ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار

 ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار

بۈگۈنكى مەركىزى ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. مەركىزى ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە  ئەسلىدە ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان جاي پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزبېكىستان بولۇپ، لېكىن 1937-1938-يىللاردا سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي سىياسى ۋە مەدەنىي مەركىزىنى ئۆزبېكىستاندىن قازاقىستانغا يۆتكىگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۆزبېكلەر بىلەن بولغان زور ئوخشاشلىق ئالاھىدىلىكلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي-سىياسى مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەردىكى رولى ئاجىزلاپ، بارا-بارا ئۆزبېكلىشىپ كېتىش ھادىسىلىرى كۆرۈلگەن ئىدى.1980-يىللاردىن كېيىن مىخايىل گورباچېۋ ئىسلاھاتى ۋە جۇڭگو  -سوۋېت مۇناسىۋەتلىرنىڭ تەرەققىياتى  شۇنداقلا ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىل بولىشى  ۋە  باشقا ئىجتىمائىي  ئىقتىسادى ھەم سىياسى  ھادىسىلەر نەتىجىسىدە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى تونۇشى شۇنداقلا ئۆز مىللى مەدەنىيىتىنى  گۈللەندۈرۈش پائالىيەتلىرىمۇ كۈچەيگەن ئىدى.

ئۆزبېكىستان بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى  ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۆزبېك خەلقى بىلەن ئۇيغۇرلار كېلىپ چىقىش ۋە تارىخى تەرەققىيات شۇنداقلا مەدەنىيەت ئەنئەنىسى جەھەتتىن  كۆپ بىردەكلىك  ۋە زىچ باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە.

ئۆزبېكىستاندىكى  بۈگۈنكى  ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى  تۆت  خىل مەنبەدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بىرىنچى  تەركىپ ؛قەدىمدىن  تارتىپ ئۆزبېكىستان تېررىتورىيىسىدە ياشاپ، ئۆزبەك ئېتنىك تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلار  بولسا ،ئۇلارنىڭ   ئىككىنچى تەركىبى  18–ئەسىردىن باشلانغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى  مىللى  ئەركىنلىك   قوزغىلاڭلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشى بىلەن ، مەنچىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئىنتىقام ئېلىشىدىن قورقۇپ ، پەرغانە ۋادىسىغا  قېچىپ  كەلگەنلەر  .ئۈچىنچى تەركىپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تاكى 1937-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا  ئۆزبېكىستانغا   تۇرمۇش تىرىكچىلىكى بىلەن بېرىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالغانلار . تۆتىنچى تەركىپ 1954-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا  كۆچۈش  ھەرىكىتىدە بۇ جايغا بارغان  ئۇيغۇرلار شۇنىڭدەك يەنە يەتتەسۇلۇق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزبېكىستاندا ئوقۇپ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن شۇ يەردە قالغانلار.

ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخى تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ، بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۆزبېكىستاندىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىش بىلەن بىرگە يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللى مەدەنىيىتى جۈملىدىن تىل -يېزىقى، سەنئىتىنى شۇنداقلا ئېتنوگرافىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ  كەلدى.

ئەلۋەتتە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەي بولمايدۇكى، ئۆزبېكىستان  ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن بولۇپ، ئەپسۇسكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېك خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى تىل ،تۇرمۇش ئادەتلىرى، سەنئەت، ھەتتا  مىللى پسىخولوگىيە قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىكى ئورتاقلىقلار  ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

قازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانوپنىڭ   مەلۇماتىغا  قارىغاندا 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا پەرغانە ۋادىسىدا 350 مىڭ ئەتراپىدا قەشقەرلىق ۋە  دولانلىقلار   ياشىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەرىيىدە قىدىرىپ تەكشۈرگەن رۇس  ئالىملىرى كروپاتكىن،پېۋسوۋ،روبروۋسكىي ۋە باشقىلارمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر قېتىملىق قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندا  نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ  پەرغانە ۋادىسىغا قېچىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى.

   سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن  بىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف   1923-يىلى  ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 600مىڭ ئەتراپىدا  ئىكەنلىكى  ،ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمىنىڭ  ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە  ياشىغانلىقىدىن  مەلۇمات  بەرگەن. ئەمما سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ئاتاقلىق مائارىپچى ئىسمائىل تاھىروفنىڭ  ماقالىسىدە   بولسا،1930-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدا 300مىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇر ياشىغانلىقى    مەلۇم قىلىنغان ئىدى. ئابدۇللا روزىباقىيېف پەرغانە ۋادىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق مەركىزى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.

