شۇ كۈنلۈك دەرسلەرنى ۋاقتىدا تەكرار قىلدۇرۇشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

ئەستە قالدۇرۇش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۇسلىشىدۇ. بۇ نۇقتىنى ھەرقانداق ئادەم ئۆز تەجرىبىسىدىن بىلەلەيدۇ. ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى ئېسىمىزدە پۇختا ساقلاش ئۈچۈن، دەل ۋاقتىدا تەكرار قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا، ئۆگىنىشنىڭ بىرقانچە ھالقىلىرى ئىچىدە «تەكرار قىلىش» ئىنتايىن مۇھىم. تەكرار قىلىش ئارقىلىق چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، خاتىرىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.

ئەستە قالدۇرۇش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۇسلىشىدۇ. بۇ نۇقتىنى ھەرقانداق ئادەم ئۆز تەجرىبىسىدىن بىلەلەيدۇ. ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى ئېسىمىزدە پۇختا ساقلاش ئۈچۈن، دەل ۋاقتىدا تەكرار قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا، ئۆگىنىشنىڭ بىرقانچە ھالقىلىرى ئىچىدە «تەكرار قىلىش» ئىنتايىن مۇھىم. تەكرار قىلىش ئارقىلىق چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، خاتىرىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.

ئەستە قالدۇرۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنتۇپ قىلىش بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، ئەستە قالدۇرۇشنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. چەت ئەللىك بىر پىسىخولوگ ئۇنتۇلۇشنىڭ ۋاقىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىپ، «ئۇنتۇلۇش  ئەگرى سىزىقى» جەدىۋىلىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇ دەسلەپكى ۋە كېيىنكى ئوخشىمىغان ۋاقىت ئىچىدىكى ئۇنتۇلۇش مىقدارىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۇنتۇلۇشنىڭ ئەڭ تېز، كېيىنكى مەزگىلدىكى ئۇنتۇلۇشنىڭ ئاستا بولىدىغانلىقىنى ھەمدە بىر ھەپتىدىن كېيىنكى ئۇنتۇلۇش بىلەن بىر ئايدىن كېيىنكى ئۇنتۇلۇشنىڭ ئوخشاش دېگۈدەك بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.

بۇ بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئۇنتۇلۇش سۈرئىتى ئۆگىنىشتىن كېيىن ئەڭ تېز بولىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جەزمەن بالدۇرراق تەكرار قىلىش كېرەك. ئادەتتە خاتىرىگە ئېلىنىدىغان مەزمۇنلارنى سەككىز-توققۇز سائەت ئىچىدە يەنە بىر قېتىم تەكرالىغاندا ئۇنى ئەستە قالدۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا، كۈندۈزى ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئاخشىمى بىر قېتىم تەكرار قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. نۇرغۇن بالىلار ئۆگىنىشتە تەكرار قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. دەرسلىرىنى تەكرارلاشنى تاپشۇرۇق «ئىشلەش» دەپلا چۈشىنىدۇ. شۇڭا، بەزى بالىلار چۈشلۈك دەم ئېلىش، ھەتتا دەرس ئارىلىقىدىكى 10 مىنۇت تەنەپپۇس ۋاقىتلىرىدا ئالدىراپ-سالدىراپ تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ.

ئۇلار «يېزىپ بولۇش» نى ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولغانلىق، دەپ ھېسابلايدۇ. «يازىدىغان» نەرسە بولمىسا، تاپشۇرۇق يوق دەپ قارايدۇ. نۇرغۇن ئائىلە باشلىقلىرىدىمۇ مۇشۇنداق خاتا چۈشەنچىلەر بار. دەرس تەكرارلاشتا ئالدى بىلەن شۇ كۈنى دەرسخانىدا سۆزلىگەن مەزمۇنلارنى ئەتراپلىق تەكرار قىلىش، مۇھىم جايلارنى قايتا-قايتا ئىگىلەپ، خاتىرىنى كۈچەيتىش، يازىدىغان تاپشۇرۇقلارنى ئالدى بىلەن تەكرار قىلىپ، ئاندىن كېيىن قەلەم تەۋرىتىپ يېزىش، يازمايدىغان تاپشۇرۇقلارنىمۇ ئەستايىدىل تەكرار قىلىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھەر كۈنلۈك دەرسنى شۇ كۈنى تەكرار قىلغاندىلا، ئاندىن خاتىرىنى مۇستەھكەملىگىلى، پۇختا ئۆگەنگىلى بولىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئاشقازاننىڭ ئىسسىقىنى ياندۇرۇشتىكى يەتتە خىل ئۈنۈملۈك چارە

پە ئاپرېل 26 , 2018
اشقازاننىڭ ئىسسىقى ئۆرلەپ قالغاندا ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، ۋاقتىدا ئوزۇقلۇق ۋە تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتىن تەڭشەش ئېلىپ بارسىلا بولىدۇ. ئاشقازاننىڭ ئىسسىقىنى ياندۇرۇشتىكى تۆۋەندىكى يەتتە خىل ئۈنۈملۈك چارىنى ئىگەللىۋېلىش كېرەك

You May Like