ئەنگىلىيە تاراتقۇسى: خىتاي ئافغانىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇۋاتىدۇ!

خىتاي ئافغانىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇۋاتىدۇ: خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى تەسىرىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ سىرتىدا ئارمىيە تۇرغۇزىۋاتقانلىقى مەلۇم

مۇخبىر بەن فارمەرنىڭ 29 ‫-‬ ئاۋغۇست ئىسلامئ‍ابادتىن بەرگەن خەۋىرى

خىتاي ئافغانىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇۋاتىدۇ: خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى تەسىرىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ سىرتىدا ئارمىيە تۇرغۇزىۋاتقانلىقى مەلۇم

مۇخبىر بەن فارمەرنىڭ 29 ‫-‬ ئاۋغۇست ئىسلامئ‍ابادتىن بەرگەن خەۋىرى

 

  

رەسىم:  ئافغانىستاندىكى خىتاي ھەربى بازىسى جايلاشقان ۋاخان كارىدورى

 

 ئەسلى خەۋەر مەنبەسى: ئەنگىلىيە تېلىگىراف گېزىتى

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:گۈلخان

تەھرىر:مەنزىل

تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى:ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

  مەلۇم بولىشىچە، خىتاي نەچچە يۈزلىگەن ئەسكەرلىرىنى غەربى دىياردىكى شىنجاڭ ئارقىلىق ئافغانىستانغا يۆتكەپ، ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ تىرورلىققا قارشى تۇنجى ھەربى بازىسىنى قۇرۇپ چىقماقچى ئىكەن. خىتاي ئۆتكەن يىلى ئافرىقىنىڭ جىبۇتىدا تۇنجى ھەربىي بازىسىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئافغانىستاندىكىسى ئۇنىڭ چەتئەللەردە ھازىرغىچە قۇرۇپ چىققان 2 ‫-‬بازىسى ھىساپلىنىدىكەن. جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ بازىغا 500 ئەتراپىدا خىتاي ئەسكىرى تۇرغۇزىلىدىغان بولۇپ، بۇلار ئافغانىستاننىڭ شەرقى شىمالىدىكى بەدەخشان ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋاخاڭ كارىدورىدا ئافغان ئەسكەرلىرىگە ھەربى مەشىق ۋە تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ ئەھۋاللار ئاللىبۇرۇن شۇ يەردە باشلىنىپ بولغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقارقى دوكلاتنى رەت قىلغانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئافغانىستاننىڭ تۇراقسىز ۋەزىيتىنىڭ ئۇنىڭغا خوشنا شىنجاڭغا تارقىلىپ كېتىشىدىن غەم يەۋەتقان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىنى كۆۋرۈك قىلىپ ئېلىپ باردىغان 21‫-‬ ئەسىردىكى يېڭى يىپەك يولى بۈيۈك پىلانىغا ئەكس تەسىرى بولىدىكەن. بېيجىڭ تەرەپ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى سەۋەپلىك ئەيىپلىنىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشلىرىنى ‫«‬ئىسلامى زوراۋانلىققا قارشى تۇردۇق‫» دەپ چۈشەندۈرۈپ كەلدى. خىتايدا نەچچە يۈز ئادەم زوراۋانلىق تۈپەيلى جېنىدىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم. رەسىم: خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى جىبۇتىدا قۇرغان تۇنجى ھەربىي بازىسى. خىتاينى بۇنچىلىك غەمگە پاتۇرغىنى ئافغانىستاندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىن بارغان خىتاي گىراژدانى بولغان بۆلگۈنچىلەر بولۇپ، بۇلار ئافغانىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدا تەلىم ئالغان ۋە ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقانلار ئىكەن. ئافغانىستان ئەسلىدىنمۇ يۈزلىگەن «ئىسلام دۆلىتى» گە ساداقەتمەن قوراللىقلارنىڭ ماكانى بولۇپ، بۇ گۇرۇپ ئىلگىرى »»خىتايدا قاننى دەريا قىلىپ ئاققۇزىمىز»» دەپ شوئار توۋلىغانكەن. بۇ خەۋەر بىلەن تەمىنلىگۇچىنىڭ مۇخپىرغا بىلدۈرىشىچە، »»خىتاي ئافغان بازىسىدا قۇرۇلۇش باشلىغان بولۇپ، قوراللار ۋە باشقا ئەسلىھەلەر جايلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ ئاز دېگەندە بىر باتالىيون ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئافغان ئەسكەرلىرىنى تەربىيلەپ چېقىدۇ.»» مەنبەدە يەنە بۇ بىر كۆپ چىقىم كېتىدىغان قۇرۇلۇش تۈرى، لېكىن »»ۋەزىيەتكە قارىغاندا شۇنداق قېلىشقا ئەرزىيدۇ.»» دەپ كۆرسىتىلگەن. روسيەنىڭ بىر خەۋەر ئاگىنتلىقىنىڭ بۇ يىل يىل بېشىدا بەرگەن بىر خەۋرىدە خىتاي ۋە ئافغانىستان ئىككى دۆلەت تىرورلۇققا قارشى ئۆز-ئارا ھەمكارلىقتا كىلىشەلىسە، بېيجىڭ تەرەپنىڭ بەدەخشاندا يېڭى بىر بازا قۇرۇشقا مەبلەغ ئاجىرتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ توغرۇلۇق رەسىملەردىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاينىڭ ھەربى ماشىنىلىرى ۋاخان كارىدورىدا 2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپلا پەيدا بولغان. خوڭكوڭ(شىياڭگاڭ)دىكى بىر ھەربىي مەسىلىلەر ئانالىزچىسىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇنداق بازىنىڭ ھالقىلىق رولى بېيجىڭ ۋە كابۇلنىڭ تىرورلىققا قارشى ھەمكارلىشىشى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلەرنى توختۇتۇش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. بۇ مۇتەخخەسىس يەنە »» ئافغانىستان تىرورلۇققا قارشى كۆرەشتە بەك ئاجىز دۆلەت‫.‬ ھازىرقى مەۋجۇت ھۆكۈمەت تالىباننىڭ قايتا باش كۆتۈرىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. لىكىن ئۇلارغا قارشى ئامېرىكا، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىسىز ھىچ ئىش قىلالمايدۇ.»» دىگەن. ئەشرەف غېنىنىڭ كابۇلدىكى ھۆكۈمىتى كۈچلۈك تالىباننىڭ قايتا كۆتۈرۈلىشىگە قارىتا غەم يەۋاتقېنىدەك، خىتايمۇ دۆلەت ئىچىدىكى يوشۇرۇن قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى چوڭ پىلانىغا تەھدىت سېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. خەلقئ‍ارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياۋروپا كومتېتى تەرپىدىن ئۆتكەن ئايدا ئېلان قېلىنغان بىر دوكلاتىدا كۆرسىتلىىشىچە، خىتاي «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادى ئىش تۈرلىرىگە زىيانكەشلىك قېلشىدىن قورقىدىكەن. شۇڭا خىتاي بۇ رويۇنلاردىكى ھەربىي كۈچىنى تېخىمۇ يۇقۇرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، پاكىستاننىڭ گىۋادور پورتىدا بىر سۇ ۋە قۇرۇقلۇق بىرلەشكەن ھەركەت مەركىزى قۇرۇپ چىقىش خىتاينىڭ يۇقارقى رايۇنلاردىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى زورايتىش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىكەن. گوۋادور پورتىنىڭ خىتاينىڭ زور كۆلەملىك مەبلىغى بىلەن قۇرۇلىۋاتقىنى خىتاينىڭ رايون خاراكتىرلىق مەۋجۈت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە كەلگۈسىدە بۇ پورت ئارقىلىق ئەرەب دېڭىزى ھەم ھىندى ئوكيانغا ئۆتۈشىدىكى ھالقىلىق بىر تۈگۈنى ھىساپلىنىدىكەن. گىۋادور پورتى پاكىستاننىڭ 2-‬ سۇ ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە بازىسىغا ئايلانسا، خىتاي گىۋادور پورتىنى 2059‫ ‬ -يىلىغىچە كونتورول قىلىدىكەن.

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

خىتاينىڭ شېرىكلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆزىنى يۇمىۋالماسلىقى كېرەك!

جۈ ئاۋغۇست 31 , 2018
ئەگەر ھۆكۈمەتلەر ھەرىكەت قىلمىسا، خۇسۇسى كارخاناچىلارنىڭ كۆپرەك ياردەم قىلىشى تامامەن مۇمكىن.

You May Like