ئامېرىكا ۋە جۇڭگو مۇناسۋەتلىرى(2):سودا ئۇرۇشى باشلاندىمۇ ؟

ئامېرىكا ۋە جۇڭگو مۇناسۋەتلىرى(2):سودا ئۇرۇشى باشلاندىمۇ ؟

ئامېرىكا ۋە جۇڭگو مۇناسۋەتلىرى(2):سودا ئۇرۇشى باشلاندىمۇ ؟ تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان كىرىش :جۇڭگونى بۇگۇنكى دۇنيادا نوچى ،ھىچكىمگە پوش دىمەس ھالغا كەلتۈرگەنبىردىنبىر نوچىلىقى ئۇنىڭ ئېقتسادى كۇچىدىن ئىبارەتتۇر.ئەگەر ئۇنىڭ ئېقتسادى تەرەققياتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ چىكىنسە ،جۇڭگونىڭ سياسى تۇزۇلمىىسى (يەنى ھۆكۇمران سنىپ كومپارتىيە) ۋە دۆلەت مۇقىملىقىغا ئەڭ زور تەسرگە ئۇچرايدۇ.چۈنكى جۇڭگو 1 مىلىيارد 400 مىلىيون ئادەمنى قورسقىنى بىقىش ،باي قىلىش بىلەن پەللەپ كەلمەكتە.بۇ جەھەتتە جۇڭگوغا ئەڭ زور زەربە بىرەلەيدىغان بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ-ئامېرىكا بولۇپ،ئامېرىكا كىينكى 50 يىلدا جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىسى ۋە ئېقتسادى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ ياردەم قىلىۋاتقان دۆلەت،شۇنداقلا ئامېرىكا ئېقتسادىغا ئەڭ زور زىيان سلىۋاتقان دۆلەت جۇڭگو بولۇپ كەلدى. ئارقا كۆرۇنۇش ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ سودا مۇناسۋىتىدە ئىزچىل تەڭپۇڭسزلىق مەۋجۇت،ئامېرىكا زىيان تارتىپلا كەلمەكتە. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئېتتپاقىدىن قالسلا ئىككىنچى چوڭ سودا شرىكى ،ئەمما ئامېرىكا -جۇڭگو ئىككى تەرەپ سودىسدا ئامېرىكا تەرەپ سودىسدا ئىزچىل 400 مىلىيارد دوللار ئەتراپىدا قىزىل رەقەم داۋام قىلغان پىرزىدىنىت ئوباما دەۋرىدە باشلانغان ئېقتسادى دىئالوگلار تۆت يىلدىن كىين كى بۇگۇنكى كۇندىمۇ ئۇنۇم بەرمىدى،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ سودا كىلىشملىرىدە بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىگە شاھىت بولدى. بۇ جەرياندا،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا نەچچە رەت بېسم چۇشۇردى. پىرزىدىنىت تىرامپ سايلامدىن بۇرۇن ۋە سايلان مەزگىلىدە كۆپ قېتىم <<ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرسدىكى سودا ئىزچىل جۇڭگونى كۇچەيتىپ ،ئامېرىكىغا پايدىسز بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ،بۇ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ خاتالىقى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ خاتالىقنى تۈزىتىدىغانلىقىنى >>جاكارلىغانىدى. 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكا پىرىزدىنتى دونالد تىرامپ ھۆكۈمەت نامىدىن جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلاردىن ئىغىر تاموژنا بىجى ئالىدىغانلىقىنى،بۇ ئومۇمى 60 مىلىيارد دوللار بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇلار ئاساسلىقى ئىلىكتىر مەھسۇلاتلىرى،كىيم-كىچەك،ئاياق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پىرزدىنىت تىرامپ يەنە :<<بۇ يەردە يەنە ئامېرىكىنىڭ غايەت زور ئەقلى-مۈلۈك بايلىقىنى ئوغرىلاش مەسلىسى مەۋجۇت >>.دىدى. بۇ ئش تۇيۇقسزلا باشلانغان كىرزىس ئەمەس، يانۋار ئايلىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگونى <<ئېقتسادى دۈشمەن>>دەپ ئاتىغان ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىڭ جۇڭگونى خەلقئارا تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىلىپ بارغان تىرىشچانلىقى رىچارد نېكسون ۋە ھىنرى كېسنگىر دەۋرىگە بىرىپ تاقىلىدۇ.ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بايقىدىكى ھازىر جۇڭگونى ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققياتىنى چىرىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر ستىراتىگىيەلىك دۇشمەن ھسابلايدۇ.(1) سەيشەنبە كۇنى ئامېرىكا تەرەپ سودا ۋەكىلى جۇڭگونىڭ خەقنى ئانى تاپىدىغان قىلمشلىرى ھەققىدە بىر ئۇزۇن دوكلات ئىلان قىلغان بولۇپ،بۇنىڭ ئېچىدە،ئامېرىكا شركەتلىرىنى قىممەتلىك تېخنىكا ۋە سودا مەخپىيەتلىرىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن جۇڭگو تەرەپكە مەجبۇرى تاپشۇرۇشقا قستاش،ئامېرىكا كوميۇتىر سستىملىرىغا قارا قولىنى سوزۇش ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى سستىملىق ئوغرىلاش قاتارلىق قىلمىشلىرى بار. تاموژنا بىجى جازاسىدىن باشقا،ئامېرىكا مالىيە منستىرلىكى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا شركەتلىرىگە مەبلەغ سىلىشنى چەكلەيدۇ،ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئيتشىچە،جۇڭگو بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باشلامچى كارخانىلىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارنى،جۇملىدىن سۈنئى ئىدراك ۋە ئاپتوماتىك ئاپتوموبىللار قاتارلىق ساھەلەردىكى نازۇك تېخنىكىلارنى قولغا چۇشۇرۇشكە شارائىت يارىتىپ بىرىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ جازالاشنى ئىلان قىلغاندىن كىين،نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى بۇنى ئىككى ئېقتسادى گەۋدە ئوتتۇرسدىكى مۇناسۋەت ئۈچۈن چوڭ بۇرۇلۇش بولۇپ قالدى دىدى، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ۋە سودا ساھەسىدە جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەقلى -مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا قارىتا قاتتىق زەربە بىرىشنى تەلەپ قىلىدىغان كۇچلەر بار.ئوخشاشلا بۇ خىل ئېقتسادى جازانىڭ ئامېرىكىغا ئىلىپ كىلىدىغان يامان ئاقىۋەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ،بۇ خىل جازالاش ئامېرىكا ئۇچۇن تېخىمۇ بەك زىيانلىق دىگۇچىلەرگە ئوخشاش. ئاق سارايدىكى دۆلەتلىك سودا كونسۇلى مەسئۇلى پتېر نوۋار :<<بىز جۇڭگو ھەققىدىكى ئەندىشلىرىمىزنى تەكرار بىلدۇردۇق،ئامېرىكىنىڭ قىلىۋاتقىنى -جۇڭگونىڭ ئېقتسادى تاجاۋۇزىدىن ئۆزىنى ساقلاشتىن ئىبارەتتۇر>> ھۇجۇم جۇڭگوغىلا قارىتىلغان: ئامېرىكا بۇ سودا ھۇجۇمنى جۇڭگوغىلا قىلدى،چۇنكى ياۋروپا ئېتتپاقى،كورىيە،بىرازىلىيە،كانادا،مېكسكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ پولات ۋە ئاليۇمىن ئىمپورتىغا قاراتقان جازاسدىن ساقىت قىلدى.جۇمە كۇنىدىن باشلنىدىغان جازا پەقەت جۇڭگونىلا ئۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىنكاسى: تاشقى ئشلار مىنسترلىكى باياناتچىسى خۇۋاچۇنيى بۇگۇن بەرگەن باياناتىدا ،جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ئوغرىلىق قىلىش ياكى قورال كۇچىگە تايانغان ،يېڭىلىق يارىتىش پەقەت ئامېرىكىلىقلارنىڭ پاتنىتى ئەمەس-دىدى. ئۇ يەنە:كىم ئاخىرىغىچە چىدايدىكىن !-دىدى. كومپارتىيەنىڭ كانىيى بولغان <<يەرشارى ۋاقىت گېزىتى>>تور بېكىتىدە:ئامېرىكىنىڭ سودا ساھەسىدىكى مەمەدانلىقىغا قەتئى زەربە بىرەيلى -تېمىسدا ماقالە ئىلان قىلىندى. بۇ تور بىكەتتە يەنە دۆلىتىمىز ھەر قانداق خىرىسقا تاقابىل تۇرالايدۇ،ۋاشنگىتون سودا جېڭى ساھەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. دىگەن تېمىلاردا ماقالە ئىلان قىلدى. 