ئۇيغۇرلارغا چەكسز ئۆچمەنلىك: خىتاي دېموكراتىيە جەڭچىسى ۋىي جىڭشىڭنىڭ ئۇيغۇر ئۆچمەنلىكى، مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھەققىدە

بۇ ماقالىدە ۋىي جىڭشىڭ، ئۇنىڭ خىتاي دۇنياسدىكى ئورنى ۋە تەسرى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرى، بۇنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنى قوللاۋاتقانلار ھەققىدە توختىلىمىز.

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

 

بۇ ماقالىدە ۋىي جىڭشىڭ، ئۇنىڭ خىتاي دۇنياسدىكى ئورنى ۋە تەسرى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرى، بۇنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنى قوللاۋاتقانلار ھەققىدە توختىلىمىز.

 

ۋېي جىڭشىڭ كىم؟

 

ئىنتىرنت مەنبەلىرىدە ۋىي جىڭشىننى ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تونۇشتۇرىدۇ.

 

1950- يىلى ئەنخۇينىڭ جىنسەي دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، كومپارتىيەگە قارشى دېموكراتچى. ئىلگىرى بېيجىڭدا «بەشىنچى زامانىۋىلاشتۇرۇش» نامىدا دېموكراتىيەنى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن «ئەكسلئىنقىلاپچى» جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە قامالغان.كۆپ قېتىم نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتىغا ئېرىشكەن. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئامېرىكىغا كەلگەن. ھازىر خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكىتى بىرلەشمىسى رەئىسى (1)، ۋىي جىڭشىڭ فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇ 1993- يىلى جەنۇبىي ئافرىقا پرېزىدېنتى نىلسون ماندىلا بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا گىرايسمان فوندى خەلقئارا فوندى مۇكاپاتىغا ئېرشكەن، 1994- يىلى شۋېتسيە پارمىي مۇكاپاتى، 1994- يىلى روبېرت كېنىددى مۇكاپاتى، 1996- يىلى ياۋروپا پارلامېنتى ساخاروۋ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1998- يىلى ئامېرىكا دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتچىلىرى ئارسىدا ئەڭ تونۇلغان. ۋي جىڭشىڭ فوندى تور بېكىتى، داڭلىق تاراتقۇلاردا ۋە خىتايغا قارشى ئەركىن ئاسيا، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىقلاردا كۆپ ماقالە ئېلان قىلىدىغان، تەسرى بار بىر شەخس.

 

بىز ئۇنىڭغا باھا بىرشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇر ھەققىدىكى ئاشكارا مەيدانىنى چۈشىنىپ چىقايلى:

 

ۋېي جىڭشىڭنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر قىسىم قاراشلىرى:

 

ئۇ يېقىندا، ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قسم تاراتقۇلار ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئارسىدىلا ئەمەس، بەلكى كۆزەتكۈچى خىتايلار، ئامېرىكىلىقلار ئارسىدىمۇ قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

 

ۋىي جىڭشىڭ :1-ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسلىسدە، خىتاي مىللىتىنىڭ ھىچقانداق گۇناھى يوق!

 

ۋىي جىڭشىڭ 2021- يىلى 4- ئاينىڭ 27-كۈنى ئەركىن ئاسيا رادىئوسى خىتايچە قانىلىدا ئىلان قىلغان «ئۇيغۇر تارىخىغائائىت مۇنازىرە» ناملىق ماقالىسدە مۇنداق دېگەن: «بىر قسم دۆلەتلەر كومپارتىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياستىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن … خەنزۇلار، بولۇپمۇ كۆپ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى قوللاپ كەلگەن خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكىتى بىرلەشمىسدىن باشقا، نۇرغۇن كۈچلەر ئوتتۇرىغا چىقتى، بەزىلەر خەنزۇلار ئۇيغۇرلارغا تىزلىنىپ كەچۈرۈم سورىشى كېرەك دېدى، شۇنىڭ بىلەن توردىكى كۆپ قىسىم خەنزۇلار بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلەندى. ھەر قايسى مىللەتلەرنى باسقىنى-خەنزۇلار ئەمەس،خىتاي كومپارتىيەسى، نېمىشقا خەنزۇلار ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سورايدۇ؟ بۇ ئۇيغۇر دوستلارغا ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى تېرىغانلىق ئەمەسمۇ؟»

