قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قاچان ئويغىنىدۇ؟

ئۇيغۇر مىللىتى تەلتۆكۇس قىرغىن قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئافراسياپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-01-20

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئۇيغۇر مىللىتى تەلتۆكۇس قىرغىن قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئۇيغۇر مىللىتى تارىختىن بېرىقى ئەڭ زۇلمەتلىك كۇنلەرنى باشتىن كەچۈرۋاتىدۇ.5  مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دىرىكى يوق، ياش ئەرلەر ھەممىسى قاماقتا، تۇرمىدە، لاگىرلاردا. ئانىلار-دادىلار ئىگە-چاقىسز تاشلىۋىتىلگەن، قىز-ئاياللار ختتايلارغا مەجبۇرى خوتۇن قىلىشقا بىرىلمەكتە، سەبى كىچىك بالىلار ختتايلارنىڭ بىقىۋىلىشى، ختتاي قىلىنشى ئۈچۈن بالىلار لاگىرلىرىغا قامالماقتا.

پۈتۈن مەتبۇئاتلار ھەرىكەتكە كەلدى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى قوزغالدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قانۇن لايىھىسى ماقۇللاش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى، باڭلادىش مۇسۇلمانلىرى، ھىندونوزىيە مۇسۇلمانلىرى، تۈركىيە مۇسۇلمانلىرى كەڭ كۆلەمدە قوزغىلىپ، ختتاي كومپارتىيەسنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرىق قىلىپ توختىماي نامايىش قىلىۋاتىدۇ، ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنلىرى ئېچىۋاتىدۇ. تۈرلۈك ئاخبارات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ، مەسجىدلەردە، خۇتبىلەردە ئۇيغۇرلار ئۇچۇن دۇئا قىلىۋاتىدۇ، ۋىدىئو ئشلەپ تونۇشتۇرۋاتىدۇ. ئىئانە يىغىپ ياردەم قىلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئورنىدىن دەس تۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

كىينكى يىللاردا چەتئەللەرگە قىچىپ چقىۋالغان ئۇيغۇرلار تۈرلۈك تەشكىلاتلار بىلەن قوشۇلۇپ، گۇۋاھلىق بىرىش، تور-بېكەت ۋە تاراتقۇلارنى قۇرۇش، توختىماي نامايىش قىلىش، ختتاي ھۆكۈمىتىگە تىلىفۇن قىلىپ، سۈرۈشتۈرۈش، ھۆكۈمەتلەر بىلەن كۆرۈشۈش، يەرلىكلەرگە ئۇيغۇرلار مەسلىسنى تونۇشتۇرۇش، ماقالە يېزىش، توردا سۆزلەش، ئۆز-ئارا ياردەم قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ. 

ۋەھالەنكى 20-ئەسرنىڭ باشلىرى ۋە كېىينكى يىرىمىدىن باشلاپ، قازاقستان ، قىرغىزستان، ئۆزبىكىستانغا كۆچمەن بولۇپ بارغان مىلىيونلىغان ئۇيغۇرلاردىن تۈزۈك سادا يوق!

بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ نوپۇسنى 500 مىڭ ئەتراپىدا دەپ قارايدىغان، قازاقىستاننىڭ مەمۇرى ئورگانلىرى، ئېجتىمائى، ئېقتسادى، مەدەنىيەت -سەنئىتىدە مۇھىم رولىمىز بار دەپ ھسابلايدىغان پەخىرلىك ئۇيغۇرلىرىمىزدىن ۋەتەندە قەتلى قىلىنۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇرلىرىمىز ئۈچۈن، باسقۇنچىلىق قىلىنىۋاتقان ھەدە-سىڭىللىرىمىز ئۈچۈن، خورلىنىۋاتقان سەبى بالىلىرىمىز ئۈچۈن، تالان-تاراج قىلىنىۋاتقان مەدەنىيتىمىز ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن بىرەر تەشكىلات، جامائەت، ياشلار كوللىكتىۋى، قىز-ئاياللار بىرلەشمىلىرى، مەدەنىيەت-سەنئەت ئۆمەكلىرى، جامائەت ئەربابلىرى، كاتتا بايلار، ھۆكۇمەت خادىملىرى ئوتتۇرىغا چىقمىدى.

بىز باھانىلارنى ئاڭلىدۇق: ئەگەر چىقسا قازاقىستان ھۆكۈمىتى جازالايدۇ، نەزەربەنتگە ئالىدۇ دىگەندەك قەتئى ئورۇنسز باھانىلەر.