3-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگو سودا منستىرلىكى تور بېكىتىدە بۇ ھەقتە ئامېرىكىغا قارشى قساس ئالىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ :ئامېرىكىنىڭ مىۋە-چىۋە،چوشقا گۆشى،ھاراق،داتلاشماس پولات تۇرۇبا ۋە باشقا يۈزدىن ئارتۇق مەھسۇلاتلىرىدىن 3 مىلىيارد دوللارلىق تاموژنا بىجى ئالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.بۇلاردىن 15 % تاموژنا بىجى ئىلىنىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئامېرىكا جۇڭگودىن ئالىدىغان جازا بىجىدىن ئوندىن بىر قسمىغىمۇ توغرا كەلمەيدۇ.نىمە ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلمايدۇ؟ تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى: تىرامپ جۇڭگونى ئىزچىل <<مىلىيونلىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىزمەت پۇرستىنى تارتىۋالدى،نەچچە يۇز مىلىيارد ئېقتسادىمىزغا زىيان سالدى>>دەپ ئەيىلەپ كەلمەكتە. ئاخىرقى باھا: بۇ قېتىملىق سودا ئۇرۇشىنى-ئامېرىكا -جۇڭگو سودىسدىكى ئامېرىكا زىيانلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئىغىرلىقىنى سودىگەر بولۇش سۈپىتى بىلەن بىۋاستە ھس قىلالايدىغان پىرىزدىنىت دونالد تىرامپ ئامېرىكا مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتىكى قاتتىق قوللۇقى بىلەن باشلىدى. تىرامپنىڭ باج قانۇنى،كۆچمەنلەر مەسلىسى،قورال چەكلەش،سۇغۇرتا قانۇنى ،روسيە بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ،ئاياللار بىلەن ئش-پەش تارتىش تارىخى قاتارلىق نۇرغۇن مەسللەر قورشۋالغان بىر پەيتتە ،دىموكراتلار پارتىيسى ۋە ئاممىۋى مېدىيا داۋاملىق ئۇنى ئەيىپلەپ كەلمەكتە.جۇڭگونى جازالاشتا كۆپ قسم قارشى ئاۋازلار بولسمۇ ،ئەمما يەنىلا قوللاش ساداسى كۇچلۇك. دونالد تىرامپ ئىلگىرى جۇڭگو بىلەن سودا مەنپەتئىتى ۋە شمالى كورىيەنى يادروسزلاشتۇرۇش سەۋەبى بىلەن ياخشىلىنىشتىن زور ئۇمىد كۇتكەن ۋە ئەزەلدىن جۇڭگونى ئنسانى ھوقۇق مەسلىسدە بىۋاستە ئەيىپلەپ باقمىغانىدى،بىۋاستە دۆلەت مەنپەئىتىگە تاقاشقاندا ،ئاندىن قول سالدى. جۇڭگو ئەزەلدىن ئامېرىكىنى دوستى دەپ قارىمايدۇ،ئەمما ئامېرىكا كۆپ قېتىم خاتا ھالدا جۇڭگونى دوستى ،شرىكى ،مەنپەئەتدىشى دەپ قاراپ كەلدى،ھەتتا تېخىنىكا ۋە ئېقتسادتا ياردەم قىلغانىدى. بۇ قېتىملىق ئايرىلىش ئارقىلىق يارىشش بىر ئاز تەس،چۇنكى جۇڭگو ئامېرىكىنى چىكىندۇرۇش ئۇچۇن قايتارما زەربىگە ئۆتىدۇ،بۇ ئەلۋەتتە ئامېرىكىغا زىيان ئىلىپ كىلىدۇ،ئەمدىكى نەتىجە ياكى ئامرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ نالايىق تەلەپلىرىگە نسبەتەن يول قويغان ئاساستا ،ئۇنىڭ سودا زوراۋانلىق ئورنىنى ئىتىراپ قىلىش (چىرايلىق ياخشلىشش) ياكى داۋاملىق تىركىشپ جۇڭگونى خەلقئارا قانۇنلارغا مەجبۇرى بويسۇندۇرۇشقا يتەكلەشتىن ئىبارەت.لىكىن خەلقئارا مۇناسۋەتلەردىكى ئاستا جەريان ئشلارنىڭ سوزۇلۇشى سەۋەپلىك كەسكىن ۋە يادرولۇق ئۆزگىرىشلەرنىڭ كىلىپ چىقىشنى چىكىندۇرىدۇ، زىدىديەتنىڭ كەسكىنلىششى ۋە ياكى بىرىنچى خىل ئىھتىماللىق رىزىنكە كەبى سوزۇلۇشنى ،ئىككىنچى خىل ئىھتىماللىق زىىدىيەتنىڭ كەسكىنلىنىششنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. 2018-يىلى .23-مارت .كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

جۇڭگو -ئامېرىكا مۇناسۋەتلىرى (1) تارىخى ۋەقەلەر

يە ئاپرېل 22 , 2018
جۇڭگو -ئامېرىكا مۇناسۋەتلىرى (1) تارىخى ۋەقەلەر

You May Like