دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى» قىسىملىرى ئالمۇتادا سلاۋيان يېزىقىدا تارقىتىلىشقا باشلىدى

دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى» قىسىملىرى ئالمۇتادا سلاۋيان يېزىقىدا تارقىتىلىشقا باشلىدى

 دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى» قىسىملىرى ئالمۇتادا سلاۋيان يېزىقىدا تارقىتىلىشقا باشلىدى

مەنبە:  ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان نەچچە مىڭ يىللىق ۋە كۆپ ئەسىرلىك ئومۇمىي تارىخىنىڭ دۇنيا يۈزىدىكى ھازىرغىچە يورۇق كۆرگەن ئەڭ تەپسىلىي سەمەرىسى — ئىستېداتلىق، مول ھوسۇللۇق ئۇيغۇر تارىخشۇناسى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇننىڭ 13 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن كىرىلچە، يەنى سلاۋىيانچە نۇسخىلىرى نەشر قىلىنىشقا باشلىدى.

29-مارت كۈنى قازاقىستاندىكى «مىر نەشرىيات ئۆيى» تەرىپىدىن «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ 7-تومى، يەنى 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ئائىت « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» قىسىملىرىنىڭ بىر تومى كىرىلچە-سىلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا نەشردىن چىقىپ، قازاقىستا، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە تارقىتىلىشقا باشلىدى. بۇ كىتابنى نەشر قىلىش ئىشلىرىنى تەشكىللىگۈچىلەردىن قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتى ئەربابى ،1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ ئوغلى ئازتېكىن ئىبراھىموف ۋە ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى ۋەققاس مەمەدىنوف، كىتابنى نەشر قىلغان «مىر » نەشرىياتى باشلىقى ئەلشىر ئەپەندىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، كىتابلار ئىنتايىن تېزلىكتە تارقالماقتا. مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى، مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي روھى كۈچلۈك بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى، جۈملىدىن 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە بولغان يۈكسەك قىزىقىش ۋە قەدىرلەش تۇيغۇلىرى سەۋەبلىك دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ مەزكۇر كىتابىنى تۇشمۇتۇشتىن ئىزدەپ سوراپ سېتىۋالماقتا. شۇ نۇقتىدىن مەزكۇر كىتاب تېز ئارىدا قايتا بېسىلىشقا تەييارلىنىلماقتا.

نۆۋەتتە يەنە «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ 8-تومى، يەنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 2 –قىسمىمۇ نەشرگە بېرىلگەن. بۇ كىتابلارنىڭ داۋامى بىرمۇبىر نەشر قىلىنىشنى كۈتمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، كىتابنىڭ تۈرك ۋە رۇس تىلىدىكى تەرجىمىسىمۇ جىددىي ئىشلەنمەكتە. كىتاب رۇس تىلىدا چىقىرىلغاندا پۈتۈن رۇسىيە، مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى، جۈملىدىن رۇس تىلى بىلىدىغان دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەن ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى تارىخى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولالايدىكەن.

بۇ قېتىم ئالمۇتادا چىقىرىلغان كىرىلچە نۇسخا قاتتىق مۇقاۋىلىق، سۈپەتلىك قەغەز بىلەن چوڭ فورماتتا بېسىلغان بولۇپ، 550 بەتتىن تەركىب تاپقان كىتابقا يەنە ئىنگلىز تىلىدا مۇندەرىجە، قىسقىچە مەزمۇن، باھا سۆزلىرى، ئاپتورنىڭ تەرجىمىھالى بېرىلگەن. كىتابقا باھا سۆزى يازغۇچى پىروفېسسورلاردىن ئابلەت كامالوف، ئالىمجان ئىنايەت ۋە ئەركىن ئەكرەملەر 13 توملۇق بۇ ئەسەرنى، جۈملىدىن «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى» توملىرىنى دۇنيا ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى تەتقىقاتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغۇچى مۆجىزە خاراكتېرلىك تۆھپە دەپ باھالىغان.

نۆۋەتتە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىىدە ھۆكۈمەت رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرى بويىچە 400 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىچە، مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بىر قانچە مىليوندىن ئېشىشى مۇمكىن. پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆزبېكلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن.

نەبىجان تۇرسۇنىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» 7-8-9-10-12-توملىرى، يەنى مەخسۇس «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى» قىسىملىرى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە باشقا توملارمۇ رەت بويىچە نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان خەلقىمىز ۋە ئاتا - ئانىڭىز ھەققىدە دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماڭ

جۈ ئاپرېل 15 , 2022
ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان خەلقىمىز ۋە ئاتا - ئانىڭىز ھەققىدە دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماڭ

You May Like