چىچىنىيەلىك قاتىل ۋە ئۇيغۇر زاستاتىل

ئىزاھات: مەزكۇر يازما ئاپتورنىڭ شەخسىي پىكرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن بىر ناتونۇش چىچەن مۇسۇلماننىڭ جىنايىتى سەۋەبلىك، پۈتكۈل ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئىرىشكەن يىقىنقى ئازغىنە قوللاشلىرىمىزنىڭ قانداق سەلبىي تەسىرگە ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدا كۆپرەك ئويلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

دىلنۇر رەيھان

 

2020-10-20

 

ئىزاھات: مەزكۇر يازما ئاپتورنىڭ شەخسىي پىكرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن بىر ناتونۇش چىچەن مۇسۇلماننىڭ جىنايىتى سەۋەبلىك، پۈتكۈل ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئىرىشكەن يىقىنقى ئازغىنە قوللاشلىرىمىزنىڭ قانداق سەلبىي تەسىرگە ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدا كۆپرەك ئويلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

 

فىرانسىيەدە ئوقۇغۇچىلىرىغا پەيغەمبەرنىڭ ھەجىۋى كارتونلىرىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، بىر تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچىسى تۈنۈگۈن كوچىدا بىر مۇسۇلمان ياش تەرىپىدىن بوغۇزلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى.
بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 18 ياشلىق بۇ تەلۋە قاتىل چېچەنمىش. جىنايىتىنى ۋىدىئوغا ئېلىپ، تىۋىتتىردا تۈنۈگۈن ئاخشام تارقىتىپتۇ.

 

(تېمىلارغا چۈشكەن بىر ئىنكاستا: » پەيغەمبەرنى ھاقارەت قىلغان سۆرەتنى بۇ ئوقۇتقۇچى سىزمىغان، بەلكى پىكىر ئەركىنلىكى توغرىسىدا دەرس سۆزلىگەندە پەقەت مىسالغا ئالغان، بۇ ياۋايى قاتىل 90 كىلومىتىر يولنى بېسىپ كىلىپ بۇ ئادەمنى بۇغۇزلىۋېتىپتۇ» دىيىلگەن – ت).

 

ھەر قېتىم ئىسلامنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ قىلىنغان قاتىللىقلار پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىغا سەلبىي تەسىر ئېلىپ كەلدى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار. خىتاي شۇنى باھانە قىلىپ، بارلىق شەخسىي ۋە كوللىكتىپ قارشىلىقلارنى تېرورىزىمغا باغلاپ، بۇ يالغانچىلىقىنى دۇنيانىڭ ئويۇنلىرى بىلەن كۆككە كۆتۈرۈپ كېلەلىدى. سۈرىيەگە قېتىلغان ئاز بىر قىسىم كاللا كېسەرلەر سەۋەبىدىن يېقىنقىچە دۇنيانىڭ ھېسداشلىقىنى ھەقىقى قولغا كەلتۈرەلمىگەن ئىدۇق.

 

مانا ئەمدى بۇ بىچارە ئوقۇتقۇچىنى بوغۇزلىۋەتكەن بۇ 18 ياشلىق تەلۋە دەلتىنىڭ جىنايىتىنىڭ دەردىنى فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلار تارتىدۇ. ھېلىدىن تارتىپ باشلىنىپ بولدى. ھازىرغىچە مۇسۇلمانلارنى قوغداپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن سۆز قىلىپ، ماقالە ئېلان قىلغان ۋە ئىسلاموفوب ژورنالىستلارنى ئەيىپلەپ كەلگەن فىرانسۇز سىياسەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار ياكى ژورنالىستلارنى «بوشلۇق قىلدى، يۇمشاقباشلىق قىلدى، مانىڭدەك قاتىللىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يېشىل چىراق ياندۇردى» دەپ ئەيىپلەشلەر باشلاندى. ئىسلاموفوبىياغا قارشى قىلىنغان نۇرغۇن خىزمەتلەر كەينىگە كېتىدىغان بولدى.