 

ۋىي جىڭشىڭ بۇنداق دېيىش ئارقىلىق، بېسۋىلىنغان ئۇيغۇر دۆلىتى تېررىتورىيەسدىكى خىتاي خەلقىنىڭ كومپارتىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى مەسئۇلىيەتنى ياپماقچى بولغان. تاراتقۇلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، يېقىنقى تارىختىن بېرى، رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلەر دۆلەت سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ ساندا كۆچمەن بولۇپ، بارلىق مۇھىم بايلىق مەنبەلىرىنى، مۇھىم ئىش ئورۇنلىرىنى ئىگىلىگەن. خىتاي ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش دەرىجىسنى قىرغىنچىلىققا كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەش، ئۆيلىرىگە باستۇرۇش كىرىش، قىزلىرىنى مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا ئېلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ شركەت، مال – مۈلۈكلىرىنى، زاۋۇت ۋە يەر – جايلىرىنى مەجبۇرىي ياكى ئەرزان باھادا ئۆتكۈزۋىلىش قاتارلىق ۋەھيشيانە بۇلاڭچىلىق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلماقتا. خىتاي شركەتلىرى بولسا ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىشىتىكى بىرىنچى بازا ۋە مەنبە بولماقتا. ئۇيغۇرلار لاگېرلاردا خورلىنىۋاتقان، قۇل قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى 10 مىلىيونغا يېقىن (2010- يىللىق نوپۇس ستاتېستىكىسىدا 8 مىلىيون 750مىڭ دېيىلگەن.) خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمىغان ھالدا باياشات ۋە ئەركىن ھالدا، بىرىنچى پۇقرا سۈپىتىدە ياشاۋاتىدۇ. ئەمما ۋىي جىڭشىن خىتايلارنىڭ بۇ قىلمشىلىرىنى يوققا چىقارغاننى ئاز دېگەندەك، باشقا خىتايلارنىڭ ئۆزىنىڭ خەلقى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىدىن ئەپۇ سوراش قىزغىنلىقىنى «ئاداۋەت ئۇرۇقى چاچقانلىق» دەپ ئاتىماقتا.

 

ۋىي جىڭ شين:2 – ئۇيغۇرلار رادىكال، تىرورچى ئەمما ھەممىسى تىرورچى ئەمەس؛

 

ۋىي جىڭ شين ئ‍ۆز ماقالىسى ۋە توردىكى يازمىلىرىدا،جەمئى 12 قېتىم ئۇيغۇرلارنى رادىكال،تىرورچى،ئىرقچى دەپ ئەيىپلىگەن بولۇپ،ھەر قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسنى شۇنداق ئەمەسلىكىنى قوشۇپ قويىدۇ.

 

