سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەنە بىر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا

سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەنە بىر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا

 سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەنە بىر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 13-ئۆكتەبىر

ئىجتىمائىي تور بەتلەردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا تۇرسۇن ئەزىز ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە تۇرسۇن ئەزىز ئىسىملىك بۇ كىشى بۇ يىل 25-ئاۋغۇست تۈركىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىشىدا ئايرودرومدا سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، چەتئەلدە ئىستەك سورىقىنى قىلىدىغان تۇغقانلىرى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار سىرتقا ئاشكارىلانمىغان.

ئىھسان شۈكران ئىسىملىك تورداشنىڭ فەيسبۇك بېتىدە يېزىشىچە تۇرسۇن ئەزىزنىڭ تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا قانۇنلۇق تۇرۇش كىنىشكىسى بار بولغان ئەھۋالدا تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، دائىرىلەر بىر قانچە كۈن ئىچىدە سوت ئېچىپ ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشى ئېھتىماللىققا يېقىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئالغان يەنە تۆت (بەلكىم ئۇنىڭدىن كۆپ) ئۇيغۇر تۇتقۇندا بولۇپ، سەئۇدى دائىرىلىرى بۇلار توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇرنى سىرتقا ئاشكارىلىمىغان.

ئۇچۇر ۋە رەسىم مەنبەسى: İhsan Xukran ئىسىملىك تورداشنىڭ فەيسبۇك بېتى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

لاگېر شاھىتلىرى چېخيەدە گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئېلىپ باردى

پە ئۆكتەبىر 13 , 2022
لاگېر شاھىتلىرى قەلبىنۇر سىددىق خانىم ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملار چېخيەدە گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

You May Like