شېۋىتسيە ئۇيغۇر بىرلىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى كۈنى مۇناسۋىتى بىلەن نامايىش ئورۇنلاشتۇردى

9-دىكابىر، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

بۈگۈن 9ـ دىكابىر خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى رەسمى يۇسۇندا ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ لوندون ئۇيغۇر سوتى تەرپىدىن دۇنياغا ئىلان قىلىنغان خاتىرە كۈن. بۇ كۈن ۋە 10 ـ دىكابىر دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شېۋىتسيە ئۇيغۇر بىرلىكى شىۋېتسىيە پارلامىنتى ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇردى.

نامايىشچىلار تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلدى:

«بىز بۈگۈن بۇ يەردە شىۋېتسىيە سىياسىيۇنلىرى ۋە خەلقىگە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان جىنايىتىنى ئەسلىتش ئۈچۈن تۇرۋاتىمىز.

2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ، لوندون ئۇيغۇر سوتى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ھۆكۈم قىلدى. بەزى دۆلەتلەر ۋە پارلامېنتلارمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلدى ، ئەمما شىۋېتسىيە يەنىلا سۈكۈت قىلماقتا.

12-ئاينىڭ 10-كۈنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىز خەلقئارا جامائەت ۋە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز.»

مەنبەسى: شېۋىتسيە ئۇيغۇر بىرلىكى

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي(خوڭكوڭ)ساقچى دائىرلىرى بەش نەپەر خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىنىڭ كاللسىغا مۇكاپات ئىلان قىلدى

پە دېكابىر 14 , 2023
ئەركىن، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 14-دېكابىر 14-دىكابىر كۈنى سەھەردە، ختاي (خوڭكوڭ)ساقچى دائىرلىرى ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدە پائالىيەت ئىلىپ بارىدىغان بەش نەپەر خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىنىڭ ھەر بىرىنىڭ كاللىسغا 1 مىلىيون دوللار مۇكاپات بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى ئىلان قىلدى. بۇ پائالىيەتچىلەر يىللاردىن بىرى، خوڭكوڭنىڭ دىموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ھەرىكەت ئىلىپ بىرىۋاتقان بولۇپ، كۆپ قسمى شۇ دۆلەتلەرنىڭ […]
خوڭكوڭ

You May Like