ختتاي:ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىختىلاپى يەنىلا كەسكىن

ختتاي:ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىختىلاپى يەنىلا كەسكىن

ختتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بىرى لاتىن ئامېرىكىسدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئېقتسادى ئالاقىسنى كۇچەيتىپ بۇرۇنقى كۇبا ۋە ۋىنسۇئىلا قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھەمراھلىرىدىن مۇناسۋەت دائىرسنى كىڭەيتىپ،ئارگىنتىنا،مېكسكا،چىلى،بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگىچە ھەمكارلىق ئورناتتى،زور كۆلەمدە مەبلەغ سالدى،ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ،شۇنداقلا لاتىن ئامېرىكىسدىكى دۆلەتلەرنى ختتاي بىلەن بولغان مۇناسۋىتىنى قايتا باھالاشقا قىزىزىقتۇرۋاتقان بىر پەيتتە ختتاي ھۆكۈمىتى لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن ئامېرىكا مۇناسۋىتدىن گۇمانلانماقتا!

تۆۋەندە،مەركىزى خەلق رادىئو ئ‍ستانسسىنڭ ھەقتىكى  ماقالىسى

8-نۆۋەتلىك ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى 14-ئاپرېل پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا يېپىلدى. يىغىندا ئەڭ ئاخىرى لىما خىتابنامىسى ماقۇللاندى. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى 30 نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىلى ئىتتىپاقلىشىپ ماسلىشىپ چىرىكلىككە زەربە بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى، بىراق ۋېنېزۇئېلا بىلەن كۇبا مەسىلىسىدە ئىختىلاپ يەنىلا ساقلاندى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ تەختكە چىققاندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سۈركىلىشى ۋە تالاش تارتىشى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتى تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا پېرۇ، كولومبىيە قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆزىگە تارتىپ، ۋېنېزۇئېلا بىلەن كۇباغا بېسىم ئىشلىتىپ، لاتىن ئامېرىكىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلىشتەك مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى. لىما باشلىقلار يىغىنى چەتئەللەرگە يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پارچىلىنىشنىڭ كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

غەرب يېرىم شاردىكى ئەڭ مۇھىم باشلىقلار يىغىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرقەدەر زور دەرىجىدە دىققىتىنى تارتتى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 2 مىڭچە مۇخبىر بۇ قېتىمقى يىغىننى خەۋەر قىلدى. ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، تىرامپ ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن بىرلىشىپ سۇرىيەگە قوراللىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.ئامېرىكا قوزغىغان بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەت ئامېرىكا قىتئەسى باشلىقلار يىغىنىغا كۆلەڭگۈ پەيدا قىلدى. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر بەس بەستە خەلقئارا تىنچلىقنى ۋە تەرتىپنى قوغداشنى، جىددىي ۋەزىيەتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. كۇبا بىلەن بولىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىلى ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە يەر شارى ۋەزىيتىنى ئىگىلەپ تۇرغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە يىغىنغا قاتنىشىدىغان تىرامپ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشمىدى. بۇ 1994-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ يىغىنغا قاتناشمىغانلىقى بولۇپ ھېسابلاندى. باش ئىشتابى ۋاشىنگتوندا تەسىس قىلىنغان ئاقىللار ئامبىرى بولغان ئامېرىكا قىتئەسى سۆزلىشىشىنىڭ رەئىسى شىفىت مۇنداق دېدى: تىرامپنىڭ قاتناشماسلىقى مەلۇم دەرىجىدە لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ رايون مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشىغا بولغان ئارزۇسىنىڭ قىممىتىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋەتتى.

بۇندىن ئۇچ يىل ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك ئامېرىكا قەتئەسى ئەللىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭى ئوباما كۇبا رەھبىرى رائۇل كاستىرو بىلەن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق رەسمىي ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش ئالامەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. بىراق تىرامپ تەختكە چىققاندىن كىيىن، سىستېمىلىق قوشنىدارچىلىق سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويماستىن، ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتەك قارشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سودا، كۆچمەنلەر، دىپلوماتىيە قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەردە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرگە قاتتىق قوللۇق پوزىتسىيە قوللىنىپ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك نارازىلىقى قوزغاپ ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويدى.

بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى پېنسى بىلەن كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودىرىگېس قارشىلىشىپ قالدى، بۇ باشلىقلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. پېنسى سۆزىدە كۇبانى مۇستەبىت دۆلەت، كۇبا خەلقنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلدى دېدى. بۇ ئەيىبلەشلەر دەرھال رودىرىگېسنىڭ زەربە بېرىشىگە ئۇچرىدى. ئۇ، پېنسىنى ئەمەلىيەتنى خاتا يېتەكلىدى ۋە سەل قارىدى دەپ ھېسابلاپ، ۋاشىنگىتوننى سوغۇق مۇئامىلە ئۇرۇشى دەۋىردىكى سىياسىتىنى كۇچەيتىپ، ئۆزىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى جاھانگىرلىك ھۆكۈمىرانلىقىنى قايتىدىن ئورناتماقچى بولماقتا دەپ ئاگاھلاندۇردى. رودىرگىس مۇنداق دېدى: تىرامپ تەختكە چىققاندىن كىيىن، كۇباغا قارىتىلىغان ئەيىبلەش سۆزلىرى سوغۇق مۇئامىلە ئۇرۇش مەزگىلگە ئوخشاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئارقىغا چېكىندۈردى، شۇڭا بىز، ئامېرىكىنىڭ كۇباغا قاراتقان قامىلىنى تېزدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، لاتىن ئامېرىكىسىغا قارتا سىياسەت بېكىتكەندە مىنرويىزىملىق تەسەۋۋۇردا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز. ئۇ يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ھامىچىلىقىدا ئويلىنىشنىڭ كەمچىل بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ لاتىن ئامېرىكا رايونىنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە زىيان يەتكۈزىغانلىكىنى تەنقىد قىلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىرامپ ھۆكۈمىتى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كۇبا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش سىياسىتىنى ئاساسى جەھەتتىن ئىنكار قىلدى، بۇنىڭغا ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسىدىكى كەسكىن ئىختىلاپى قوشۇلۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئىستىقبالى كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالدى.

بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، ئامېرىكا ۋەكىللىك قىلغان 16 دۆلەت بايانات ئېلان قىلىپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ ئاساسى قانۇن سىياسىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ دۆلەتلەر ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئامېرىكىغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقان دۆلەتلەر ھەر نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدىكىدىن كۆپ بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەرمۇ بار. بولىۋىيە، كۇبا قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى سول قانات لاگېرى بىلەن چىلى، ئارگېنتىنا ۋەكىللىكىدىكى ئوڭ قانات لاگېرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىلىشىش تېخىمۇ كەسكىن بولماقتا. يىغىنغا قاتناشمىغان ۋېنسۇئىللا زۇڭتۇڭى مادىرو مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا ۋېنېزۇئېلاغا قارىتىلغان مۇزاكىرە پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى لاتىن ئامېرىكىسغا قارشى سول قانات تاكتىسكىنىڭ چىرىكىلككە قارشى تۇرۇشنى بانا قىلىپ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

تىرامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ۋېنېزۇئېلا ئىزچىل تۈردە ئۇنىڭ كۆزىگە سانجىلغا مىخ بولدى. ئۆتكەن يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلا ئاساسى قانۇن بېكىتىش يىغىنى سايلىمىنى ئۆتكۈزدى، مۇددەتىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزدى دېگەننى باھانە قىلىپ، ۋېنېزۇئېلاغا قارىتا مادۇرو بىلەن كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قېتىم جازالاش تەدبىرىنى يولغا قويدى، تىرامپ ھەتتا، ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ كۈچلۈك پوزىتسىيە كۇبا، بولىۋىيە قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سول قانات دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پېرۇ ھۆكۈمىتى 2-ئايدا ۋېنېزۇئېلانىڭ ئاساسى قانۇن مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، مادىرونىڭ ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش تەكلىبىنى بىكار قىلدى. بولىۋىيە، كۇبا، ئۇرۇگۋاي، نىكاراگۇۋا قاتارلىق دۆلەتلەر پېرۇنىڭ بۇ تەدبىرىنى بىر خىل ئىستىپداتلىق، تار مەھكىمىچىلىك ۋە بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكەت بولۇپ، رايۇننىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ ھسابلىدى.

