خىتاي ۋەتىنىمىزدىن 25 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى يۆتكىگەن

خىتاي ۋەتىنىمىزدىن 25 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى يۆتكىگەن

خىتاي ۋەتىنىمىزدىن 25 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى يۆتكىگەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 13-نويابىر

خىتاي دائىرىلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستاندا ئاتالمىش ۋىرۇس باھانىسى بىلەن خەلقنى ئاچ قويۇپ قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئۈچ ئايدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا رەزىل خىتاي ھاكىمىيىتى خەلقنىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ تاراڭ قىلغاندىن سىرت ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىن بايلىقىنى بۇلاڭ تاراڭ قىلىش سۈرئىتىنىمۇ زور دەرىجىدە تېزلەتتى. 

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات زۇۋانى بولغان «خەلق تورى»نىڭ 4-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تارىم نېفىتلىكىدىن بۇ يىل خىتايغا 25 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلگەن. «خەلق تورى» خەۋىرىدە مۇنداق دەپ يېزىلىدۇ:« بۇ يىل بېشىدىن 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە، تارىم نېفىتلىكىدىن سىرتقا يەتكۈزۈلگەن تەبىئىي گاز 25 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورى ئارقىلىق 20 مىليارد 900 مىليون كۇب مېتىر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورى ئارقىلىق 4 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىر گاز يەتكۈزدى… بۇ يىل 1 – ئايدىن 10 – ئايغىچە تارىم نېفىتلىكى جەمئىي 26 مىليارد 570 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىپ، باسقۇچلۇق پىلاننىڭ %100.1 نى تاماملاپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 310 مىليون كۇب مېتىر ئاشۇردى، ھازىر تارىم نېفىتلىكىنىڭ كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 95 مىليون 590 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىپ،2021 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن كۈنىگە 390 مىڭ كۇب مېتىر ئاشتى.»

خىتاينىڭ زور دەرىجىدە نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىپ يۆتكەش قىلمىشلىرى ھەققىدە خېلى ئىلگىرىلا چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: « ئۇيغۇر زېمىنىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى، نېفىت ياكى تەبىئىي گاز قۇدۇقلىرىنى توشقۇزۇشقا زور دەرىجىدە سۇ كېتىدۇ، ئەمما ئۇ يەر دۇنيادىكى سۇ ئەڭ كەمچىل رايوندۇر.» 

نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر خەلقنى قامال ئاستىغا ئېلىپ ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر زېمىنىدىكى بايلىقنى شىددەت بىلەن بۇلاڭ تاراڭ قىلماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستاننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىماقتا.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە دۆلەت رەھبەرلىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى

دۈ نويابىر 14 , 2022
ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە دۆلەت رەھبەرلىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئېلىپ بارماقچى

You May Like