ختاي ھۆكۈمىتى خوتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورنىنى خوتەن شەھىرىدىن خوتەن ناھىيسگە كۆچۈردى

ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،

  يېقىندا ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىنى خوتەن شەھىرىدىن كۆچۈپ چىقىپ، خوتەن ناھىيە تەۋەلىكىدە ئورۇنلىشىشىنى تەستىقلىدى

1984-يىلى 6-ئايدا ختاي مەركىزى ھۆكۈمىتى «خوتەن شەھىرى»قۇرۇشنى تەستىقلاپ،

خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق خوتەن ناھىيەسىنىڭ خوتەن بازىرى، شورباغ گۇڭشېسى، لاسكۇي گۇڭشېسى ۋە ئۇرۇقچىلىق مەيدانىنى خوتەن شەھىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خوتەن ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرى باشقۇرۇش ئ‍ورۇنلىرى، جۈملىدىن ناھىيلىك ھۆكۈمەت خوتەن شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىغا جايلاشقان.

خوتەن ۋىلايىتى ختاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەڭ كۆپ تۇتقان، ئەڭ ئىغىر باستۇرغان جايلاردىن بىرى ھسابلىنىدۇ.بۇ يەردە دىنى ئالىملار، كارخانىچىلار ۋە زىيالىيلارنىڭ سانى ناھايتى كۆپ بولۇپ، ختاي ئۇلارنى ئ‍ۆزىگە تەھدىت ھسابلاپ كەلگەن.

بۇ قېتىم ختاينىڭ خوتەندە مەمۇرى رايون ئ‍ۆزگەرتىش كىرگۈزۇشى-خوتەنگە كۆپلەپ كىلىۋاتقان ختاي كۆچمەنلىرى بىلەنمۇ ئالاقىدار.

  ـ 11-ئاينىڭ 11ـ كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ 704-نومۇرلۇق مەمۇرىي رايونلارنى ئايرىشنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ 18ـ ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ۋىلايىتىمىزنىڭ مەمۇرىي رايونلارنى ئايرىشنى ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىمىز: 2023- يىل 11-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىنى خوتەن شەھىرىدىكى جەنۇبىي گۇجان يولى 6-نومۇرلۇق قورۇدىن بەيخې بازىرى شاتيەن مەھەللىسى پەن-تېخنىكا يولى 11-نومۇرلۇق قورۇغا يۆتكەشنى ۋە خوتەن شەھىرىدە يۈخې كوچىسى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى. بۇ ئۇقتۇرۇشنى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى 11ـ ئاينىڭ 10ـ كۈنى ئېلان قىلدى

سوسيال مېدىيا ئادېرسى:

https://www.facebook.com/UyghurTimesUyghur/posts/pfbid02BU9jdB5e45nf5vRMTKP19qV9EKw7YFBzL8HkScw4dcLYSzSQikKR68o7FXgCLBLnl

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى باياناتچىسى ۋاڭ بىن بىن دىلرابانىڭ رەسمىنى تارقىتىپ، جىنايتى ۋە «ئۇيغۇر»مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان

دۈ دېكابىر 4 , 2023
تەييارلىغۇچى: ئەكرەمجان، 4-دېكابىر ختاينىڭ چوڭ تاراتقۇلىرىدىن 163 (ئاسان تور)نىڭ باش سەرلەۋھەسدە خەۋەر قىلىشچە، ختاي تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى باياناتچىسى ۋاڭ بىن بىن قىرغىنچىلىق ئاستىدىكى ئەركىنلىكى چەكلەنگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان «دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان» دىلرابانىڭ ئۇيغۇرچە كىيم كېيىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان رەسملىرىنى تارقاتقان. ۋاڭ بىن بىن مۇنداق يازغان:« دىلرابا جۇڭگو شنجاڭنىڭ كىيمىنى […]
wang bin bin-dilraba

You May Like