ئوت يۈرەك شائىر ۋە ئىنقىلابچى لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقى ئىستانبۇلدا خاتىرىلەندى

ئوت يۈرەك شائىر ۋە ئىنقىلابچى لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقى ئىستانبۇلدا خاتىرىلەندى

 ئوت يۈرەك شائىر ۋە ئىنقىلابچى لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقى ئىستانبۇلدا خاتىرىلەندى

ئامىنە ۋايىت / سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 5-ئۆكتەبىر

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پىلانلاپ تەشكىللىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، تارىم مىللىي بۇيۇملار دۇكىنىنىڭ  قوللاپ، ياردەمدە بولۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئوت يۈرەك شائىر ۋە ئىنقىلابچى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان «ئۆچمەس روھ» تېمىلىق خاتىرىلەش يىغىنى 2- ئۆكتەبىر (يەكشەنبە) ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپ كاپى يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلدى. 

خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋەكىللىرى شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت – شەھەرلىرى، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، قازاقىستان قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بىر قىسىم ئەدەبىيات-سەنئەتچى، تەتقىقاتچى ۋە زىيالىيلار شۇنداقلا بىر قىسىم ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشلىگەن، ئوت يۈرەك شائىر ۋە ئىنقىلابچى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىم قۇيۇپ بېرىلدى. ئارقىدىن دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى، دوكتور مەغپىرەت كامال، مەھمۇتجان ياسىن، شائىرە راھىلە كامال ۋە  پېشقەدەم ئەدەبىي ئاخباراتچى سەلىمە كامال قاتارلىقلار لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى ، ئەسەرلىرى ، ئىنقىلابىي پائالىيىتى ۋە بۈگۈنگىچە يىتىپ كەلگەن تەسىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ روھىنى بۈگۈنكى ياشلاردا يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئوخشىمىغان تېمىدىكى ماقالىلىرىنى  ئوقۇپ ئۆتتى.

قازاقىستاندىن كەلگەن ياش ناخشىچى رۇستەم، گوللاندىيەدىن كەلگەن سەنئەتكار پەرھات ئابىت ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى باشلىقى، دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرى تاغلى قاتارلىقلارنىڭ مىللىي سازلار بىلەن  ئورۇنلىشىدىكى، شائىرنىڭ «زۆھرە جانىم»، «تەنلىرىم ياپراق» ۋە «سالام لۇتپۇللا» دېگەن ناخشىلار پائالىيەتنى ئەۋجىگە چىقارسا، ياش شائىر ئىمران سادائىنىڭ يېقىملىق مۇزىكىلار ئىچىدە قىلغان دېكلاماتسىيەسى پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتتى. 

ئاخىردا بىر قىسىم قاتناشقۇچىلار سۆز قىلىپ، مۇھاجىرەتتە بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ياشلارنى تەربىيەلەش ۋە خەلقىمىزدە مىللىي روھنى تىرىلدۈرۈشتىكى ئەھمىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇڭا بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى يېپىلىش سۆزىدە : پائالىيەتنىڭ بىر ياخشى باشلىنىش بولغانلىقىنى، ئۇيۇشمىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بىرىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇش، خەلقىمىزگە ئۆز ئىچىمىزدىكى مىللىي قەھرىمانلار ۋە ئىلىم ئىگىلىرىنى ئەسلىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلاش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.  پائالىيەت قىزغىن ھاياجان ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

بەشىكتاش مەيدانىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئېسىلغان لوزۇنكىلار نارازىلىق قوزغىدى

چا ئۆكتەبىر 5 , 2022
بەشىكتاش مەيدانىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئېسىلغان لوزۇنكىلار نارازىلىق قوزغىدى

You May Like