   1937-يىللىرىدىن كېيىن ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدا جىددى ئۆزگىرىش يۈز  بەرگەن بولۇپ، ستالىننىڭ خاتا سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئۆزگەرتىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇ چاغدا تاشكەنت ۋە  ئەنجان قاتارلىق  شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرى ،تىياتىرلىرى ۋە مەكتەپلىرى تاقىلىپلا قالماستىن بەلكى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. شۇ ۋاقتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى ئەخمەت ئەلىيېفنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا 1937-يىلى  ئۆزبېكىستاندا 3700دىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇتقۇن قىلىنىپ، سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان ياكى  ئۆلتۈرۈلگەن .ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلتۈرىلگەنلەردىن  ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى مۇئاۋىن پروفېسسورلىرى  بۇرھان قاسىموف ،ئابدۇلھەي مۇھەممەدى ، ئۆمەر قاسىمى قاتارلىقلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن.  ئۆلتۈرۈلگەنلەر ۋە تۇتقۇن  قىلىنغانلار ئارىسىدا كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى   ۋە ئەدىپلىرى ھەمدە ئابدۇغوپۇر قۇربانوف    ، ئابدۇللا روزىباقىيېۋ ،ئىسمائىل تاھىروۋ  ، ئوسمان ئالىيېف، ياقۇپ روزىن   قاتارلىق يۇقىرى   دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرى بولغان ئىدى.

 ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىدىن  يولداش ئاخۇنبابايېف 1925-يىلى، ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولدى، ئۇ ئۆزبېكىستاننىڭ ئالىي رەھبىرى سۈپىتىدە 1938-يىلىغىچە، 1938-1943-يىللىرى ئۆزبېكىستان ئالىي سوۋېتىنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلدى.

ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىدىن سابىرجان روزىيېف ئۆزبېكىستان ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، تەنتەربىيە مىنىستىرى بولغان، ئۇ قىلىچۋازلىق تۈرى بويىچە  بىر قانچە قېتىم دۇنيا چېمپىيونى، بىر    قېتىم دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە قىلىچۋازلىق بويىچە كۈمۈش مېدال ئالغان.

  1950-60-يىللىرىدا ئۆزبېكىستاندىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ سانى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما، 1979-يىلى سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ  29مىڭ 104، 1989-يىلى 35مىڭ 762 ئادەم، 2000-يىلى، 19 مىڭ ئادەم  ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق  مەلۇمات بولمىسىمۇ ،لېكىن شۇ يەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى بولسا، بۇ جۇمھۇرىيەتتە  60 مىڭ ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقىنى  قەيت قىلغان. ئەنجان ۋىلايىتىدە بولسا 30 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە  ھەر خىل ئۇچۇر بار.  بەزىلەر 250 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلسا،  ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ  ئۇزاق شەرق بۆلۈمىنىڭ   يېتەكچى ئىلمىي خادىمى  تارىخ پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور ئەخەت خوجايېف ئۆزبېكىستاندا تەخمىنەن 500مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى  ھازىرقى زامان  ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشقان بولۇپ، ئۆزبېكىستان  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات ۋە سەنئىتى ئەڭ بۇرۇن شەكىللەنگەن ۋە مەلۇم دەرىجىدە تەرەققى قىلغان جاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.20-ئەسىرنىڭ بېشىدا زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نەمۇنىلىرى ئۆزبېكىستاندا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ،تاشكەنت ،ئەنجان قاتارلىق شەھەرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى مەركىزى  بولغان ئىدى.

بۇ شەھەرلەردە 1920-،1921-يىللىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى مەتبۇئاتلىرى  بولغان « كەمبەغەللەر ئاۋازى »  گېزىتى،« ياش ئۇيغۇر» ، « ئىنقىلابچى شەرق»  ژۇرناللىرى  مەيدانغا كېلىپ ،ئۇيغۇر ئەدىپلىرىنىڭ تۇنجى ھېكايىلىرى ۋە شائىرلىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

تاشكەنت ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئالىي مائارىپىنىڭ تۇنجى مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ شەھەردىكى ئاز مىللەتلەر ئىنستىتۇتى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى، يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە كۆپلىگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى 1920-يىلىدىن ئېتىبارەن تەلىم ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن زىيالىيلار قوشۇنى يېتىشىپ چىقتى.   1930-يىللاردا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پروفېسسور ۋە دوتسېنت بولغان ئىدى.