ۋىي جىڭ شىڭ يۇقىرىقى ماقالىسدە يەنە مۇنداق دىگەن:چەتئەلدىكى ئۇيغۇر دوسلارنىڭ ئىچىدىكى رادىكال ئېقىمدىكىلەر سەكرەپ چېقشى ئادەمنى قاتتىق گۇمانغا سالىدۇ،ئۇلار ئىنتايىن پەسكەش ئىبارىلەر بىلەن خەنزۇلارنى ھاقارەت قىلماقتا.ھەتتا ناتسسلار بىلەن ئوخشاش كەمستىش ۋە ھاقارەت سۆزلىرىنى ئ‍شلىتىپ خەنزۇلارغا ھۇجۇم قىلماقتا.بۇ خىل تىل زوراۋانلىقى-يەنە بىر پەللە ئۆرلىدى،قارىماققا بۇ بىر مىللى زىدىديەت ئەمەس،بەلكى تېخىمۇ چوڭقۇر بىر سۇيقەست بار».ئۇ بۇ ماقالىسنى تېۋىتترغا تاشلىغاندا مۇنداق قوشۇمچە قويغان:«ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى تىرورچى ئەمەس،ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت شۇ رادىكال ئىديىيەلەرنىڭ تەسرىگە ئۇچرىغان،ئۇيغۇر رادىكاللار -ئەنئەنىۋى ھالدىكى خەنزۇلارنى ئۆلتۈرۈپ يوقتىش مەيدانىدىكىلەردىن باشقا يەنە،ئافغانستاندا تەربىيلەنگەن تىرورچىلارنىمۇ ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۇلار ئۇيغۇرلارنىمۇ گۆرەگە ئالىدۇ،ئۇلار تېخى ئۆزىچە ئامېرىكا ئ‍ۆزىنى قوللايدۇ دەپ قارايدۇ».

 

ئۇ يەنە مۇنداق دىگەن:

 

«ب د ت ۋە ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر دىنىي ئاشقۇنلىرى يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى كۆپ قېتىم ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى سادىر قىلدى. مەسىلەن، 2014-يىلى كۇنمىڭ ۋوگزالىدىكى زوراۋانلىق ھۇجۇمىدا 30 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلدى.»

 

ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىق مەسلىسى كۆرۇلگەندىن ھازىرغىچە خەلقئارا تاراتقۇلاردا،ھىچقانداق داڭلىق شەخس ئۇيغۇرلارنى رادىكال ياكى تىرورچى دەپ باقمىغان بولۇپ، ۋىي جىڭ شىن:ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى تىرورچى ئەمەس دېىيش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى يەنىلا تىرورچى،رادىكال نەزەرىيسنى بازارغا سالغان.

 

ۋىي جىڭ شين:3- ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا دۆلىتى بولۇپ باققان ئەمەس؛

 

ۋيجىڭشىن يەنە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە بىلجىرلاپ مۇنداق دەيدۇ:«بىر قېسم رادىكال ئۇيغۇرلار خىتايلارنى ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى بېسۋالدى دەپ قارايدۇ.بۇ تېخىمۇ ھەجىۋى بىر گەپ،تارىختا ئۇيغۇرلار ئاساسى ئاھالە بولغان دۆلەت بولغانلىقى راست،ئەمما ئۇيغۇر دۆلىتى بولمىغان،ئۇنىڭ ئورنى ھازىرقى تۇرپانغا توغرا كىلىدۇ. ئۇ يەر ئىدىقۇت خانلىقى دەپ ئاتالغان،كىين موڭغۇللار تەرىپىدىن بېسۋىلىنغان،خەنزۇلار تەرىپىدىن ئەمەس، بۇلارنىڭ خەنزۇلار بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق.

 

بۇنىڭدىن ۋىيجىڭشننىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى بىلمەيلا قالماستىن، بەلكى بۇرمىلىغانلىقنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەس، بىر مىللەتنىڭ تارىختا دۆلەت قۇرغان قۇرمىغانلىقىنى ئۇ مىللەتنىڭ ئۆز دۆلىتىنى شۇ مىللەت نامىدا ئاتىغان ياكى ئاتىمىغانلىقى بىلەن ئۆلچەيدىغان قائىدە نەدە بار؟ئۇنداقتا خىتايلار تارىختا خەن سۇلالىسدىن كىين دۆلەت قۇرۇپ باقمىغان دىيشكە بولامدۇ؟ چۇنكى سۇڭ،تاڭ،مىڭ ،چىڭ سۇلالىلىرى ھەتتا ھازىرقى جۇڭگو يەنى خىتايئىچىدە ھىچقايسى خەن ياكى خەنزۇ نامى بىلەن دۆلەت قۇرمىغان.ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن خانلىقىدىن تاكى شەرقى تۈركستان جۇمھۇرىيتىگە قەدەر يەتتە بۇيۇك دۆلەتنىڭ ئاساسى قۇرغۇچى ۋە ئاساسى ئاھالە سۈپىتىدە ئېزى بارلىقى تارىخى پاكىتلاردا ئىنىق كۆرستىلگەن.بۇنى خىتاينىڭ 24 تارىختىن ياكى تاڭ سۇلالىسى تەزكىرىلىرىگە قەدەر، سوڭ خاتىرىلىرىدىن يېقىنقى خىتايئومۇمى تارىخىغا قەدەر،ئۇيغۇرلار (خۇيخى ،تېلى،يۇۋەنخى نامى بىلەن ئاتالغان)ھەققىدىكى خاتىرىلەردىن كۆرۇۋىلىش تەس ئەمەس.