 

پەيغەمبەرنى ئەينى دەۋردە ھاقارەت قىلسا، قول تەگكۈزسە چىرايلىق مۇئامىلە ياندۇرۇپتىكەن. پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ چىرايلىق گەپ-سۆزى ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆزىگە ھاقارەت ۋە ئۆچمەنلىك قىلغانلارنى ئۆزگەرتىپتىكەن. بۈگۈنكى دەۋردە، بەزى تەلۋىلەر دىنىمىزنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ جىنايەت سادىر قىلسا، ئۇنى ئەيىپلەشتە يوق، ئۇنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ، جىنايەتكە چاپان يېپىش بەكمۇ خەتەرلىك. بۇ پەقەت بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇشۇنداق «سەۋەپلەر» بىلەن قاتىللىق قىلىدىغانلارغا سەۋەپ تېپىپىپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇنداق تەلۋىلەرنىڭ دىنىمىزنى جىنايەتلىرىگە باغلىۋېلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دۇنيادا مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بالا-قازالار دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى بۇ ھەجىۋى رەسىملەردىن مىليون ھەسسە بەكرەك كۆڭۈل بۆلدۈرۈشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، نېگىزگە قارىغاندا شەكىلگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئادەتلەنگەن مۇسۇلمانلار يەنە بۇ قاتىللىقنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى ئويلاشماي، قاتىلغا سەۋەپ ئىزدەشكە كۆڭۈل بۆلۈشى ئادەمنى غەمگە سالىدۇ.

 

 

 

بۈگۈن بىر قانچە پاناھلىقىنى ساقلاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەنسىرەپ تېلېفون قىپتۇ. سەۋەبى، جۈمە كۈنىدىكى ۋەھشىيانە قاتىللىقنى سادىر قىلغان چېچەنلىك تېخى يېڭى فىرانسىيەدىن پاناھلىق ئالغان بولۇپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بۈگۈن سۆز قىلىپ، پاناھلىق قانۇنلىرىنى قايتا كۆرۈپ چىقىدىغانلىقى ۋە بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كەلگەن پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قايتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى، پاناھلىق ئېلىپ بولغانلارنىڭكىنى بۇرۇنقىدەك ئاپتوماتىك يېڭىلىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. پاناھلىق ئېلىپ بولغان ۋە ۋەتەنداشلىققا ئىلتىماس قىلغانلارنىڭمۇ چوقۇم بۇرۇنقىدىن كۆپ قىيىنلىشىدۇ ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى چوقۇم قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

 

فىرانسىيەدە بۇ ۋەھشىي قاتىللىقتىن كېيىنلا ئىسلاموفوبىيەنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن قورققان كىشىلەرنىڭ ئەنسىرىگىنى يۈز بېرىشكە باشلىدى. پاناھلىق قانۇنىنىڭ ئېغىرلىشىشى ئەسلى كونسېرۋاتىپ ۋە ئوڭچىل پارتىيەلەر ئۇزۇندىن بېرى ھۆكۈمەتتىن تەلەپ قىلىۋاتقان نۇقتىسىدىن بىرى ئىدى. بۇ تېرورلۇقتىن كېيىن، ئېنىق نۇقتىدىن بېرى شۇكى، چېچەنلەرگە ئەمدى خېلىغىچە پاناھلىق كېسىلىدۇ. تېرورچىنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىگە بېرىلگەن پاناھلىق تامامەن بىكار قىلىندى ۋە فىرانسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چېچىپ، «تىز پۈكمەس فىرانسىيە» پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، پۇتىنپەرەس مېلاڭشوڭ «داۋاملىق مۇشۇ چېچەنلەردىنلا ئىش چىقىدۇ، بۇلارنى قاتتىق كونتىروللۇققا ئېلىش كېرەك ۋە پاناھلىققا ئېرىشكەن ھەربىر چېچەنلىكنىڭ ماتېرىيالىنى قايتا كۆرۈپ چىقىش كېرەك. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى رادىكال دىنچىلارغا يېقىنلارنى قوغلاپ چىقىرىش كېرەك» دەپ جاكارلىدى.

 

