خىتاي ۋىرۇس باھانىسىدە ئۇيغۇرىستان/شەرقى تۈركىستاننى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىشنى پىلانلىغان

خىتاي ۋىرۇس باھانىسىدە ئۇيغۇرىستان/شەرقى تۈركىستاننى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىشنى پىلانلىغان

 خىتاي ۋىرۇس باھانىسىدە ئۇيغۇرىستان/شەرقى تۈركىستاننى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىشنى پىلانلىغان

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 5-ئۆكتەبىر

ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 4-ئۆكتەبىر غۇلجا شەھەرلىك كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى بۇيرۇق شتابى نامىدىن بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «يۇقۇم ۋەزىيىتى» سەۋەبلىك غۇلجا جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇرىستان/شەرقى تۈركىستان دىيارىدىكى قامال سىياسىتىنى تېخىمۇ قاتتىقلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى تۆۋەندىكىدەك: 

« غۇلجا شەھىرىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىغا:

شەھىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى سەۋەبىدىن، يېقىندىن بۇيان غۇلجىدىن باشقا جايلارغا يۆتكەلگەن كىشىلەر بىلەن بىرگە ۋىرۇسمۇ باشقا شەھەر، ئۆلكىلەرگە يۆتكەلگەنلىك ئەھۋاللىرى بايقالغان. بۇ يۇقۇمنىڭ سىرتقا تارقىلىش خەتىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تارقاتقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى (9-نەشرى) گە ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ رايون ئاتلاپ تارقىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش، يۇقۇمنىڭ سىرتقا تارقىلىشىنى قەتئىيلىك بىلەن ئالدىنى ئېلىش، دۆلەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ئۈنۈملۈك مۇداپىئە قىلىش قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ تەلىپى بويىچە تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

1- بۈگۈندىن باشلاپ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مۇھىم ئىشى بولمىسا غۇلجىدىن شۇنداقلا شىنجاڭدىن ئايرىلىشى چەكلىنىدۇ. ئەگەر غۇلجىدىن ياكى شىنجاڭدىن ئايرىلىش زۆرۈرىيىتى بولغان، باشقا ئۆلكىلەرگە بېرىپ داۋالىنىش شەرتى بولغان ئېغىر كېسەللەر بولسا،غۇلجىدىن ياكى شىنجاڭدىن ئايرىلىش قائىدە باسقۇچلىرىغا ئالاھىدە بويسۇنغان ئاساستا ئايرىلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرسە بولىدۇ؛

2-بۈگۈندىن باشلاپ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايرودرومى ھەرقايسى ۋىلايەت ئوبلاستلاردىن كېلىپ ئايروپىلان ئالمىشىدىغان كىشىلەرنى كۈتۈشنى توختىتىدۇ؛

3-بۈگۈندىن باشلاپ شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىدىغان پويىزلارنىڭ ھەممىسى توختىتىلىدۇ؛

4-بۈگۈندىن باشلاپ ئېلى رايونىدىن سىرتقا چىقىدىغان تاشيوللاردا تەكشۈرۈشلەر قاتتىق چىڭىتىلىدۇ؛

5-يۇقىرىدا دېيىلگەن ماددىلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش ۋاقتىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ؛

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئاۋام خەلق قاتنىشىشى كېرەك، ھەر بىرەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بار. كەڭ شەھەر ئاممىسىنىڭ چۈشىنىپ قوللىشىنى، يۇقۇم خىزمىتىگە ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرلىرى:*****

غۇلجا شەھەرلىك كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى بۇيرۇق شتابى 

2022-يىلى10-ئاينىڭ 4- كۈنى. »

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

14-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 5-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى

پە ئۆكتەبىر 6 , 2022
14-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 5-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى

You May Like