 

ۋىي جىڭشىن: 4-«ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇش-بولماسلىقىنى خىتايكومپارتىيەسى تەخىتين چۇشكەندىن كىين ئ‍ويلىشمىز »

 

ۋىي جىڭشىن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ،خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍ۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى خىتايلار بىكىتىپ بىرىدىغاندەك سۆز قىلغان.

 

ۋىي جىڭشىن: 5-ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى، خەنزۇلارنى يوقتىمىز دەيدىغان تىرورچىلىقى، ئىرقچىلىقىغا قەتئى قارشى تۇرىمىز؛

 

ۋىي جىڭشىن توردا يۇقىرىدىكى باياناتى تۇپەيلى تىڭ بىياۋ، ماجۇن، تاھىر ئىمىن قاتارلىق زىيالىيلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە دۇچ كەلگەندىن بايانات ئىلان قىلغان بولۇپ،مۇنداق دىگەن:

 

بىز خەنزۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كومپارتىيە تەرىپىدىن ئۇچرىغان زۇلۇمىغا ھسداشلىق قىلىمىز،ئەمما خەنزۇلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى ،خەنزۇلارنى يوقتىمىز دەيدىغان تىرورچىلىقى، ئىرقچىلىقىغا قەتئى قارشى تۇرىمىز؛

 

ۋىيجىڭشىننىڭ بۇ ماقالىسى ئىلان قىلنغاندىن كىين كۈچلۈك نارازىلىققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھۈرمەتكە سازاۋەر خىتايزىيالىسى تىڭ بىياۋ مۇنداق دىگەن:

 

خىتايلار ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسلىسدە ئ‍ۆز خاتالىقى ھەققىدە ئويلىنىشى كىرەك.

 

مەزكۇر ماقال ئاپتورى مۇنداق يازغانىدى:

 

«ۋىي جىڭشىڭ بۇ ماقالىسدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆچمەنلىكىنى،كەمستىشنى ئوچۇق ئىپادىلەپتۇ.سەن ئۇيغۇرلارنى نېمىشقا ھە دىسە رادىكال دەپ سۈپەتلەيسەن؟سەن (خىتاي-ئۇيغۇر دوسلۇقىنى ھېمايە قىلغۇچى بولساڭ )نىمىشقا ئۇيغۇرلارنى خىتايلارغا دۈشمەن كۆرستىسەن؟سەن ئۇيغۇر تاريخى ھەققىدە يېزىپسەن،سەن بىر تارىخ تەتقىقاتچىسمۇ؟تېخى سەنلەر بىزگە ياردەم قىلدىڭمۇ؟سەن ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كومپارتىيەنى تەنقىد قىلمايسەن،ئەمما زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇرلارنى تەنقىد قىلامسەن؟»دىدىم.

 

ئۇيغۇر زىيالىسى تاھىر ھامۇت بۇ ھەقتە مۇنداق ئىنكاس يازغان:مەن خىتاينىڭ ئەڭ داڭلىق «دىموكراتىيە جەڭچىسى»بولمىش ئ‍نساننىڭ مىللى مەسلىدە،خىتايكومپارتىيەسى بىلەن ھىچقانداق پەرقى يوقلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەنمەن.

