خىتاي باياناتچىسى: ئەركىن تۇنيازنىڭ تەپسىلىي كۈنتەرتىپىدىن خەۋىرىم يوقكەن

خىتاي باياناتچىسى: ئەركىن تۇنيازنىڭ تەپسىلىي كۈنتەرتىپىدىن خەۋىرىم يوقكەن

 خىتاي باياناتچىسى: ئەركىن تۇنيازنىڭ تەپسىلىي كۈنتەرتىپىدىن خەۋىرىم يوقكەن

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 15-فېۋرال

سەيشەنبە كۈنى (14-فېۋرال) خىتاي باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن مۇخبىرنىڭ ئەركىن تۇنيازنىڭ ياۋروپا ساياھىتى توغرىسىدىكى سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: « ئەركىن تۇنيازنىڭ تەپسىلىي كۈنتەرتىپىدىن خەۋىرىم يوقكەن» دېگەن. ئۇ قوشۇمچە قىلىپ كونا مۇقامى بويىچە خىتاينىڭ ئاتالمىش شىنجاڭدىكى سىياسىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ چەتئەلنىڭ خىتاي ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ۋەھالەنكى بىر ھەپتە ئىلگىرى خەلقئارا مېدىئالارنىڭ خەۋەر قىلغىنىدەك، قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنياز 13-فېۋرالدىن باشلاپ ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان شۇنداقلا فىرانسىيە ۋە بېلگىيەدىكى خىتاي كونسۇللىرىنىڭ ئەركىن تۇنيازنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ تارقالغان ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلا باياناتچىسىنىڭ « بۇ ئىشلاردىن خەۋىرىم يوق» دېيىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغانچى تەبىئىتىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا نامايان قىلدى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى 14-فېۋرال بايانات بېرىپ ئەركىن تۇنياز بىلەن بولغان بارلىق كۆرۈشۈشلەرنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ۋاڭ يى ياۋروپا زىيارىتى ئۈچۈن پارىژغا يېتىپ كەلگەن

چا فېۋرال 15 , 2023
خىتاي دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ۋاڭ يى ياۋروپا زىيارىتى ئۈچۈن پارىژغا يېتىپ كەلگەن

You May Like