ئوغلۇمغا دەيدىغانلىرىم

ئوغلۇمغا دەيدىغانلىرىم

ئوغلۇمغا دەيدىغانلىرىم

غوجىمۇھەممەد  مۇھەممەد

 

1

ئوغلۇم، سەن چوڭ بولغانسىرى دۇنيامۇ چوڭىيىپ بارىدۇ، چۈشەنگەنسىرى سىرلىقلىشىدۇ، بىلگەنسىرى بىلمىگەنلىرىڭ كۆپىيىدۇ… تەمتىرىمە، ئەڭ مۇرەككەپ سىر- يەنى ئۆزۈڭنى چۈشەنسەڭلا باشقا سىرلارغا يول ئېچىلىدۇ.

2

ئائىلەڭنى قوغدا، سەندە ئاستا- ئاستا مەھەللەڭنى قوغداش تۇيغۇسى يېتىلىدۇ.

3     

تارىخلارنى ۋاراقلاۋەرمە، ئېزىپ قالىسەن، چۈنكى يات ئىز چۈشمەيدىغان يول يوق.

4

ھاياتنىڭ مەنىسى ئۆلۈمدە، بەزىدە ياشاش ئۈچۈن ئۆلۈمگە ئاتلانماق كىرەك. ئوغلۇم، پەيتى كەلگەندە مەندىن رازىلىق سورايمەن دەپ ۋاقىتنى كېچىكتۈرمە، تۇغۇلۇشىڭدىلا ئۆلۈمىڭگىمۇ رازىلىق بەرگەنمەن.

5

يەرنى قەدىرلە، ھەتتا خوشناڭدىنمۇ قىزغان. تۇزنى قەدىرلە، ياتلارغا بارمە. چۈنكى  يەر- ۋەتەن، تۇز- ئەرك دېمەكتۇر.

6

ئوغلۇم، ئەركنى كىشەنلەنگەن قۇللاردىن، ھەقىقى بايلىقنىڭ نىمىلىگىنى ئاچ- يالىڭاچلاردىن سورا. بايلار ۋە ھۈرلەرنىڭ پۈتكۈل نەرسىسى قۇللار ۋە ئاچ- يالىڭاچلاردۇر.

7

تىنىچ كۈنلەرگە ئەسلا ئىشەنمە. دۇنيادا ئەلمىساقتىن تىنىچلىق بولغان ئەمەس ۋە ئەبەدى بولمايدۇ. ئۇزۇنغا سوزۇلغان تىنىچلىق تىخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ، ئۇ بىر زور دەھشەتلىك جەڭنىڭ سۈكۈتلۈك ھالىتىدۇر.

8

قاقىر ئىتىزدىن ھىرىپ- ئېچىپ كېلىپ ۋەيرانە كەپىلەردە يىرتىق چاپانلىرىنى سېلىۋىتىپ، پۇچۇق داپلىرىنى داراڭشىتىپ ئاچلىق ئازاۋىنى قوغلاۋاتقانلارغا قاراپ ئۆزۈڭنىڭ ئېسىل كىيىملىرىڭ ۋە كاتتا سەنئىتىڭدىن زوقلانما. مەدەنىيەتنى ئاشۇلار ياراتقان

9

دۇنيانى چۈشىنىمەن دەپ ئارتۇقچە ئاۋارە بولما، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئەخلاق ۋە تىنىچلىق پەردىسىنى قايرىۋەتسەڭلا ئۇ كۆز ئالدىڭدا نامايەن بولىدۇ.

10   

بەزىدە مەردلىك- ئۆلۈم سىگنالى، سەمىمىلىك- سىرىتماق، ۋىجدان- دار بولۇپ قالىدۇ.

11

ساڭا قالدۇرغان مىراسلىرىمنىڭ ئىچىدە بىر دانە ئويۇنچۇق سائەت بار، ئۇ ۋاقىتقا مەڭگۈ سادىق، چۈنكى ئۇ ماڭمايدۇ. ھاياتقا، سۆيگۈگە، ئۆلۈمگە كېچىكىش يوق، ھەر بىر دەم سەن قىلماق بولغان ئىشنىڭ دەل ۋاقتىدۇر. ھەممە ئادەمنىڭ بىردىن سائىتى بولغاچقا بۇ دۇنيا كېچىكىشكە تولغان. ئوغلۇم، سەن كېچىككۈچىلەردىن بولۇپ قالما.

12

ھازىر ئاقىللار كۆپىيىپ كەتتى، ھىكمەتلەر ئالەمنى توپاندەك باستى. ئاشۇ ھىكمەتلەر توپانىدا تۇنجۇقۇپ كەتمەسلىكىڭ ئۈچۈن نادانلار بىلەنمۇ ھەمسۆھبەتتە بولۇپ تۇر.

ئاچار مىڭ ئاقىلنىڭ ئەقىل كۆزىنى

بىر تەلۋە ناداندىن ياڭرىغان چۇقان.

13

ئەرزىمەس يېشىڭنى مۇقەددەس زىمىنغا تۆكمە، ئۇ قان ۋە تەردە كۆكلەيدۇ.

14

سەن ئىنتىلگەن ۋېسال بەلكىم سانسىز ئۆلۈملەرنىڭ كەينىدىدۇر، ھىجران دەل- سەن كېچەلمەيۋاتقان جاندۇر.

15

كۆز ياشلىرىڭغا قارماق سالما، قارماققا ئۆزۈڭنىڭ يۈرىكى ئىلىنىدۇ.

16

جاھاندا تالاي ئىنقىلابلار بولۇپ ئۆتتى، لىكىن ھىچقايسىسى قۇياشنى مەغلۇب قىلالمىدى. ئۇنىڭ سەۋەبى پەقەت بىرلا: ئۇ بولسىمۇ- پۈتۈن يەر- جاھان ۋە پۈتكۈل ئىنسان پەقەت نۇر دەپلا خىتاب قىلىدۇ.

17

نۇر چېچىشنى بىلمىسەڭ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگۈسى بولۇپ قالىسەن.

18

ئۆيۈڭگە مېھمان باشلاپ تالادا قالما، كۆڭۈل دەپ رەسۋا بولۇپ بالادا قالما.

19

يالىڭاچ قالغاندا ئۇسۇل ئوينىما، قورسىقىڭ ئاچقاندا ناخشا توۋلىما.

20

ئاچلىقنى شۈكرى بىلەن يىراق قىلما، خارلىقنى سەۋر بىلەن چىراق قىلما.

 

                                        2000- يىل. خوتەن

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

تۈركىيە بىلەن ئ‍سرائىلىيە دىىپوماتىك مۇناسۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى

شە ئاۋغۇست 20 , 2022
ئىسرائىلىيە باش منېستىر ئىشخانىسى 17-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ قايتىدىن باش ئەلچى ۋە باش كونسۇل ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى تۈركىيە بىلەن ئ‍سرائىلىيە مۇناسۋىتى ئۆتكەن ئون نەچچە يىل ئىچىدە، ئىزچىل تېركىشش ۋە زىددىيەت ئىچىدە داۋاملىشپ كەلگەن ئىدى.

You May Like