مودا ناخشىچى تۇرسۇن شەيخ ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. قوشۇمچە تەرجىمىھالى

مودا ناخشىچى تۇرسۇن شەيخ ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. قوشۇمچە تەرجىمىھالى

 مودا ناخشىچى تۇرسۇن شەيخ ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. قوشۇمچە تەرجىمىھالى

ئۇيغۇرىئان 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 8-ئاپرېل

داڭلىق مودا ناخشىچى، مۇزىكانت تۇرسۇن شەيخ 2021-يىلى 30-ئىيۇل خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئون يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بۇ خەۋەرنى 3-ئاپرېل كۈنى جەزملەشتۈرۈپ تارقاتقانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى.

تۇرسۇن شەيخ -ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىدە پارلىغان بىر يورۇق يۇلتۇز بولۇپ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر مۇزىكىسى مودا ئېقىم ۋەكىللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

تۇرسۇن شەيخ  سەنئەت ساھەسىدە ئىزچىل ئىزدىنىپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان، ئېتىراپ قىلىنغان ئۆزگىچە سەنئەتكار بولۇپ، مۇزىكا يېزىش، شېئىرىيەت، ئاكتىيورلۇق ساھەسىدىمۇ ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلغان. تۇرسۇن شەيخ گىتاردا ئەنئەنىۋى ئۇسلۇب بىلەن فىلامىنگو ئۇسلۇبىنى بىرلەشتۈرۈشتە يېڭىلىق ياراتقان ۋە ياشلار ياخشى كۆرىدىغان سەنئەتكارلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ « ئايرىلىش ئالدىدىكى سىر»، «يېتىمنىڭ ئاھى»، «ھايات رىسالىسى»، «خىجالەت دوقمۇشى» قاتارلىق ئۈن-سىن پلاستىنكىلىرى نەشر قىلىنغان.

2016-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇرسۇن شەيخ چوڭ كۆلەمدە نەق مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بارلىق تونۇلغان گىتارچىلاردىن ئەسقەر كۆك بۆرە، ئەركىن ئابدۇللا، ئەكبەر قەھرىمان، شىرئەلى قاتارلىقلار بىلەن نومۇر كۆرسەتكەن. مەزكۇر كېچىلىك سۈپەت ۋە كۆلەم نۇقتسدىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.
 
ئۇ ئاقسۇ سەنئەت مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ ، بىر مەزگىل مەدەنىيەت ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغاندىن كىيىن، خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىزدەنگەن. كىيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ئۇيغۇر سەنئىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆز كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ئىزدەنگەن.

تۇرسۇن شەيخ دەسلەپكى مەزگىللەردە مۇزىكا ۋە سەنئەت ھەققىدىكى ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلەرگە جەڭ ئېلان قىلغان ۋە تەنقىدى پىكىردە بولغان بولسىمۇ، كېيىنكى كۈنلەردە مىللىي مۇزىكا تارىخىمىزدىكى مەدەنىي مىراسلارنى قايتا قېزىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ «مەشرەپ »نىڭ رولىنى ئىلىش جەريانىدىكى تېرىشچانلىقى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.

ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن «يۈرەك ئىكەن»، «خەيرلىك ئاخشام »، «ئانا تىلىم»، «يارەنلەر»، «كېچىلەردە»، «خىجالەت دوقمۇشى» ناملىق ئەسەرلىرى مودا بولغان.

ئۇ ئىزدىنىش تورىدا ،2014-يىلى 28-مارتتا ئېلان قىلغان «سەنئەت قۇياش قاچان پارلايدۇ؟ »ناملىق ماقالىسىدە،ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ئىجادىيەت روھى ھەققىدە ئىزدەنگەن.

تۇرسۇن شەيخنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى مۇزىكا ئەسەرلىرى، ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرى، ئۇيغۇر سەنئىتى ساھەسىدىكى پىكىرلىرى بەلكىم ئۇنىڭ قامىلىشغا سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شاھادىتىنىڭ 24- يىلىدا ئۇستاز نىزامىدىن ھۈسىيىننى ئەسلەيمىز

جۈ ئاپرېل 8 , 2022
مەرھۇم ئۇستازىمىز نىزامىدىن ھۈسەيىننى ۋاپاتىنىڭ 24 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭقۇر ئەسلەيمىز ۋە يات ئېتىمىز

You May Like