بىزدە قانداق سىياسىي ئاڭ بولىشى كېرەك؟

ئىزاھات: مەزكۇر ماقالە ئاپتورنىڭ 2018- يىلى يازغان ماقالىسى بولۇپ، «ساۋاق ۋە ئىدراك» تېمىسىدا يوللانغان مەزمۇن ئاپتورنىڭ قايتىدىن يېزىپ تولۇقلىشىدىن كېيىن، قايتا ئوقۇپ، تەپەككۇر قلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ، دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن يوللاندى. بۇنىڭدىكى پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسى پىكىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىتەرەپ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىدۇ.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئىزاھات: مەزكۇر ماقالە ئاپتورنىڭ 2018- يىلى يازغان ماقالىسى بولۇپ، «ساۋاق ۋە ئىدراك» تېمىسىدا يوللانغان مەزمۇن ئاپتورنىڭ قايتىدىن يېزىپ تولۇقلىشىدىن كېيىن، قايتا ئوقۇپ، تەپەككۇر قلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ، دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن يوللاندى. بۇنىڭدىكى پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسى پىكىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىتەرەپ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىدۇ.

 

بۈگۈنكى دۇنيا بىزنىڭ ھېسسىياتىمىزغا ياكى تارىختا كىم بولۇپ ياشىغىنىمىزغا ئەمەس، ھازىر كىم بولۇپ ياشاۋاتقىنىمىزغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. خىتاينىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنىڭ كۈنسايىن ئېشىشى، خىتاي مىليونلىغان خەلقىمىزنى تۈرمىلەرگە سولاپ، ئىسلامىي رادىكاللىق ۋە ئاشقۇنلۇققا باغلاپ، غەرب ئەللىرىدە باش كۆتۈرۈۋاتقان «ئىسلام ئۆچمەنلىكى» (Islamophobia) ئېقىمىنى سۈيئىستىمال قىلىپ جازالىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىز سۈرئەتتە خەلقئارالىشىشى، تەبىئىيكى غەرب ئەللىرىدىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، مىللىتىمىزنىڭ ھوقۇق، ئادالەت ۋە مۇستەقىللىق يولىدا باسىدىغان ئۇزاق سىياسىي مۇساپىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان زور مەسىلىدۇر.

 

ئۇنداقتا بىزدە قانداق سىياسىي ئاڭ – ئىدراك بولىشى كېرەك؟ بىز ئاۋۋال تارىختا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىزدىن ساۋاق ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولىشىمىز، مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئىستىقبالىغا ھىچ بىر پايدىسى يوق، ئەكسىچە زىيان كەلتۈرگەن ۋە كەلتۈرۈۋاتقان ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ دوگمىلاشقان تۈرۈكچىلىك ۋە ئىسلمچىلىق مەپكۇرىسىنى ئارقىمىزغا تاشلىشىمىز، تارىخقا ئايلىنىپ كەتكەن سىياسىي مەغلۇبىيىتىمىزنى ئەتىدىكى سىياسىي مەقسەتلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەدبىرچانلىق بىلەن قوللىنالايدىغان، ئۇيغۇر مىللىي مەنپەئەتنى تۈپ چىقىش قىلىدىغان سىياسىي ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۇرىشىمىز كېرەك.

 

بىز ئۆز كۈچىمىز بىلەن خىتايدىن ھوقۇقىمىزنى تارتىپ ئېلىشتىن مەھرۇم بولغان مەھكۇم مىللەتمىز. شۇڭا بىز دۇنيانىڭ ھازىرقى سىستېمسى بىلەن يەنى غەرب دۇنياسى بىلەن بىر يۆنىلىشتە مېڭىشتىن باشقا يولىمىز يوقتۇر. چۈنكى سىناپ باققان باشقا يوللارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرنى گۇمراھلىققا يۈزلەندۈردى. كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى خۇددى بۈگۈنكى سۈرىيە ئۇرۇشىغا ئوخشاش، چوڭ كۈچلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن كەتمەن چاپىدىغان ئېتىزغا ئوخشاپ قالماسلىقىڭ ئالدىنى ھازىردىن باشلاپ ئېلىشقا تەييار تۇرىشىمىز لازىم.

