ختتاي تۈركىيە تاراتقۇلىرىنى ئۇيغۇرستاندا تەشۋىقات زىيارىتىدە بولۇشقا تەشكىللىگەن.

ختتاي تۈركىيە تاراتقۇلىرىنى ئۇيغۇرستاندا تەشۋىقات زىيارىتىدە بولۇشقا تەشكىللىگەن.

 

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 22-ئ‍يۇل

ختتاينىڭ خەلق تورىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە تاراتقۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇلار بازار، مۇزېي، كارخانا، مەنزىرە رايونى، مەكتەپ ۋە مەسچىتلەرگە كىرىپ ئاتالمش «شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى » ئىگەللىگەن.

ختتاينڭ خەۋىرىگە ئ‍اساسلانغاندا، تۈرك مۇخبىرلىرىدىن گۆكھون،  گۆچمەن مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى، ھەسەن بون تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇسى «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ نوپۇزلۇق مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى، خەلىل  قاتارلىق ئاتالمىش «داڭلىق تۈرك مۇخبرلار» ختاينىڭ ئۇيغۇرستاندا ئىلىپ بىرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ماختىغان ۋە ختاينىڭ تەشۋىقات سۆزلىرىنى تەكرارلىغان.«غەرب تاراتقۇلىرى ھەمىشە جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تېمىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ، مېنىڭچە ئۇلار ھەقىقىي ئەمەس. سىز شىنجاڭغا ھەقىقىي كېلىپ، بۇ يەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدلىك ئىكەنلىكىنى بايقايسىز، بۇلار ھەرقانداق ساختا خەۋەردىنمۇ قىممەتلىك.«

«شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، بۇ يەردە جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى شىنجاڭنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇردى. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى سۈرەتكە ئالغان سىن ۋە ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھ بولغان ھەقىقىي ئەھۋال ئارقىلىق دۇنياغا ھەقىقىي شىنجاڭنى بايان قىلماقچى بولدى.»

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مەزكۇر ئ‍سملار بويىچە تۈركچە قاناللارنى تەكشۈردى، ھازىرغىچە ختايلار خەۋەر قىلغاندەك ئ‍سم ،ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار باياناتلىرىنى ئۇچراتمىدى.

Uyghur Reporter

Next Post

دوكلات: ختتاي كۆچمەنلىرى ئامېرىكىغا كىلىشتە ئۇچۇر ئورتاقلىششنى ئاساس قىلىدۇ.ئۇيغۇرلار ھەمكارلاشمىغانلىقى ئۈچۈن كىلىدىغانلارنىڭ سانى ئاز بولماقتا.

سە ئىيۇل 25 , 2023
دوكلات: ختتاي كۆچمەنلىرى ئامېرىكىغا كىلىشتە ئۇچۇر ئورتاقلىششنى ئاساس قىلىدۇ.ئۇيغۇرلار ھەمكارلاشمىغانلىقى ئۈچۈن كىلىدىغانلارنىڭ سانى ئاز بولماقتا.

You May Like