ئۇيغۇر سەنئەتكار شىرئەلى ئەلتېكىن بىر يىلدىن بۇيان قاماقتا

ئۇيغۇر سەنئەتكار شىرئەلى ئەلتېكىن بىر يىلدىن بۇيان قاماقتا

ئۇيغۇر سەنئەتكار شىرئەلى ئەلتېكىن بىر يىلدىن بۇيان قاماقتا 

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 26-ئاپرېل

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئىجتىمائىي تور سەھىپىسىدە ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، داڭلىق ئۇيغۇر سەنئەتكار شىرئەلى ئەلتېكىن 2021-يىلى يازدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەن.  

بۇ ھەقتە ئاگېنتلىقىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇۋەلى ئەپەندىم مۇنداق دەيدۇ: « ماڭا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شىرئەلى ئەلتېكىن 2021-يىلى 6-ئايدا ئۈرۈمچىدە يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، » چەتئەل بىلەن ئالاقە قىلغان» دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئېلىنىپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىلگىرى چەتكە چىققانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىندىمۇ ياكى چەتئەل بىلەن تېلېفون، ئېلخەت ئالاقىسى قىلدىڭ دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئېلىندىمۇ بۇنىسى نامەلۇم. مەن ئېرىشكەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئالدىمىزدىكى 5-ئاي ياكى 6-ئايلاردا ئۇ توغرىسىدا سوت ئېچىلىپ كېسىم ئېلان قىلىنماقچى ئىكەن.»

شىرئەلى ئەلتېكىن ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە تونۇلغان كۆپ قىرلىق سەنئەتكار بولۇپ، مۇقام، مۇزىكا، ئاممىباب ناخشا قاتارلىق ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان. ئۇ 1975-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، 1996-يىلى سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇقام كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن مۇقام ئانسامبىلىدا خىزمەت قىلىپ كەلگەن. شىرئەلى ئەلتېكىننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ، 2017-يىللىرىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان دىنىي ئۆلىما، ئەدىب، سەنئەتكار، تەتقىقاتچى، قاتارلىق ھەر ساھەدىكى سەرخىللىرى ھەرخىل باھانە سەۋەبلەر بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ ھەتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ كەلمەكتە. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئالىي كومىسسارى مىشەل پاچېلېت خانىمنىڭ كېلەر ئايدا شەرقى تۈركىستان/ ئۇيغۇرىستانغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بېرىشنىڭ ھارپىسىدا بۇ خەۋەرنىڭ تارقىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتماقتا. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۆمەر قاناتنىڭ ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيە زىيارەت تەپسىلاتى ۋە بىر قىسىم نەتىجىلەر

پە ئاپرېل 28 , 2022
ئۆمەر قاناتنىڭ ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيە زىيارەت تەپسىلاتى ۋە بىر قىسىم نەتىجىلەر

You May Like