 

قىسقىسى، بىزدە چوقۇم دۇنيانى ۋە جانى – جان ئۇيغۇر مىللىي مەنپەئەتنى چۈشىنەلەيدىغان، ئۇنى دادىللىق بىلەن قوغدىيالايدىغان سىياسىي ئاڭ بولىشى، خاتا قىلغانلىقىمىزدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۇنى كېلەچەك سىياسىي مەقسەتلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىق يوللار بىلەن ئىشلىتەلەيدىغان سەزگۈر ئىدراك بولىشى كېرەك. بىز دۇنياغا ئۆزىمىزنى دۇنيا بىزنى قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇلدا يەنى ھەر بىر كىشىنىڭ شەخسىيىتىگە تەۋە بولغان دىنىمىز بىلەن ئەمەس، مىللىي ۋە ئىرقىي كىملىكىمىز بىلەن، گۈزەل مەدەنىيىتىمىز بىلەن تونۇشتۇرۇشىمىز، «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ مىللەتنىڭ ھازىر ئىرقىي زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى مەدەنىي دۇنيا بىلەن بىر قۇتۇپتا تۇرۇپ، دۇنيانىڭ قانۇن – پرىنسىپلىرىدا تۇرۇپ، ئىنسانىيلىقنىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئاڭلىتىشمىز ئەڭ ئاقىلانىلىقىدۇر.

 

تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ شەرھلىسەك، دۇنيانىڭ بۈگۈنكى مىزانىغا ئۆزىمىزنى قوبۇل قىلدۇرالايدىغان ھەم بىز دۇنيا مىزانىنى قوبۇل قىلالايدىغان، ئۆز نۆۋىتىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى «ئۇيغۇر» ناملىق بۇ مىللەتنىڭ دۇنيادا بىخەتەر ياشاش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇشنى خەلقئارا قانۇن ۋە پرىنسىپلار بويىچە تەلەپ قىلىپ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان دۇنيا سەۋىيىسىدىكى سەزگۈر ئەقىل، ئاكتىپ دىپلوماتىيە ۋە تۈرلۈك ساھەلەردىكى ھوقۇق ھەركىتىمىزنى كەڭ دائىرىدە ئەۋجى ئالدۇرۇشىمىز زۆرۈردۇر. دۇنيا بىزگە پۇرسەتنى بەرمىسە، بىز شۇ پۇرسەتنى ئىزدەپ تېپىشىمىز، دۇنيا بىزنى ئېتىراپ قىلمىسا، بىز ئۇلارغا ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن، دەلىل- پاكىتلىرىمىز بىلەن ئېتىراپ قىلدۇرۇشىمىز كېرەك چۈنكى بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن يوقىلىۋاتقان بىر مىللەتمىز، ئىنسانىيەت قانۇنى بىزنىڭ ئىنساندەك ياشاش ۋە مەۋجۇتلۇق ھوقوقىمىزنى بىردەك ئېتىراپ قىلىشقا ۋە قوغداشقا مەجبۇردۇر.

 

بىر ئىستىبدات ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئۆتكۈزىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى توسۇش ياكى ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش – دۇنيادىكى ئىنسانلىقنى ۋە ھەققانىيەتنى سۆيگەن ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىدۇر. بىز شۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىمىزكى دۇنيا ئۆتكەن ئەسىر گېرمانىيە ھېتلىر ناتسىستلىرىدىن كۈچلۈك ۋە ئادىل بولغىنىنى ئىسپاتلىغىنىغا ئوخشاش، بۈگۈنمۇ خىتاي فاشىست ھاكىمىيىتىدىن كۈچلۈك ۋە ئادىل ئىكەنلىكىنى ھامان ئىسپاتلايدۇ.

 

2018- يىلى 1- نويابىر، لوندون.
مەنبە ئەلكۈن تورى

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكا ئەمەلدارى: ئۇيغۇرلارغا قارشىى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا «يېقىن» جىنايەت سادىر بولماقتا

شە ئۆكتەبىر 24 , 2020
ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئو برەيىن مۇنداق دېدى: خىتاي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) دا مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا «يېقىن» جىنايەت سادىر قىلماقتا. بۇ ھەپتە مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى پوتتىنگېر خىتاينىڭ چېگرا ئىچىدە «يىغىۋىلىش لاگېرلىرى» نى داۋاملىق ساقلاپ قالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

You May Like