قاراڭ ،بىر مىللەتنىڭ يوقىلىشى بىلەن سزنىڭ تەنقىدكە ئۇچرىشىڭىز، يامىنى كەلسە بىرەر يىل قامىلىشڭىزنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ، ئۇيغۇر بىلەن قەتئى ئالاقىسى يوق، قانداشلىقى ياكى ئورتاق تارىخى بولمىغان، ۋەتەنداش بولمىغان نەچچە مىڭلىغان تەتقىقاتچى، مۇخبىر، ئنسانى ھوقۇق پائالىيەتچىسى بىر يىلدىن بىرى كىچىلىرى ئۇخلىماي، ھەسرەت چىكىپ،200 نەچچە مىڭ پارچىدىن ئاخبارات، تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئىلان قىلىپ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، مىليونلىغان ھىدونوزىيە مۇسۇلمانلىرى نامايىش قىلدى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرنىڭ يېغا-زارىسى دۇنيانى قاپلىدى

ئەمما قازاقىستاندا ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇر مىللىتىم دەيدىغان ياشلىرىمىز يەنىلا ئسنتىگرام، فەيىس بۇك، يوۋتۇپ قاتارلىق تاراتقۇلاردا سورۇن، ھەزىلكەش چاقچاق، ئويۇن-تاماششا، ھوزۇر-ھالاۋەت غىمى….ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلەپ تۇرۇپ تارقاتقان ھەزىلكەش ئويۇنلىرىنى چەتئەللىكلەر بىزگە كۆرستىپ تۇرۇپ، بۇلار ئۇيغۇر ئەمەسمۇ دەپ بىزدىن سورايدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى قىرغىن قىلىنىۋاتسا، بىزگە نىمە ئويۇن-تاماششا؟ ئەجەبا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر سلەرگە يەتمىدىمۇ؟ يەتمىدىمىكى دىسەك، ھەجەپ قازاقستاندىكى قازاق پۇقرالىرى ئاتا يۇرت دىگەندەك تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مىڭلىغان كىشلەرنى گۇۋاھلىققا يتەكلەپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنى قوزغىدى.

ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش دىگەنلىك ئويۇن -تاماششىغا باشچىلاپ كىرىپ كىتىش دىگەنلىك ئەمەس، ئاۋۋال جاننى قۇتقۇزۇش مۇھىم، ئاندىن ئىلىم-پەن، ئېقتساد، مەدەنىيەتكە نۆۋەت كىلىدۇ.

سۆزۇم ئاچچىق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇيغۇرىستاندىكى ئۇيغۇرلار تەلتۆكۈس يوقالسا، كىلەر قېتىمدىكى يوقتىش نۆۋىتى پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا كىلىدۇ، ئۇ چاغدا نەدە ئويۇن-تاماششا، ناخشا، سورۇن، ھەتتا ئۇيغۇر تىلىغا ئورۇن قالاركىن؟

قازاقستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتى كۇچى چەكسز، ئەقىللىق، سەمىمى، تىرىشچان، ئىجادى كۈچكە باي، ئەگەر ئۇلار قوزغالسا، مىڭلىغان يېڭى ئىدىيەلەر بارلىققا كىلىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشتا ئۆزگىچە تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ، ياشلار قوزغىلىدۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە ھەرىكەت قىلىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاتلار قوزغىلىدۇ.

مەن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ دەرھال ھەرىكەت كىلىشنى، قوزغىلىشنى، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، لاگىرلارنى تاقاش، تۈرمىدىكى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بىرىش، خەت-ئالاقە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پاسپورتلارنى بىرىش، بالىلارنى ئاتا-ئانىسغا بىرىش، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش قاتارلىق كونكىرىت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىمەن.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تەرجىمە: ئىقتىسادشۇناس ژۇرنىلى: 2019- يىلدا ئامېرىكا ـ خىتاي توقۇنۇشى سودا ئۇرىشى ساھەسىدىن باشقا ساھەلەرگىمۇ كېڭىيىدۇ.

سە يانۋار 22 , 2019
ئىقتىسادشۇناس ژۇرنىلى (The Economist ) 1843- يىلى لوندوندا تەسىس قىلىنغان بولۇپ ئاساسلىقى ھەپتىلىك مۇھىم خەۋەر، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىقتساد ئانالىزلارنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. بۇ ژۇرنال 1843- يىلدىن بۈگۈنگىچە بىر ھەپتىمۇ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ خەلقئارادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن بىرىدۇر. پەقەت شىمالىي ئامېرىكىدىلا بىر مىليۇن مۇشتەرىسى بار.

You May Like