گوللاندىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇيغۇر كاپىتانى مۇنىردىن يادىكار خىزمىتىدىن ۋاقىتلىق قالدۇرۇلغان

گوللاندىيە ھاۋا ئارمىيەسى كاپىتانى مۇنىردىن يادىكار خىزمىتىدىن ۋاقىتلىق قالدۇرۇلغان

 گوللاندىيە ھاۋا ئارمىيەسى كاپىتانى مۇنىردىن يادىكار خىزمىتىدىن ۋاقىتلىق قالدۇرۇلغان

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 25-فېۋرال

گوللاندىيەدە چىقىدىغان «گوللاندىيە ۋاقتى» گېزىتى(The Holland Times) نىڭ 22-فېۋرال تور سەھىپىسىدە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گوللاندىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر كاپىتان مۇنىردىن يادىكار يېقىندا گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە مۇنىردىن يادىكارنىڭ قۇمۇلدىكى ئانىسى ۋە يەڭگىسى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان شۇنداقلا يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن 15 يىل كېسىلگەن. مۇنىردىن  ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ياردەم سورىغان، ئەمما مىنىستىرلىق مۇنىردىن ئۈستىدىن تەپسىلىي تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن « زۆرۈر بولمىغان سىرتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن » دېگەن سەۋەب بىلەن ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغان.

مۇنىردىن يادىكار مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: « مەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلىمدە ھەربىي ئاخبارات ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋەتىنىمنىڭ ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى توغرىلىق تەپسىلىي سۆزلەشتىم، مەن ۋە ئائىلەم ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇپ باقمىدىم…»

2018-يىلى مۇنىردىن  F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى ھەيدەشنى ئۆگىنىش ۋە مەشىق قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىغا جايلاشقان ئېدۋدارد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئەۋەتىلىدۇ، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ۋەتەندىكى ئانىسىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئالىدۇ. مۇنىردىن خەۋەرنى ئالغاندىن كېيىن دەرھال ئۆزى تۇرۇشلۇق بازىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا گوللاندىيە دائىرىلىرىنىڭ ياردەم قىلىشىنى سورايدۇ. 

2019-يىلىنىڭ بېشىدا گوللاندىيەدىن كەلگەن ئىككى نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى مۇنىردىننىڭ ئامېرىكىدىكى تۇرالغۇسىغا كېلىدۇ ۋە ئۇنى سوراققا تارتىدۇ. مۇنىردىن بۇ ھەقتە مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلار گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مېنىڭ ياردەم سورىغانلىقىمنى يەتكۈزمەستىن كېلىپ مېنى سوراققا تارتىشقا باشلىدى، ئىككى نەپەر پۇقراچە كىيىنگەن ھەربىي ئەمەلدار مېنى ئىنتايىن قاتتىق ھەربىيچە سوراققا تارتتى…» 

بىر قانچە ئايدىن كېيىن مۇنىردىن ئۆزى تۇرۇشلۇق ھەربىي بازىدىكى ئەمەلدارىدىن بارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى يۇيۇۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭ داۋاملىق تۈردە F-35 ئەترىتىدە خىزمەت قىلىشىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئەمما ھەربىي بازىدا داۋاملىق تۇرۇشىغا يول قويىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. 2019-يىل ئاخىرىدا مۇنىردىن ئائىلىسى بىلەن گوللاندىيەگە قايتىپ كېلىدۇ، 2020-يىلى 6- ئايدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇنى Breda شەھىرىگە جايلاشقان ھاۋا ئارمىيە باش شتابىدا ئۇچۇر ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىم قىلىپ تەيىنلەيدۇ.

2021-يىلى 2-ئايدا مۇنىردىن گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن بىر پارچە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا مۇنىردىننىڭ ئانىسى ۋە يەڭگىسىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ خىتاي تەرىپىدىن كېلىدىغان ھەرخىل بېسىم ۋە تەھدىت ئېھتىماللىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ خىزمىتىنىڭ ۋاقىتلىق توختاتقانلىقى يېزىلغان. شۇ ۋاقىتتىكى گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى Ank Bijleveld ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ يازغان: « ئائىلىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى سىز ۋە مىنىستىرلىقىمىز ئۈچۈن تەھدىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئائىلىڭىزنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ سىزگە بېسىم قىلىش ئېھتىماللىقى بار، بەلكىم بۇ ئارقىلىق خىتايغا ئىشلەشكە بېسىم قىلىشىمۇ مۇمكىن…»

2021-يىلى 7-ئايدا مۇنىردىن رەسمىي ھالدا ھاۋا ئارمىيە باش شتابىدىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىدۇ، نۆۋەتتە ئۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى خىزمەت ئۇقتۇرۇشىنى كۈتمەكتە. زىيارەت ئاخىرىدا ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: « مېنى ھەيران قالدۇرغىنى، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئائىلەمنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ياردەم بېرىش تۈگۈل، مېنى خىزمەتتىن بوشاتتى…مەن خىزمەت جەريانىدا ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ئىدىم…»

 «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدىن قېرىندىشىمىز مۇنىردىن يادىكارنىڭ دۇچ كەلگەن كۈلپىتىگە بولغان ھېسداشلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشىگە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ بالدۇر ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ئەرى ياپونىيە ئاۋام پالاتا سايلىمى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن

شە فېۋرال 25 , 2023
ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ئەرى ياپونىيە ئاۋام پالاتا سايلىمى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن

You May Like