ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان خەلقىمىز ۋە ئاتا – ئانىڭىز ھەققىدە دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماڭ

ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان خەلقىمىز ۋە ئاتا – ئانىڭىز ھەققىدە دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماڭ

ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان خەلقىمىز ۋە ئاتا – ئانىڭىز ھەققىدە دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماڭ !

دۇئا ئىبادەتنىڭ جەۋھىرى    – ھەدىس

ئابدۇرېھىم غېنى  ئۇيغۇر

دۇئا ئىسلام دىنىدىكى مۇھىم ئىبادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىپ ئۆزىنىڭ ئارزۇ – تىلەكلىرىنى ئالللاھقا بىۋاسىتە ئىزھار قىلىش، دېمەكتۇر. « ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، پەرۋەردىگارىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ» (سۈرە شۇئەرا 77-ئايەت). ئۆزۈم ئادەتتە نامازدىن كېيىن ۋە رامزان ئايلىرىدا ئىپتار ۋە زوھۇرلۇقتا ھەر ۋاقىت قىلىپ كېلىۋاتقان دۇئايىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ۋە سىلەرنىڭمۇ ھەر ۋاقىت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان خەلقىمىزگە، شۇنداقلا ئاتا-ئاناڭلارغا دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۇنۇتماسلىقىڭلارنى ئەسلىتىپ بۇ دۇئانى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.

ئېھ، ئاللاھ ! 12 ئاينىڭ سۇلتانى بولغان، مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىم نازىل بولغان ئۇلۇغ رامزان ئېيىدا پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئىسلامدىكى پەرزنىڭ بىرى بولغان رامزان روزىسىنى تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتقاندا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانچىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلدى. ئۇلار خىتاي جاللاتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا مىللىتىدىن، دىنىدىن، ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن ۋاز كەچكۈزۈلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىلىشقا، دىندىن يېنىشقا، چوشقا گۆشى يېيىشكە، ھاراق – شاراب ئىچىشكە، زىنا قىلىشقا، جۈملىدىن ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىلىشقا، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ كاپىر بولۇپ ياشاشقا مەجبۇرلانماقتا. ئېھ، راھمان ۋە رەھىم سۈپەتلىك ئاللاھىم، ئۇلارغا رەھىم قىلغايلا، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغايلا. ئۇلارغا بۇ گۇناھلارنى قىلىشقا مەجبۇر قىلغان تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھالاكىتىنى تېزلەشتۈرۈپ بەرگەيلا. ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئۈممىتىمۇ زالىم پىرئەۋىننىڭ زۇلمىدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەندە، زالىم پىرئەۋىننى دېڭىزدا ھالاك قىلىپ ئۇنىڭ ھالاكىتىنى مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئۈممىتىنى ئەركىنلىك، ھۆرلۈك بىلەن شەرەپلەندۈرگەنگە ئوخشاش، مۇھەممەد س ئە ۋ نىڭ ئۈممەتلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىمۇ تاجاۋۇزچى، ئىپلاس، رەزىل خىتاي جاللاتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ كېتىشكە نېسىپ قىلغايلا. خۇددى زالىم پىرئەۋىننى دېڭىزدا ھالاك قىلغاندەك، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىمۇ تۈرلۈك بالايى -ئاپەتلەر بىلەن ھالاكىتىنى تېزلەشتۈرۈپ بەرگەيلا. ئۆزى ياساپ دۇنياغا تارقىتىپ ئىنسانىيەتكە بالايى ئاپەت قىلغان خىتاي ۋىرۇسىدا ئۆزىنى ھالاك قىلغايلا. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكى بىلەن شەرەپلەندۈرگەيلا. بىز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھەقىقەتەن ئاجىز كەلدۇق، ئەمما بىز بۇ تاجاۋۇزچىغا قەتئىي باش ئەگمىدۇق ھەم باش ئەگمەيمىز. تاكى ھۆرلۈكىمىزنى قولغا كەلتۈرگىچە ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز. بىزگە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈچلۈك ئىمان، قورقماس جاسارەت، تېز پۈكمەس ئىرادە نېسىپ قىلغايلا. بىز ھامان بىر كۈنى غەلىبە قىلىمىز، بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز بار. ئەي شەپقەتلىك ئاللاھىم، ئاتا-ئانام ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم بىلەن بولغان بارلىق ئالاقەم ئۈزۈلدى. ئۇلار ھاياتمۇ ياكى ئۆلۈپ كەتتىمۇ، بىلمەيمەن. ئۇلار مېنى تەربىيەلەپ، مىللىتىمگە، دىنىمغا سادىق، ئاتا -ئانىسىغا كۆيۈمچان پەرزەنت قىلىپ يېتىشتۈرۈپلا قالماي، بەلكى مىللىتى، دىنى ۋە ئاتا -ئانىسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان بىر پەرزەنت قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئەمما ئۇلار ياشىنىپ قالغاندا، ئاغرىپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىدىم، تۇغقانلىرىمغا ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلالمىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغايلا. ئۇلارنىڭ مەندىن رازى بولۇشىغا نېسىپ قىلغايلا. مەن ئۇلاردىن ئۇ دۇنيا – بۇ دۇنيا رازى. ئۇلار ھايات بولسا ئامان قىلغايلا، ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئاسان قىلغايلا. بىلىپ – بىلمەستىن قىلىپ سالغان گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغايلا. قىيامەت كۈنى پەيغەمبىرىمىز س ئە ۋ نىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىدىغان بەندىلىرى قاتارىدا قىلغايلا.

جازا لاگېرلىرىدا، تۈرمىلەردە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىگۇناھ خەلقىمىزگە سەۋر ئاتا قىلغايلا. ئۇلارنىڭ تېزرەك ئەركىنلىككە چىقىشىغا نېسىپ قىلغايلا. ماڭا دۇئا قىلىشنى ئۆتۈنگەن بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىشلىرىنى، مۈشكۈلاتنى ئاسان قىلىپ بەرگەيلا. ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بەرگەيلا، كېسەللەرنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەرگەيلا. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىگۇناھ تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان، خىتايغا قايتۇرۇلۇش تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېزرەك قۇتۇلۇپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا نېسىپ قىلغايلا.

چىن يۈرىكىدىن ۋەتىنىنىڭ، مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلارنى خىتايلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر شەيتانلارنىڭ تۈرلۈك زىيان -زەخمەتلىرىدىن، ھىيلە – مىكىرلىرىدىن ساقلىغايلا. دەۋانى جان بېقىشنىڭ دەسمايىسى قىلىۋالغانلارنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ ئارىسىغا تۈگىمەس پىتنە – پاسات، ئىچكى ئىختىلاپ تېرىپ، مىللەتنىڭ بىرلىشىشىگە قارشى ھەرىكەت قىلغانلارنىڭ جاجىسىنى بەرگەيلا.

« پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن، تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ.» (سۈرە غافىر 60-ئايەت)
نامازدىن پارىخ بولغاندا، ئىپتاردا، زوھۇردا ھەر ۋاقىت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان خەلقىمىزگە، سىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىڭىزغا دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماڭ، ئۇلارنىڭ سىزدە ھەققى بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەزلۇمنىڭ دۇئاسىدىن ھەزەر قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەردە يوق.» [بۇخارى رىۋايىتى]

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مالايسىيادا بىر قاتار مۇھىم سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارماقتا

يە ئاپرېل 17 , 2022
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مالايسىيادا بىر قاتار مۇھىم سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارماقتا

You May Like