1934-1938-يىللىرى ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا  مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلى ئۈچۈن سىنىپ ئېچىلىپ، بۇ مەكتەپتە  ۋە باشقا مەكتەپلەردە 150 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئالىي مەلۇماتلىق بولدى.  بۇ كىشىلەر كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە سىياسىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

1930-يىللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان « يېڭىش دولقۇنلىرى»  تاشكەنتتە بېسىلدى. بۇ يەردە  يەنە نۇر ئىسرائىلوپ، ئابدۇلھەي مۇھەممىدى، ھەزىم ئىسكەندوروف، گۈلىستان، ئۆمەر مۇھەممەدى. ھەبىب زاكىرىي ۋە باشقا ئەدىبلەرنىڭ پوۋېستلىرى، داستانلىرى ۋە شېئىر توپلاملىرى مەيدانغا كەلدى.

1930-يىللاردا  ئەنجاندا ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇر ئارتىسلىرىنىڭ  قاتنىشىشىدا كىنو فىلىملەرمۇ ئىشلەنگەن.

1940-يىللارغا كەلگەندە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ستالىننىڭ تەقىب قىلىش سىياسىتىنىڭ زەربىسى بىلەن بىتچىت بولۇپ كەتكەن ئىدى. سابىق ئۆزبېكىستان رادىئو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خېلەم خۇدابەردىيېفنىڭ يېزىشىچە 1940-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ۋە  ئۇيغۇر نەشرىيات ئورۇنلىرى تاقالغان.

ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرىنىڭ تۇنجى قۇرۇلتىيى 1921-يىلى، 3-9-ئىيۇن كۈنلىرى تاشكەنتتە ئېچىلىپ، بۇ شەھەردە  « ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقى» نىڭ مەركىزى ئىش ئېلىپ باردى.

1930-يىللاردا تاشكەنتتە «  كۈن چىقىش ھەقىقىتى»  گېزىتى كۆپ تىراژدا نەشىر قىلىندى.

 1943-1950-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى مەخسۇس تاشكەنتتە  « شەرق ھەقىقىتى»  ژۇرنىلى ۋە شەرق ھەقىقىتى ژۇرنىلى نەشرىياتى قۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا ژۇرنال ۋە تۈرلۈك كىتابلارنى نەشىر قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ ساھەدە تۇرسۇن رەھىموف، ئەرشىدىن ھىدايەتوف، ئابدۇمېجىت روزىباقىيېف  قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى رەھبەرلىك خىزمىتى ئىشلىدى.

1947-يىلى، ئۆزبېكىستان رادىئوسىنىڭ چەتئەللەرگە ئاڭلىتىش بېرىش بۆلۈمىدە ئۇيغۇر تىلى بۆلۈمى قۇرۇلدى.  ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئوسمان مەمەتاخۇنوف، خېلەم خۇدابەردىيېف  قاتارلىقلار دەسلەپكى خىزمەتچىلەر ئىدى.  بۇ دۇنيادىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە رادىئو ئاڭلىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

1950-يىللىرىنىڭ ئاخىرى 1960-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى قايتىدىن گۈللىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇ چاغدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كۆچۈپ چىققان روزى قادىر قاتارلىق شائىرلار ۋە يازغۇچىلار شۇنداقلا خالىسقان قادىر ،ئابدۇرېھىم ئەخمىدى قاتارلىق ئارتىسلار ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۆزبېكىستان تېلې- رادىئو كومىتېتى تەركىبىدە ئۇيغۇر تىياتىرى قۇرۇلۇپ، كۆپلىگەن ئارتىسلارنى توپلاپ ئۇيغۇر مۇزىكا ئۇسۇل سەنئىتىنى راۋاجلاندۇردى. خالىسقان قادىروۋا ،ئابدۇرېھىم ئەخمىدى، غەنىجان تاشمەتوف   قاتارلىقلار ئۆزبېكىستاندىن خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسلىق ۋە خەلق ئارتىسلىق  سالاھائىيەتلىرىگە ئېرىشتى.

