ساۋاق ۋە ئىدراك

بۈگۈنكى دۇنيا بىزنىڭ ھېسسىياتىمىزغا ياكى تارىختا كىم بولۇپ ياشىغىنىمىزغا ئەمەس، ھازىر كىم بولۇپ ياشاۋاتقىنىمىزغا كۆپىرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. خىتاينىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنىڭ كۈنسايىن ئېشىشى، خىتاي مىليۇنلىغان خەلقىمىزنى تۈرمىلەرگە سولاپ، ئىسلامىي رادىكاللىق ۋە ئاشقۇنلۇققا باغلاپ، غەرب ئەللىرىدە باش كۆتۈرۈۋاتقان «ئىسلام ئۆچمەنلىكى» (Islamophobia) ئېقىمىنى سۈيئىستىمال قىلىپ جازالىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىز سۈرئەتتە خەلقئارالىشىشى، تەبىئيكى غەرب ئەللىرىدىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، مىللىتىمىزنىڭ ھوقۇق، ئادالەت ۋە مۇستەقىللىق يولىدا باسىدىغان ئۇزاق سىياسىي مۇسا

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
2018- يىلى 1- نويابىر

 

بۈگۈنكى دۇنيا بىزنىڭ ھېسسىياتىمىزغا ياكى تارىختا كىم بولۇپ ياشىغىنىمىزغا ئەمەس، ھازىر كىم بولۇپ ياشاۋاتقىنىمىزغا كۆپىرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. خىتاينىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنىڭ كۈنسايىن ئېشىشى، خىتاي مىليۇنلىغان خەلقىمىزنى تۈرمىلەرگە سولاپ، ئىسلامىي رادىكاللىق ۋە ئاشقۇنلۇققا باغلاپ، غەرب ئەللىرىدە باش كۆتۈرۈۋاتقان «ئىسلام ئۆچمەنلىكى» (Islamophobia) ئېقىمىنى سۈيئىستىمال قىلىپ جازالىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىز سۈرئەتتە خەلقئارالىشىشى، تەبىئيكى غەرب ئەللىرىدىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، مىللىتىمىزنىڭ ھوقۇق، ئادالەت ۋە مۇستەقىللىق يولىدا باسىدىغان ئۇزاق سىياسىي مۇساپىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان زور مەسىلىدۇر.

 

بىز ئۆز كۈچىمىز بىلەن خىتايدىن ھوقۇقىمىزنى تارتىپ ئېلىشتىن مەھرۇم بولغان مىللەتمىز . شۇڭا بىز دۇنيانىڭ ھازىرقى سېستىمسى بىلەن يەنى غەرب دۇنياسى بىلەن بىر يۆنىلىشتە مېڭىشتىن باشقا يولىمىز يوقتۇر. چۈنكى سىناپ باققان باشقا يوللارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرنى گۇمراھلىققا يۈزلەندۈردى. كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى خۇددىي بۈگۈنكى سۈرىيە ئۇرۇشىغا ئوخشاش، چوڭ كۈچلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن كەتمەن چاپىدىغان ئېتىزغا ئوخشاپ قالماسلىقنىڭ ئالدىنى ھازىردىن باشلاپ ئېلىشىمىز كېرەك.

 

قىسقىسى، بىزدە چوقۇم دۇنيانى ۋە جانى – جان مىللىي مەنپەئەتنى چۈشىنەلەيدىغان سىياسىي ئاڭ بولىشى، بۇرۇن ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىزدىن ساۋاق ئېلىپ، ئۇنى ئەتىدىكى سىياسىي مەقسەتلىرىمىز ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدىغان سەزگۈر ئىدراك بولىشى كېرەك. بىز دۇنياغا ئۆزىمىزنى دۇنيا بىزنى قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇلدا يەنى ھەر بىر كىشىنىڭ شەخسىيىتىگە تەۋە بولغان دىنىمىز بىلەن ئەمەس، مىللىي ۋە ئىرقىي كىملىكىمىز بىلەن، گۈزەل مەدەنىيىتىمىز بىلەن تونۇشتۇرۇشىمىز، ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتنىڭ ھازىر ئىرقىي زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى مەدەنىي دۇنيا بىلەن بىر قۇتۇپتا تۇرۇپ، دۇنيانىڭ قانۇن – پرىنسىپلىرىدا تۇرۇپ، ئىنسانىيلىقنىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئاڭلىتىشمىز ئەڭ ئاقىلانىلىكىدۇر.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئۇيغۇر ئاگىېنتلىقى سزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاج، ياردەم ئۇسۇلى

شە ئۆكتەبىر 17 , 2020
ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى-ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان تاراتقۇ ۋاستىسى بولۇپ،2018-يىلى قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلى،ئىنگىلىز تىلى،ئەرەب تىلى ،تۈرك تىلى،گىرمان تىلى،ختتاي تىلى،ياپون تىلى ،روس تىلى قاتارلىق سەككىز خىل تىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈپ كەلدى.100گە يېقىن ئۇيغۇر پىدائى ژۇرنالستلىرى ۋە تېخنىكىلارنىڭ پىداكارلىقى بىلەن ئەسەر تەييارلىنىدۇ.

You May Like