شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرىنىڭ 2- قېتىملىق پائالىيەتلىرى داۋام قىلماقتا

شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرىنىڭ 2- قېتىملىق پائالىيەتلىرى داۋام قىلماقتا

ئامىنە سەدەف خەۋىرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 26 – سېنتەبىر

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمنى پۈتۈن تۈركىيىگە تۇلۇق ئاڭلىتىشنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيەدىكى كۈنتەرتىپلىك مەسىلىلەر قاتارىغا ئېلىپ چىقىشنى  مەقسەت قىلىپ ، لاگېر قۇربانلىرى ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان « شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى » نىڭ 2- قېتىملىق سەپىرى مۇشۇ ئاينىڭ 17_ كۈنى سىۋاس شەھرى  بىلەن باشلانغان بۇلۇپ ، ھازىرغىچە سىۋاس ، ئەرزىنجان ، ئەرزۇرۇم، رىزە ، تىرابزون قاتارلىق شەھەرلەردە ئىمزا توپلاش، ئاخبارات ئېلان قىلىش ، تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىش ، كەڭ كۆلەملىك لېكسىيە سۆزلەش ، يەرلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە گېزىتخانىلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان . 

زىيارىتىمىزنى قۇبۇل‌ قىلغان لاگېر قۇربانلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى ، ئاكتىۋىتىس مەدىنە نازىمى خانىم ھەر قايسى شەھەرلەردە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ‌ ، « بىز پائالىيەت ئېلىپ بارغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە خەلق بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى . مەيلى ئىمزا توپلاش پائالىيتىمىز بولسۇن ياكى ئاخبارات ئېلان قىلىش ياكى ئورۇنلاشتۇرۇلغان لىكسىيەلەرگە بولسۇن ئىنتايىن قىزغىن مۇئامىلە قىلدى . پائالىيەتلىرىمىزنى يەرلىك ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ،  İHH ، ھەرقايسى سىياسىي تەشكىلاتلار، تۈرك ئوجاكلىرى، ھەرقايسى تېلېۋىزىيە قاناللىرى ، ژورنالىستلار ھەر تەرەپتىن قوللىدى ۋە ھەمكارلاشتى  .

خىتاي كونسۇلى ئالدىدا ئېلىپ بارغان ئۇزۇن مۇددەتلىك پائالىيتىمىزنىڭ تەسىرىنى بىز بارغان شەھەرلەردە تېخىمۇ ھېس قىلدۇق . نۇرغۇن يەرلىك خەلق ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى بىر يىلدىن بىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى  ئەمما ئەمەلىي ياردەم قىلىش قولىدىن كەلمەيۋاتقانلىقىنى ۋە پەقەتلا دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ خىجىللىقىنى بىلدۈردى » دېدى . 

«شەرقىي تۈركىستان. ئۈچۈن ئاناتولىيە » سەپىرى 2_ ئاۋغۇست بۇرسادا باشلانغان بۇلۇپ ، بىرىنچى قېتىملىق سەپەردە بۇرسا ، كونىيا ، ئالانىيا ، گازىئانتەپ ، كاپادوكيا، قەيسىرىي ، ئوسمانىيە قاتارلىق شەھەر ، ۋىلايەتلەردە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ ، پائالىيەتلەر  ئارىدا قىسقا بىر دەم ئالغاندىن 17- سېنتەبىر 2_- قېتىملىق سەپەرگە ئايلانغان .

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 19

Next Post

نۆۋەتتىكى گېرمانىيە فېدېرال ھۆكۈمىتىنى قايسى پارتىيىلەر تەشكىللەيدۇ؟

دۈ سېنتەبىر 27 , 2021
نۆۋەتتىكى گېرمانىيە فېدېرال ھۆكۈمىتىنى قايسى پارتىيىلەر تەشكىللەيدۇ؟

You May Like