تۈركىيەدە تەيۋەن تەتقىقاتى مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى !ئۇيغۇرلار مۇھىم رول ئوينىدى!

تۈركىيەدە تەيۋەن تەتقىقاتى مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى !ئۇيغۇرلار مۇھىم رول ئوينىدى!

تۈركىيەدە تەيۋەن تەتقىقاتى مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى !ئۇيغۇرلار مۇھىم رول ئوينىدى!

تۈركىيە ستار گېزىىتىنىڭ 4-ئاپرىل خەۋىرى؛ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى:تايىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنېۋرستىتى ئاسيا-تىچ ئوكيان تەتقىقاتى مەركىزى تەرىپىدىن ئەنقەرەدە <<تۈركىيەدە تەيۋەن تەتقىقاتى>>مۇھاكىمە مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلگەن.

يېغىندا،تەيۋەننىڭ يېزا ئىگىلىك سياسىتى،باشقۇرۇش سستىمىسى،تەرەققىيات  سياسىتى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشدىن كۈنىمىزگىچە تەيۋەننىڭ ئېقتسادى ئەھۋالى قاتارلىق تېمىلار مۇھاكىمە قىلىندى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى چورۇم مىللەت ۋەكىلى ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىدارە باشلىقى سالىم ئۇسلۇ مۇھاكىمە يېغىندا سۆزلىگەن سۆزىدە تۈركىيە بىلەن تەيۋەن ئارسىدا كۆڭۈل بىرلىكى بارلىقىنى ئىيتتى.

ئېقتساد ۋە تېكنىكا تەرەققىياتى سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ تەيۋەنگە سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئۇسلۇ:ئارىمىزدىكى تىجارەت ئالاقىسى بارغانسرى ئاشماقتا،بولۇپمۇ زەيتۇن مېيى،ياڭاق،لوقۇم ۋە تۈرك چېيى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تەيۋەن بازارلىردىكى ئەھۋالى غايەت ياخىشى بولماقتا.

<<تۈركىيەدىن تەيۋەنگە تېخىمۇ كۆپ ئېكسپورت قىلىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز>>

ئەنقەرە-تەيبى ئېقتساد ۋە كۈلتۈر گۇرۇپپىسى ۋەكىلى ياسر چىڭ تاي سڭ تۈركىيەگە يىلدا 80مىڭ تەيۋەنلىك ساياھەتچى كەلگەنلىكىنى تىلغا ئىلىپ،ساياھەتنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسدىكى تىجارەت بوشلۇقىنى تولدۇرىدىغان مۇھىم بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چىڭ 2014-يىلىدىن ھازىرغىچە تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك سياسى پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئۈچۈن 15 مىلىيون دوللاردىن ئارتۇق نسبەتتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى،<<ھاتاي ،غازى ئەنتەپ،كىلىس،شانلى ئۇرفا ۋە ئادىياماندا پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم قىلدۇق >>دىدى.

تەيۋەن بىلەن تۈركىيەنىڭ تىجارەت مۇناسۋەتلىرىگە ئشارەت قىلغان چىڭ :<<تۈركىيە ،تەيۋەننىڭ ياۋروپادا ئەڭ ئارتۇق

ئېكسپورت قىلغان ئالتنچى دۆلەت ،تۈركىيەنىڭ بىزگىمۇ تېخىمۇ كۆپ ئېكسپورت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز >>

چىڭ،تەيۋەندە تەخمىنەن 300 مىڭ مۇسۇلمان نوپۇسنىڭ بارلىقىنى ئەسلىدى،<<تۈركىيەنىڭ تەيۋەندىكى كۈلتۈر مەركىزى ئورنىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر مەسجىد قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشنى كۈتىمىز >>.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ختتاي:ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىختىلاپى يەنىلا كەسكىن

يە ئاپرېل 22 , 2018
ختتاي:ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىختىلاپى يەنىلا كەسكىن

You May Like