ختاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئۈچ شركەت ۋە 2 نەپەر ختاي ئەمەلدارىنى ئ‍ۇيغۇرلار سەۋەبلىك جازالىغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى

مەرغۇبە، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 12-دىكابىر

9-دىكابىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى ۋە(بەزى تاراتقۇلاردا ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى) ۋە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئىككى ختاي ئەمەلدارىنى ئادەمنى جازالاش تېزىملىكىگە كىرگۈزدى. ئامېرىكا دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار قانۇنىغا ئاساسەن ئۈچ ختاي كارخانىسىنى «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئەمەلىي گەۋدىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ختاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرى ۋە قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش بايانلىرى ئىزچىل ئوخشاشلىققا ئىگە بولۇپ، ختاي تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى باياناتچىسى ماۋ نىڭ ختاي دۆلەت تاراتقۇسىنىڭ ئالدىن تەييارلانغان سۇئ‍الىغا ئالدىن تەييارلانغان جاۋاپ بىلەن مۇنداق دىدى:

ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا ئالاقىدار ساختا بايانلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ۋە تارقىتىپ، ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى باھانە قىلىپ جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى قانۇنسىز جازالاپ، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار كارخانىلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، كۈچلۈك ئەيىبلىدى.

 شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ھەممىگە ئايان، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قول تىقىش ھوقۇقى ۋە سالاھىيىتى يوق. ئاتالمىش شىنجاڭدىكى «ئىرقىي يوقىتىش»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» پۈتۈنلەي ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى بېسىش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان ئەسىر يالغانچىلىقى بولۇپ، بۇرۇنلا پاكىت ۋە ھەقىقىي ئەھۋال تەرىپىدىن ئېچىپ تاشلانغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىچى قانۇنىغا ئاساسەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىي گەۋدىسى ۋە خادىملىرىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا زەربە بېرىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەش»تەك رەزىل نىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى رەزىللىك بىلەن تولغان. ئامېرىكا ئەگەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان بولسا، ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش، قورال-ياراغ زوراۋانلىقى، زەھەر يامراش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشى، غەزەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئەھۋالدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلىش قارارىنى ماقۇللىشىغا يالغۇز توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك.

  ئامېرىكا جۇڭگوغا تۆھمەت قىلىش، قارا چاپلاشنى توختىتىشى، جۇڭگو خادىملىرى ۋە كارخانىلىرىغا قارىتىلغان قانۇنسىز يەككە تەرەپلىك جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» قاتارلىق خاتا قانۇن لايىھەلىرىنى يولغا قويۇشنى توختىتىشى كېرەك. جۇڭگو قەتئىي قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ ھەققانىي قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.»

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي، ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى قاتارلىقلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ختاي شركەتلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئىلان قىلدى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

شېۋىتسيە ئۇيغۇر بىرلىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى كۈنى مۇناسۋىتى بىلەن نامايىش ئورۇنلاشتۇردى

سە دېكابىر 12 , 2023
9-دىكابىر، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى بۈگۈن 9ـ دىكابىر خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى رەسمى يۇسۇندا ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ لوندون ئۇيغۇر سوتى تەرپىدىن دۇنياغا ئىلان قىلىنغان خاتىرە كۈن. بۇ كۈن ۋە 10 ـ دىكابىر دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شېۋىتسيە ئۇيغۇر بىرلىكى شىۋېتسىيە پارلامىنتى ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇردى. نامايىشچىلار تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلدى: «بىز بۈگۈن […]
ئۇيغۇر قىرغىنچلىق كۈنى

You May Like