرۇپسلەر،رەھمەت،تونۇشقا بەك ئاسان بولدى،نىمىدىگەن تەشكىللىك سلەر! يەنە روھى ماھاجان (ئەركىن ئاسيا رادىئوسى -تاشقى ئشلار بۆلۇمىدىن ھىندىستانلىق) سلەرگە كۆپ رەھمەت! ئامېرىكا تاشقى ئشلار مېنسترلىكى مۇئاۋىن ياردەمچى كاتىۋى بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا جۇڭگوغا باردى،ئۇ بىزگە جۇڭگودىكى كىشنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدىغان مەنزىرىنى سۇرەتلەپ بىرىدىغان ۋەزىيەت ھەققىدە قسقىچە خەۋەر بەردى.بىز جۇڭگودىكى دىنى ئېتىقاد ۋە دىنغا ئىشنىش ئەركىنلىكى ھەققىدىكى ھەدىدىن زىيادە چەكلىمىلەر ھەققىدە قاتتىق قايغۇرىمىز، بىز يەنە جۇڭگونىڭ باشقا ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى جۇڭگوغا مەجبۇرى قايتۇرۇشقا بېسم قىلىۋاتقانلىقىغا ياكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇققانلىرىغا بېسم قىلىۋاتقانلىقىغا قايغۇرىمىز! بىز يەنە كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشقان تۇتقۇن قىلىش ۋە مسلى كۆرۇلمىگەن نازارەت قىلىش قىلمىشى ھەققىدە ئەندىشە قىلىمىز،بىز ئەركىن ئاسيا رادىئوسنىڭ جەسۇر مۇخبىرلىرىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن رەھمەت ئىيتىمىز،بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە بۇ چوڭقۇر ئەندشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ قېلىشڭلارنى ئستەيمىز! بىز جۇڭگونى تەتۇر ۋە ئۇنۇمسز سياسەتلىرىنى تۇگېتىشكە چاقىرىمىز ۋە بارلىق قانۇنسز تۇتقۇن قىلىنغان كىشلەرنى قويۇپ بىرىشكە چاقىرىمىز! مەن ئۇلارنىڭ يەنە بىر خىزمەتدىشنى تىلغا ئالغۇم كىلىۋاتىدۇ،مەن ئۇنىڭ بىلەن تۈنۈگۈن سۆزلەشكەن،بۇگۇن كىلەلمىدى،ئۇنىڭ دەپ بىرىشچە،يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئۇنىڭ 23 نەپەر ئائىلە ئەزاسى قولغا ئىلىنغان،تەسەۋۇر قىلىپ بېقىڭلار، ئۇ سلەرگە ئوخشاش ئامېرىكىدامۇخبىرلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 23 نەپەر تۇققىنى قولغا ئىلىندى دىگەن گەپ، تۈنۈگۈنكى سۆھبەتتىن نۇرغۇن نەرسلەرنى بىلىۋالدىم.ئەگەر ئاراڭلاردا ئۇلارنىڭ ھېكايىسگە قىزىزىقىدىغانلار بولسا، ئۇلارغا ھەم سلەرگە قولاي بولسا بۇ باياناتتىن كىين سلەرنى بۇ جەسۇر مۇخبىرلىرىمىز بىلەن تونۇشتۇرىمەن. (ئەركىن ئاسيا مۇخبىرلىرىغا قاراپ )سلەرنىڭ كىلىپ قاتنىشپ بەرگىنىڭىلارغا ،سلەر دىققەت بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت ! ئەمدى سۇئال سوراشنى باشلىساڭلار بولىدۇ !

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

!دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى باش ئەلچىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قاماققا ئىلىنىش مەسلىسنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىردى

يە ئاپرېل 22 , 2018
!دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى باش ئەلچىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قاماققا ئىلىنىش مەسلىسنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىردى

You May Like