تاشكەنتتە ئۇيغۇر 12 مۇقامى رەتلەندى. ئۆزبېكىستان  ھۆكۈمىتى  ئۇيغۇر مۇقامچىلىرىنى توپلاپ، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى لېنتىغا ئالدى.

 بىراق، ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن مەزكۇر  ناخشا ئۇسۇل ئانسامبىل ئەمەلدىن قالدى.

ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى  ۋە سەنئەتچىلىرى قىيىن ئىقتىسادى ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ ،لېكىن ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى ۋە سەنئەت ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى.

 1960-2000-يىللار ئارىسىدا ئۆزبېكىستاندا، ئوسمان مەمەتاخۇنوف،  ئىمىن ئوسمان،  روزى قادىرى، سېيىتجان سېتىشېف ،ھەنىپە سالىخوۋا،فاتىما ھاپىزوۋا قاتارلىقلار ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى داۋامالشتۇردى. خالىسقان قادىروۋا  ياشلاردىن بىر سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللەپ، يېڭى مايسىلارنى يېتىلدۈرۈشكە ئىنتىلگەن.

 ئۆزبېكىستانغا تونۇلغان مۇزىكانت ۋە مۇزىكا ئۇستازلىرىدىن  مەرھۇم  پروفېسسور ئابلىز ھاشىموف ۋە پروفېسسور شاھى مەردان شاھى مەردانوۋا قاتارلىقلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن.

ئۆزبېكىستاندا رەسساملىق سەنئىتى جەھەتتىمۇ كۈچلۈك مۇتەخەسسىسلەر يېتىشىپ چىققان بولۇپ، لېكىم ئىبايىموپ،يۈسۈپ تالىپوۋ، قۇتلۇق باشاروۋ قاتارلىقلار رەسساملىق سەنئىتىدە  ئۇتۇق قازىنىپ،رېسپۇبلىكىغا تونۇلغان.

ئىلىم پەن ساھەسىدىمۇ نوپۇزلۇق ئالىملار يېتىشىپ چىققان  بولۇپ، مەسىلەن ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ  ئاكادېمىكى مەرھۇم يارمۇھەممەد مۇباراكوف،  سوۋېت ئىتتىپاقى پېداگوگىكا  پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىك نامزاتى،  ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پېداگوگىكا  ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى ، پروفېسسور مەرھۇم مۇرات ھەمرايېف،  پروفېسسور  ئەخەت خوجايېف، پروفېسسور ئابلەھەت قاھاروف، ئابدۇرېشىت ئەلىيېف ۋە باشقىلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن.  ئەخەت خوجايېف ئۆزبېكىستاندا 90دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئالىمى  بارلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە كەم دېگەندە  تۆت كىشىنىڭ  ئاكادېمىكلىق ئورنىغا ئېرىشكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى. بىراق، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىتىنى ئۆزبېك كىملىكىگە ئۆزگەرتكەنلىكى ئۈچۈن ئادەتتە ئۆزلىرىدىن باشقا ھېچكىم ئۇلارنى ئۇيغۇر دەپ بىلمەيدۇ.

 ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ھازىرقى زامان ئۆزبېكلىرىگە سىڭىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرمۇ پەرغانە ۋادىسىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى زاتىنىڭ قەشقەرلىق-ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىدىغانلار خېلى كۆپ. ھەتتا ئۆزبېكىستاننىڭ ئاتاقلىق ناخشىچىسى يۇلتۇز ئوسمانوۋامۇ ئۆزىنىڭ دادا جەمەتتىن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي ھۆكۈمىتى خوتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورنىنى خوتەن شەھىرىدىن خوتەن ناھىيسگە كۆچۈردى

شە نويابىر 18 , 2023
ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىنى خوتەن شەھىرىدىن كۆچۈپ چىقىپ، خوتەن ناھىيە تەۋەلىكىدە ئورۇنلىشىشىنى تەستىقلىدى 1984-يىلى 6-ئايدا ختاي مەركىزى ھۆكۈمىتى «خوتەن شەھىرى»قۇرۇشنى تەستىقلاپ،  خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق خوتەن ناھىيەسىنىڭ خوتەن بازىرى، شورباغ گۇڭشېسى، لاسكۇي گۇڭشېسى ۋە ئۇرۇقچىلىق مەيدانىنى […]
خوتەن ناھىيسى

You May Like