«ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئەنگلىيىدە نەشىر قىلىنماقچى

ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە باش بولۇپ ئىشلىشى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇر شېئىرلار توپلىمى «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ئەنگلىيىدىكى داڭلىق نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان پىنگۋىن نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر نەشرىيات بۇ كىتابنى 2023- يىلى 12- سىنتەبىر نەشىردىن چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئەنگلىيىدە نەشىر قىلىنماقچى

ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022- يىلى 17- دېكابىر

 

ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە باش بولۇپ ئىشلىشى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇر شېئىرلار توپلىمى «ئۇيغۇر شېئىرلىرى»  ئەنگلىيىدىكى داڭلىق نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان پىنگۋىن نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر نەشرىيات بۇ كىتابنى 2023- يىلى 12- سىنتەبىر نەشىردىن چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .

بىز  بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى بۈگۈنكىدەك خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىيلارنى جازالاش، كىتابخانا، نەشرىيات ئورۇنلىرىنى تاقاش، ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سېتىشنى چەكلەش قاتارلىق رەزىل سىياسەتلەرنى قوللىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ كىتابنىڭ دۇنياغا داڭلىق بىر نەشرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىشى خىتاينىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە بېرىلگەن بىر ياخشى جاۋاب ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خۇشاللىنارلىق ئىش دەپ قارايمەن. شېئىر بىر تىلنىڭ جەۋھىرى، ئەدەبىياتنىڭ جان تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابتا قەدىمكى شېئىرلاردىن تارتىپ، ھازىرقى زامان شېئىرلىرغىچە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشقا مۇكەممەل بىر كىتاپ بولالايدۇ.» دېدى. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىنگۋىن نەشرىياتى ئەنگلىيىدە برىتانىيە ئىمپېريىسى دەۋرىدىن باشلاپ كىتاب نەشىر قىلىپ كەلگەن چوڭ تىپتىكى نەشرىيات بولۇپ، بۇ نەشىرياتتا نەشىر قىلىنغان كىتابنىڭ تىراژى ئەڭ ئاز بولغاندا بىر مىليون ئەتراپىدا بولىدىكەن ۋە ھازىرغىچە تۈركىيە ياكى باشقا ئۇتتۇرا ئاسىيا تۈرك دۆلەتلىرىدىن بىرەر يازغۇچىنىڭمۇ كىتابىنى نەشىر قىلمىغان بولۇپ، «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» بۇ نەشىرىياتتا نەشىر قىلىنغان تۇنجى تۈركىي تىللىق كىتاب بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

نەشرىيات تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە كىتاب دەسلەپكى باسقۇچتا ئامېرىكا،  ئەنگلىيىدە 2.5 مىليون، ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋسترالىيە، كانادا، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق ئىنگلىز تىلى ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەردە 2 نەشىر مىليون نەشىر قىلىنىدىكەن.

Uyghur Reporter

Next Post

مېھىر يەتكۈزەيلى

سە دېكابىر 20 , 2022
2022- يىلى 17- دېكابىر ئىستانبۇل سافاكۆيدە شۇنداق ئەھمىيەتلىك چاي سۆھبىتى بولدى. 2020- يىلى «توي قىلاي» (www.toykilay.com) نامىدا بىر تور بېكەت قۇرۇلۇپ ئېلان قىلىنغان. تور بېكەتنىڭ نىشانى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە قۇرۇشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا خىزمەت قىلىش ئىدى...

You May Like