 

ئەلۋەتتە،تېخىمۇ راديكال خىتايلار ۋى جىڭ شىن قاتارلىقلارنى تەنقىد قىلىپ، سلەر بۇ شەرقى تۈركستانچى ئۇنسۇرلارنىڭ قانچىلىك ۋەھشى،قانخور ئىكەنلىكىنى،جۇڭگونىڭ بىگۇناھ

 

پۇقرالىرىنى قىرغان تارىخىغا سەل قارىدىڭلار،كۆز يۇمماڭلار،ئۇلار بىزنىڭ دۇشمىنىمىز».

 

ۋىي جىڭ شىڭ: 6-ئۇيغۇرلار خەنزۇلار ۋە مانجۇلارنى قىرغىن قىلغان.

 

نۇرغۇن تارىخىي ماتېرىياللار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئۇيغۇرلار خەنزۇلارنى، مانجۇلارنى ۋە بۇددىستلارنى ئۆلتۈرگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك بۇددىستلار ۋە ئۇيغۇر بۇددىستلىرى، شۇنداقلا باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرمۇ بارتى. مانا بۇنى ئېرقىي قىرغىنچىلىق دەيمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشى گېتلىرنىڭ يەھۇدىيلارنى ئۆلتۈرگىنىدىن ھەرگىزمۇ قېلىشمايدۇ.».

 

ۋى جىڭ شىڭ:7-ئۇيغۇرلارغا خىتايدىن باشقا ھىچكىم ياردەم قىلمايدۇ.

 

««بىز (خىتاي دېمۇكراتچىلىرى) نىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقىمىز نەتىجىسىدە، خەنزۇلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان ھىسداشلىقى بارغانسېرى

 

ئاشتى. مۇبادا ج ك پ سىلەرنىڭ دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە ئېرقچىلىق تەشۋىقاتىڭلاردىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ خەنزۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋالسا، ئۇ ھالدا كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىنجاڭدا راستىنلا ئېرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەندە سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ بىرەرسى ج ك پ گە قورال تەڭلىيەلەمدۇ؟ تۈركىيە جۇڭگونىڭ قورالى ۋە ۋاكسىنىسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پايپېتەك. ئەتراپىڭلاردىكى يېشىل دۆلەتلەر (خىتايلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىپ ئاتىشى) نىڭ ھەممىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا. بىز (خىتاي دېمۇكراتچىلىرى) دىن باشقا يەنە كىممۇ سىلەرگە ياردەم بېرەر؟»

 

ۋىيجىڭشننىڭ ئۇيغۇر ئۆچمەنلىكىنىڭ مەنبەسى نىمە؟

 

ۋى جىڭشىن ئۇ ئۆزى دەۋا قىلغاندەك ساغلام بىر دىموكراتىيە جەڭچىسىمۇ؟ ئۇ بىر ئ‍نسانپەرۋەرلىك ئىڭىغا ئىگە بولغان بىر زىيالىيمۇ؟

 

ۋىي جىڭ شين تېپى ئىنىق بولغان رادىكال خىتايمىللەتچىسى (2 ) بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىدە بولۇپمۇ ئۇ ئالاھىدە تەكلىپلىك تەقرىزچى بولۇپ ئ‍شلەيدىغان ئەركىن ئاسيا رادىئوسىدا ئىلان قىلغان ماقالىلىرىدا تېىپىك ئىپادىلىنىدۇ.

 

ئۇ چوڭ خەنزۇ مىللەتچىلىكى تەشەببۇسنى ھېمايە قىلغۇچى بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ چوڭ قوشۇلۇشى يەنى ئاسسلماتسيە قىلىشنىڭ چىرايلىق ئاتىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، خىتايبولمىغان مىللەتلەرنى خىتايكومپارتىيەسى تەشەببۇس قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر نامىدا قوللىنىدۇ.(4)

 