مادىرو، پېرۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى تەنقىت قىلدى، ھەمدە ئۆزىگە ھەر قانداق ئامانلىقنى ساقلاش تەدبىرىنى قوللىنىشىنى رەت قىلىپ، تىرامپ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئوڭ قانات دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ۋېنېزۇئېلاغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئامېرىكا پەرەز ئوڭ قانات دۆلەتلەردىن پايدىلاندى دەپ ئەيىبلىدى.

ئۇندىن باشقا، پاناما بىلەن ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتىمۇ جىددىيلەشتى. پاناما ۋېنېزۇئېلانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كارخانىلىرىنى جازالىغاندىن كىيىن، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى ئوخشاش كۆلەمدە ئۆچ ئالدى، ئىككى دۆلەت يەنە ئۆزلىرىنىڭ قارشى تەرەپتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى. پېرۇ، پاناما ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەرىكىتى، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سول قانات بىلەن ئوڭ قاناتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىشىشىدەك مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كۆرسىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىش مۇمكىنچىلىكىدىن بېشارەت بەردى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىپ ۋېنېزۇئېلاغا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشى، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلىنىۋاتقان ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.

مېكسىكا خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پېرۇ، ئارگېنتىنا، كولومبىيە قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆزىگە تارتىپ، بۇ رايوندىكى چوڭ دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن لىما گۇرۇھىدىن پايدىلىنىپ ۋېنېزۇئېلا مادىرو ھۆكۈمىتىگ ۋە كۇبا سوتسىيالىزم ھاكىمىيتىنى يېتىم قالدۇرۇپ ۋە بېسىم ئىشلىتىپ، ئەڭ ئاخىردا لاتىن ئامېرىكىسدا بولۇنۇش پەيدا قىلىشدەك مەقسىتىگە يەتمەكچى. ئامېرىكا جەنۇبى ئامېرىكىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىشنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ھەمدە لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى تەسىر كۈچى بىلەن سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئامېرىكىنىڭ سابىق زوڭتوڭى ئوبامانىڭ غەربى يېرىم شار ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ياردەمچىسى مۇنداق دېدى؛ تىرامپ لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ ئۆزگىرىشىنى قارشى ئالمايدۇ، بۇ ئۇنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى باشقا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، تىرامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بىر يىلدىن بۇيان، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى %16 پۇقرا ئۇنى ئېتىراپ قىلغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە، تىرامپ ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا چېگراسىدا پاسىل تام سېلىش پىلانىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەسلەتمە ئىمزالىدى، بۇ خەلق ساقچىلىرى مۇھاپىزەت ئەترىنىڭ چېگرىدا قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى تارماقلارغا ياردەملىشىش بوشلۇقىنى تولدۇردى، بۇ تەدبىر مېكسىكىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. مېكسىكا زۇڭتۇڭى پىنياتا يېقىندا، تىرامپنىڭ باشقىلارغا تەھدىت سېلىش ۋە ھۆرمەتلىشى كەمچىل بولۇشتەك پوزىتسىيەسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۇردى. مىكسىكىدىن سىرت، ئامېرىكا بىلەن ھوندىراس قاتارلىق ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە زىددىيەت ساقلانماقتا.

سودا مەسىلىسىدىمۇ ئامېرىكا دائىم مېكسىكا قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرگە تەھدىت سالماقتا. ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىن بۇيان، ئامېرىكا مېكسىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا شىمالى ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى توغرىسىدا يەتتە قېتىم سۆھبەتلەشتى، سۆھبەت مۇساپىسى جاپالىق بولدى.ئامېرىكا 3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ ئىمپورت قىلىنغان پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئالدىغانلىقىنى، كانادا، مېكسىكا قاتارلىق ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر ۋاقتىنچە كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بىراق ئامېرىكا بىلەن كانادا، مېكسىكا ئوتتۇرىسىدىكى تۈپ زىددىيەت تېخى تۈگىتىلمىدى. بۇ قېتىم ئۇچ تەرەپ ۋەكىلى ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى باشلىقلىرى يىغىنى مەزگىلىدە يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتى، بىراق يەنىلا ئىلگىرىلەش بولمىدى

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئامېرىكا ۋە جۇڭگو مۇناسۋەتلىرى(2):سودا ئۇرۇشى باشلاندىمۇ ؟

يە ئاپرېل 22 , 2018
ئامېرىكا ۋە جۇڭگو مۇناسۋەتلىرى(2):سودا ئۇرۇشى باشلاندىمۇ ؟

You May Like