دېمەك، ئوڭچىل-سولچىل فىرانسۇز مىللەتچىلىرىگە ۋە مۇسۇلمانلارغا چىش بىلەپ تۇرغانلارغا بۇ قېتىملىق تېرورلۇق تېپىلماس سەۋەپ بولدى. ئىككى كۈندىن بېرى فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى رادىكال دىنچى دەپ قارىغان بارلىق ئىسلامى ئۇيۇشمىلارنى بىراقلا بىكار قىلدى. تەرەپ-تەرەپتىن ھەر قايسى ساھەلەردىكى كىشىلەر » بۇ دېگەن بىزنىڭ دۆلىتىمىز، قانۇنىمىزغا قارشى چىقىپ، قانۇن قوغدىغان پىكىر ئەركىنلىكى بويىچە ھەجىۋى رەسىملەرنى كۆرسەتكەن ئوقۇتقۇچىنى دىنى ئۈچۈن بوغۇزلىغان قاتىل ۋە ئۇ تاڭماقچى بولغان دىنىنىڭ ئەھكاملىرىغا مەڭگۈ ئورۇن يوقلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەيغەمبەرنىڭ ھەجىۋى رەسىملىرىنى ھەممىمىز تارقىتايلى» دېگەن شوئار يېزىلغان شاغلى ھېبدونىڭ ھەجىۋى رەسىملىرىنى پۈتۈن فىرانسىيەدە تارقىتىشنى تەشەببۇس قىلىشلار باشلىنىپ كەتتى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىسلاموفوبىيەگە قارشى كۈرەشلەر نەتىجىسىدە خېلى تىنىچلىنىپ قالغان ئىسلاموفوبلار قايتا ئورنىنى تېپىپ » بىز دېىمىگەنمۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بەرسەك بىزنىڭ دەككىمىزنى بەرگەن يۇمشاقباشلار، ئەمدى جاۋاپ بېرىڭلار» دەپ پۈتۈن مېدىئالارنى ئېگەللىگىلى تۇردى.

 

قارىسام ھەدەپ خېلى تۈزۈك دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارمۇ قاتىلغا سەۋەپ كۆرسىتىپ، چاپان ياپقىلى تۇرۇپتۇ. بىر سېكۇنىت ئويلاپ بېقىڭلار: ئەگەر بۇ تېرورېست چېچەن ئەمەس ئۇيغۇر بولغان بولسا، مۇشۇنداق چاپان ياپامتىڭلار؟ ئەگەر ئۇيغۇر بولغان بولسا 4 يىلدىن بېرى لاگىرلارنى تاقاتقۇزۇش ۋە خىتاينى يىقىتىش ئۈچۈن قىلىنغان ئەجىرلەر، ئېرىشكەن نەتىجىلەر نېمە بولۇپ كېتەردى ؟ ياۋروپا دۆلەتلىرى ھازىر شەرتسىز قوبۇل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پاناھچىلار قانداق بولار ئىدى؟ ئاۋۇ پۇتىنپەرەس فىرانسۇز سىياسەتچى بەكمۇ مەشھۇر خىتايپەرەس. ئۇنداق خىتايپەرەسلەرگە تېپىلماس ئالتۇن بولاتتى. خۇدايىم بىزنى مۇشۇنداق ئىپلاس تەلۋىلەردىن ساقلىسۇن. بۇنداقلارنىڭ ۋەھشىيانە قاتىللىقىغا ھەرقانداق باھانە سەۋەپ كۆرسىتىش كەلگۈسىدە يېڭىدىن يەنە مۇشۇنداق ۋەھشىيلىكنىڭ يۈز بېرىش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ دۆلەتلەردە مەيلى قايسى سەۋەپ بىلەن تۇرۇپ قالغان بولۇڭ، ئىقتىسادىڭىز قانچىلىك بولۇپ، قانچىلىك باج تاپشۇرۇپ كېتىڭ، بۇ سىزنىڭ دۆلىتىڭىز ئەمەس. بۇ دۆلەتتە قانۇن بار، قانۇن قوغدايدىغان ھەق-قوقۇقلار بار. ئۇنىڭغا نارازى بولسىڭىز بۇ دۆلەتتە تۇرماڭ، ئىشىنىڭ بۇ دۆلەت سىزنى تۇتۇۋالمايدۇ. ئەگەر بىزنىڭ ئۇيغۇر دۆلىتىمىز بولۇپ، بىر كۆچمەن خىرىستىيان ياكى باشقا بىرى ئۆز ئىدىئولوگىيەسى دۆلىتىمىزدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن ھۆرمەت قىلىنمىدى دەپ چىقىپ بىر ۋەتەندىشىمىزنى بوغۇزلىۋەتسە، سىلەر يەنە ئۇنىڭغا چاپان ياپامتىڭلار ؟ «پىچاقنى ئاۋال ئۆزەڭگە سال، ئاغرىمىسا باشقىغا» دەپ كونىلار توغرا ئېيتقان. ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ باقايلى. خەققە ئۆتكۈزەپ قويغىنىمىز يوق.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

پارىژدىكى قاتىللىق ۋە بىزدىكى تەنتەكلىك

پە ئۆكتەبىر 22 , 2020
فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بىر مۇسۇلمان چىچەن ياشنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋىي رەسىمىنى ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆرسەتكەن بىر فرانسوز ئۇقۇتقۇچىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

You May Like