ۋىيجىڭشىڭنىڭ نەزىرىدە، ۋەتەنپەرۋەرلىك-خىتايۋەتەنپەرۋەرلىكى،مىللەت-خىتايمىللەتچىلىكى،مەدەنىيەت-خىتايمەدەنىيتى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ 2019-يىلى ئىلان قىلغان «مەدەنىيەت،ئىرق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك دىگەن ماقالىسدە ئىنىق ئىپادىلىنىدۇ.(5)

 

ئۇ ماقالىلىرىدا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى كەمستىش تۈسى ئالغان ۋيزۇ نامىنى كۆپ ئ‍شلەتكەن (3)

 

ۋىي جىڭنشىننىڭ قوللىغۇچىلىرى

 

ۋىي جىڭ شىڭ نۆۋەتتە خىتايدىموكراتلار ئىتتپاقىنىڭ رەئىسى، ئەركىن ئاسيا رادىئوسىنىڭ تەقرزچىسى، ئاتالمىش دىموكراتىيە جەڭچىسى بولۇپ، ئۇ-ئۇيغۇرلار ئۇيۇشتۇرغان مۇھاكىمە يېغىنلىرىغا قاتناشقاندىن كىين« ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلدىم »دەپ تەسۋىرلىگەن.

 

ئۇيغۇرلار چەتئەلدە خىتايدىن ئىبارەت بۇ توسالغۇغا داۋاملىق دۇچ كىلىدۇ.

 

ۋىي جىڭ شىنغا ئوخشاش خىتايمىللەتچىلىرى ناھايتى كۆپ بولۇپ،ئۇلار ئىنتىرنىتتا پات-پات ئۇيغۇرلارغا قارشى بىتەرەپلىمە قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ،بۇنىڭ نۇرغۇن

 

زىيانلىرىدىن بىرى،ئۇيغۇرلارنى غەرپ دۇنياسغا ئىرقچى ۋە رادىكال تىرورچى دەپ كۆرستىش،ۋىي جىڭ شىن مۇنداق دىگەن: سەن ئۇيغۇرلار ئىنسان ھەقلىرى داۋارىڭنى قىل،خەنزۇلارغا ئىرقچىلىق قىلما،سەن ئىسان ھەقلىرى بىلەن ئىرقچىلىقنىڭ پەرقىنى ئايرىۋال.

 

ئامېرىكىدا ئىرقچىلىق ئاقمايدۇ.(7-ماي تېۋىتتر)

 

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە چېقىشتۇرغانلىقىنى،بۇنىڭ ئارقىسدا خىتايكومپارتىيەسنىڭ بارلىقىنى يازىدۇ.

 

(1)中国民主运动海外联席会议主席

 

(2)皇汉

 

(3)魏京生:关于维吾尔历史的争论

 

(4)魏京生:是民族和睦的融合还是霸道强加的吞并?

 

(5)魏京生:文化、种族和爱国主义

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خىتاي تەشكىلاتلىرى، داڭلىق خىتاي پائالىيەتچلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئىرقچى ۋىي جىڭشىڭغا قارشى ھەرىكەتكە چاقىرىدۇ.

شە ماي 15 , 2021
خىتاينىڭ تونۇلغان ئاتالمىش «دېموكراتىيە جەڭچىسى» ۋىي جىڭشىڭ ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئەركىن ئاسيا رادىئوسى خىتايچە قانىلى ۋە ئۆزىنىڭ تۋىتتېرىدا ئارقىمۇ - ئارقا ئوبزور ۋە بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىنچى دەپ سۈپەتلىدى. بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللتىنى تېررورچى دەپ قارىلىدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىنى قارىلاپ، بۇرمىلاپ، ئۇيغۇر مىللىتىگە چەكسز ئازار بەردى. ئۇيغۇر مىللىتىنى بىر مىلىيارد 400 مىلىيون خىتاينىڭ يوقىتىش ئوبيېكتى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلدى. بۇ قانۇنغا خىلاپ، ئنسانىي ئەخلاققا خىلاپ، تارىخىي پاكىتلارغا خىلاپ! ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە ھۆكۈمەتلىرى ئېلان

You May Like