ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان تۈرك خەلقىگە كۆڭلىنى ئىپادىلىمەكتە

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان تۈرك خەلقىگە كۆڭلىنى ئىپادىلىمەكتە

 ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان تۈرك خەلقىگە كۆڭلىنى ئىپادىلىمەكتە

تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 14-فېۋرال

تۈركىيەنىڭ ئون شەھىرىدە يەر تەۋرەش  يۈز بېرىپ، ئون مىڭلىغان خەلقنىڭ ھاياتى تالاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تۈركىيە خەلقىگە ياردەم قولىنى سۇنماقتا.

ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋەر تاپقان ياردەم پائالىيەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئامېرىكىدا ياشايدىغان كارخانىچى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى قۇززات ئالتاي ئۆزىنىڭ ئېنىستگرام ھېسابىدا شىركەت نامىدىن  ۋە ئەتراپىدىكىلەردىن يىغىلغان جەمئىي 256 مىڭ ئامېرىكا دوللارنى ئاپەتكە ياردەم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى؛

ۋېرگىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى ۋەكىلى ئارسلان ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مەركەز جامائەتلىرى 10 مىڭ دوللار يېغىش قىلىپ، تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا يەتكۈزگەن؛

ۋېرگىنىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى  ئانا مېھرى ( Ana Care) مەكتىۋىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن يېغىلغان بىر ماشنا قشلىق كىيمكېچەك، ئەدىيال ۋە چېدىر قاتالىقلارنى تۈركىيە ئەلچىخانىسغا يەتكۈزۈپ بەردى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىگىلىشىچە، دولان يېمەك-ئىچمەك شىركىتى خوجايىنى خەمىت كەرىم ئەپەندى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن ياردەم پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، 150 كىشىلىك ئۇيغۇرچە تاماقلارنى ئىلىپ، تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىكى خادىملار ۋە تۈرك جامائىتىنى يوقلىغان.

ئىنتېرنېتتا ئېلان قىلىنىۋاتقان تۈرلۈك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، باشقا شتات ۋە شەھەرلەردىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلار تارقاق ھالەتتە تۈركىيە خەلقىگە ئىقتىسادى ياردەم قىلغانلىقى دىققەتكە سازاۋەر.

 

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي باياناتچىسى: ئەركىن تۇنيازنىڭ تەپسىلىي كۈنتەرتىپىدىن خەۋىرىم يوقكەن

چا فېۋرال 15 , 2023
خىتاي باياناتچىسى: ئەركىن تۇنيازنىڭ تەپسىلىي كۈنتەرتىپىدىن خەۋىرىم يوقكەن

You May Like