قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە تۇنجى نۆۋەتلىك «يىگىت بېشى» كۈنىنى ئۆتكۈزدى

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە تۇنجى نۆۋەتلىك «يىگىت بېشى» كۈنىنى ئۆتكۈزدى

 قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە تۇنجى نۆۋەتلىك «يىگىت بېشى» كۈنىنى ئۆتكۈزدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 11-ئۆكتەبىر 

2022-يىلى 10-ئۆكتەبىر كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان «قۇددۇس غوجامياروف» نامىدىكى دۆلەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرخانىسىدا «ئالمۇتا شەھەرلىك يىگىت باشلىرى ئىتتىپاقى» بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، « قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر بىرلەشمىسى»، ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، ۋە «Doppalif» ئىنتېرنېت قانىلى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن تۇنجى قېتىملىق «يىگىتۋېشى كۈنى» پائالىيىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.  پائالىيەتكە ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى ناھىيە، مەھەللىلەر ۋە يەتتە سۇ ناھىيەلىرىدىن مېھمانلار تەكلىپ قىلىندى. ئالمۇتا شەھىرى «كىچىك ئانسامبىلى»نىڭ رەھبىرى ﺑﺎﻟﻐﯩﻤﺒﺎﺋﯧﯟ ﻧﺎﺯﺍﺭ ﺋﺎﻟﺒﺎﻥ ﺋﻮغلى قاتارلىق مېھمانلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. پائالىيەت جەريانىدا ھەرقايسى يىگىت باشلىرى، ئالمۇتا شەھىرىدىكى ھەر قايسى ئانسامبىللار، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى،  ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىدىكى خادىملار قاتارلىقلارنىڭ كۆپ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە پائالىيەت جانلىق يوسۇندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. 

خەۋەر ۋە سۈرەت مەنبەسى:  قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ مەتبۇئات مەركىزىنىڭ ئىجتىمائىي تور سەھىپىسى 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئەنگلىيە خىتاينى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ ئېلان قىلماقچى

سە ئۆكتەبىر 11 , 2022
ئەنگلىيە خىتاينى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ ئېلان قىلماقچى

You May Like