ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئىسلام تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك تاماملاندى

2019-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى(يەكشەنبە) ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئىسلام تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك تاماملاندى. بۇ قىتىملىق يىغىنغا فارابىي تەلىم -تەربىيە، مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى ساھىپخانلىق قىلغان بولۇپ

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2019-10-8

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

  2019-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى(يەكشەنبە) ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئىسلام تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك تاماملاندى.  بۇ قىتىملىق يىغىنغا فارابىي تەلىم -تەربىيە، مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى ساھىپخانلىق قىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىن ئارقىلىق دىنىي ساھەدىكى تەتقىقاتچىلار  ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدا  سەھنە ھازىرلاشنى مەقسەت قىلغان. مۇھاكىمە يىغىنى  «ئۇيغۇر دىنىي مائارىپىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» دىگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، دىن، مائارىپ، تارىخنى ئاساسىي نۇقتا قىلغان. تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇرلاردىن 400 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان. No photo description available.  

مۇھاكىمە يىغىنى ساھىپخانى فارابى جەمىيىتىنىڭ خىزمەت مىۋىلىرىدىن بىر غۇنچە:

   No photo description available. No photo description available.   يىغىندا مۇھاكىمە ماقالىلىرى ئوقۇغان ئەزىز مىھمانلارنىڭ كۆپىنچىسى دوكتۇر ۋە تەتقىقاتچىلار بولغانلىقى بۇ يىغىننىڭ كەسپىيلىكى، ئىلمىيلىكىنى نامايەن قىلغان يەنە بىر نۇقتا بولۇپ، قاتناشقۇچىلار كۆپ مەنپەئەتكە ئىرىشكەن. يىغىنغا يەنە تۈركىيەدىكى داڭلىق ئىمام، خەتىپ، دەۋەتچىلەرمۇ قاتناشقان. يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مىھمانلارنىڭ بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىننىڭ ئۇتۇقلۇق نۇقتىلىرىدىن:  1- يىغىن ئورنى ھەقىقەتەن چىرايلىق ۋە ئازادە يەردىن يەردىن تاللانغان. 2-يىغىنغا ھەرقايسى ئونۋېرسىتىتلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار كۆپ قاتناشقان، يىغىن تەرتىبى ناھايتى ياخشى بولغان. 3-يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى سۈپەتلىك ۋە تەرتىپلىك بولغان،  سۆزلىگۈچىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتقا قاتتىق رىئايە قىلغان. 4- ماقالىلەر ناھايتى ئەستايدىل تەييارلانغان، دىننىي مائارىپ ھەققىدە قىممەتلىك پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان. 5- يىغىندا ئوقۇلىدىغان ماقالىلار يىغىنغا ئۈلگۈرۈپ كىتاب قىلىنىپ تەييارلىنىپ، يىغىن قاتناشچىلىرىغا تارقىتىلىپ بېرىلگەن. كىتاب ھەقىقەتەن سۈپەتلىك تەييارلانغان. Image may contain: 10 people, people smiling, people standing and suit يىغىندا كۆپىرەك تەكىتلەنگەن  يېڭىلىقلاردىن بولسا:   دىندا ئوقۇغان بالىلارغا دىننىي دەرىسلەردىن باشقا، ئەدەبىيات، سىياسەت، پىسخولوگىيە، لوگىكا، گراماتىكا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگۈتۈش. مىللىي كىملىك بىلەن دىننىي كىملىكنى بىرلەشتۈرۈش. Image may contain: 7 people, people sitting and suit            

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

«دېموكراتىك قاراش» زومىگەرگە باش ئەگدىمۇ؟

سە ئۆكتەبىر 8 , 2019
NBA راكىتا كوماندىسىنىڭ باش دىرىكتورى مورىنىڭ خوڭكوڭ ھەققىدە تىۋىتىردا تارقاتقان تىۋىتى خىتاي توپ مەستانىلىرى ۋە خىتاي تەرەپتىن قاتتىق «زەربىگە» ئۇچرىدى. ھەتتا ئاخىرى كەچۈرۈم سوراش باسقۇچىغا يەتتى.

You May Like