تېجارەتچى ئىلياس ئابلىكىم ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن

خەۋەر تەييارلىغۇچى: ئىھسان

خەۋەر مەنبەسى: مەزكۇرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى؛

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 16-نويابىر

تۈركىيە ئىستانبۇلدا قانۇنلۇق تىجارەت قىلىۋاتقان ئىلياس ئابلىكىم ،ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئالاھىدە ھەركەت ساقچىلىرىنىڭ ئۆيگە باستۇرۇپ كېرىشى بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن .

بۇ كىشنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەركەت قىلىۋاتقان تەشكىلات، ۋە پائالىيەتلەرنىڭ قۇلدىن كىلىدىغان ئىمكانىيەتلەر بىلەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز » دىگەن.

ئىلياس ئابلىكىمنىڭ، يېقىنلىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە ؛ ئىلياس ئابلىكىم 14 20-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن. يۇرتى ۋەتىنىمىزنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن، 30ياش. ئايالى مەرھابا ئابدۇرەھىم 28 ياش ۋە ئىككى پەرزەنتى بۇلۇپ، بىرى 6 ياش، كىچىكى ئانا سۈتتىنمۇ ئايرىلمىغان 2 ياشلىق سەبى بالا ئىكەن .

ئىلياس تۈركىيىگە كەلگەندىن بېرى، ئىستانبۇلنىڭ سافا كۆي رايونىدا تىلفۇن دۇكىنى ئېچىش، تىلفۇن ئېلىپ سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئىلياس ۋە ئائىلىسدىكىلەرنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئۇزۇن دۆنەم ئىقامىتى بار بۇلۇپ، نورمال ئۆز تۇرمۇشى بىلەن ياشاۋاتقان ئىكەن، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەتەنداشلىق بېرىلگەن ۋاقىتلاردا ئىلياسمۇ ئائىلىسى بىلەن تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا مۇراجىئەت قىلغان بۇلۇپ ، ھەممە تەكشۈرۈش باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ بۇلۇپ ئەڭ ئاخىرقى بىر نەتىجىنى ساقلاۋاتقان پەيىتتە،

2023-11-10 كۈنى پەيشەنبە بامدات نامىزى ۋاقتى بىلەن ،تۈركىيە ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرىنىڭ ئۆيگە باستۇرۇپ كېرىشى بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن .

ئەڭ باشتا ساقچىلار ئىلياسنى تۇتقىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ ئايالى ۋە بالىلىرىغا چېقىلمىغان ئىكەن . كەينىدىن بىر قانچە تىلفۇن كۆرۈنۈشلەردىن كېيىن ئايالىنى ھەمدە ئىككى بالىسىنىمۇ تۇتۇپ ئېلىپ كەتكەن .

ئىلياس تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن،ساقچى ئىدارىسىدا بىر كىچە تۇتۇپ تۇتۇرۇلغان . ئەتىسى كۈنى چاتالجا كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە يۆتكەلگەن . نەچچە كۈن ئۆتكۈزۈپ ،قەيسەريىدىكى چەتئەللىكلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە يۆتكىۋېتىلگەن. ئايالى مەرھابا ئابدۇرەھىم سافا كۆيدىكى نازارەت مەركىزىدە 3 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن ، سېلىم پاشادىكى چەتئەللىكلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە يۆتكەلگەن . ئىككى پەرزەنتى بولسا نازارەتخانىدا 3 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش جەريانىدا قاتتىق قۇرقۇپ كەتكەن بۇلغاچ ئاغرىپ قېلىپ، يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن . ئانا سۈتى ئېلىۋاتقان 1.5 ياشلىق بىگۇناھ بىر بالا ئانا سۈتىدىن ئايرىلىپ قالغان .

يېىقىنلىردىن ئېلىنغان مەلۇماتتا ؛ ئىلياس ۋە ئايالى ئۈچۈن ئادۋۇكات تۇتۇلغان بولسىمۇ كۆرۈنەرلىك بىر نەتىجە بەرمىگەن . ئىلياسنىڭ يېقىنلىرى تۇتۇپ كېتىلگەن كۈننىڭ ئەتىسى ،تۈركىيىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايتۇللاھ ئۇغۇزخانغىمۇ ئەھۋاللارنى ئېيتىپ ، ئىلياس ۋە ئايالىنىڭ قۇيۇپ بىرلىشى ئۈچۈن مۇناسۋەتلىك ئورگانلار بىلەن كۆرۈشۈپ يۇل مېڭىشىنى سورىغان. ھىدايتۇللاھ ھاجىممۇ قۇلدىن كېلىشچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى دېگەن، ئەمما ھازىرغىچە يەنىلا بىر ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بۇلىمىغان . ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە : بىر ھەپتە بۇرۇن تۈركىيىنىڭ ئوخشىمىغان رايۇنلىرىدا 10 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بىر ۋاقىتتىلا تۇتۇپ كېتىلگەن بۇلۇپ ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى چەتئەللىكلەرنى قايتۇرۇۋېلىش مەركىزىدە ،خىتتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن .

مەزكۇنىڭ يېقىنلىرى يەنە « مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ دۇئالىرىدا بۇ قېرىنداشلارنىڭ سالامەت قۇيۇپ بېرىلىشى ،ئائىلىسى بىلەن جەم بۇلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قۇيۇشىنى سورايمىز، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن قۇلدىن كېلىدىغان ئىمكانىيەتلەر بىلەن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز .» دىگەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار

پە نويابىر 16 , 2023
 ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى مەركىزى ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. مەركىزى ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە  ئەسلىدە ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان جاي پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزبېكىستان بولۇپ، لېكىن 1937-1938-يىللاردا سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي سىياسى ۋە مەدەنىي مەركىزىنى ئۆزبېكىستاندىن قازاقىستانغا يۆتكىگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۆزبېكلەر بىلەن بولغان زور ئوخشاشلىق ئالاھىدىلىكلىرى ۋە باشقا […]
ئۆزبەكستاندىكى ئۇيغۇرلار

You May Like