پروفېسسور دوكتور، شائىر سۇلتان مەھمۇد قەشقەرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلدى

پروفېسسور دوكتور، شائىر سۇلتان مەھمۇد قەشقەرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلدى

پروفېسسور دوكتور، شائىر سۇلتان مەھمۇد قەشقەرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلدى

ئامىنە ۋايىت/ سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى5-ئۆكتەبىر

« دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى»، «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى»، « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى» ۋە «ھۇماي ئانا تۈرك دۇنياسى ئاياللىرى بىرلىكى» نىڭ ھەمكارلىقىدا 2- ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدا پېشقەدەم شائىر، پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى، ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ 70 يىللىقى شۇنداقلا ئاكادېمىك ھاياتىنىڭ 55 يىللىقى تەبرىكلەندى. تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئۇستازنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى ۋە بىر قىسىم يېقىنلىرى، پائالىيەتكە ھەمكارلاشقان تەشكىلات رەھبەرلىرى، ۋە ھەر ساھەدىن كەلگەن زىيالىيلار قاتناشتى. پائالىيەتتە ئۇستازنىڭ ئۆمۈر مەنزىلىدىكى ئەھمىيەتلىك ۋە مۇھىم ئىشلار، يازغان ئەسەرلىرى، ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا قوشقان تۆھپىلىرى تونۇشتۇرۇلدى ۋە بىر قىسىم ئۇستازلارنىڭ ئۇستازغا بېرىلگەن باھالىرى،  ئۇستازنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتى ۋە مەزمۇنى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. شائىر ۋە پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇد قەشقەرى 85 يىللىق ھاياتىدا نۇرغۇن  ئەدەبىي ئىجادىيەتلەر ۋە ئاكادېمىك تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ھەرخىل ژانىرلاردا 19 پارچە كىتاب يازغان. كىتابلارنىڭ بىر قىسمى ۋەتەن ئىچىدە ۋە بىر قىسمى ۋەتەن سىرتىدا ھەرقايسى نەشرىيات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئۇ ئۆزى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان تېراكيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور يېتەكچىسى بولغان زامانلاردا ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەر ھەققىدە تەتقىقاتقا يېتەكلىگەن. ئۇستاز سۇلتان مەھمۇد قەشقەرى شائىر ۋە پروفېسسور دوكتور بولۇپ، ئىلىم ساھەسىدە خىزمەت قىلىپلا قالماستىن ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن خىزمەتلەردە بولغان ۋە بۇ تېمىدا بىر قانچە پارچە كىتاب ۋە يازمىلارنى يازغان. بۇ قېتىمقى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى مۇشۇ تۈردە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق پائالىيەت بولۇپ، پائالىيەت ئۆزگىچە ئۇسۇلدا مەنىلىك داۋام قىلدى. پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە تۆھپە ياراتقان ۋە نەتىجە قازانغان پېشقەدەملەرگە ئۇلار ھايات ۋاقتىدا رەھمەت ئېيتىش ۋە خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ئۇلارغا روھى جەھەتتىن كۈچ ۋە كېيىنكى ئىجادىيەت ، تەتقىقات ۋە خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ ئېنېرگىيە بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭغۇچىلارغا مەدەت ۋە ئىلھام بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

پائالىيەت ئاخىرىدا « دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» ئۇستازغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ تون ۋە دوپپا كەيگۈزدى . پائالىيەتكە قاتناشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەر گۈلدەستە، كىتاب ۋە ھەرخىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپ، ئۇستازغا بولغان ھۆرمىتى ۋە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. 

ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى نامىدىن ئۇستازنىڭ 85 ياش كۈنىنى تەبرىكلەيمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆمرىگە بەرىكەت، ئىجادىيىتىگە مول-ھوسۇل تىلەيمىز.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي ۋىرۇس باھانىسىدە ئۇيغۇرىستان/شەرقى تۈركىستاننى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىشنى پىلانلىغان

چا ئۆكتەبىر 5 , 2022
خىتاي ۋىرۇس باھانىسىدە ئۇيغۇرىستان/شەرقى تۈركىستاننى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىشنى پىلانلىغان

You May Like