ئەركىن تۇنيازنىڭ ياۋروپا زىيارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان

ئەركىن تۇنيازنىڭ ياۋروپا زىيارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان

 ئەركىن تۇنيازنىڭ ياۋروپا زىيارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 14-فېۋرال

مەركىزى ئامېرىكىغا جايلاشقان «سىياسەت ژۇرنىلى POLITICO» نىڭ 13-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنيازنىڭ مۇشۇ ھەپتە فىرانسىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

 بۇ قېتىمقى زىيارەت پىلانىدىن خەۋەردار ئۈچ كىشىنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، ئەركىن تۇنيازنىڭ بۇ قېتىملىق ياۋروپا سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇ ھەقتە خىتاي ئورگان تەرەپنىڭ بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى خادىملىرىغا ئەۋەتكەن ئېلخەتتە: « كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئۆزگىرىش سەۋەبلىك زىيارەت كېچىكتۈرۈلدى…» دەپ يېزىلغان. پارىژدىكى پائالىيەتكە قاتناشماقچى بولغان كىشىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئۇچۇردا بولسا: « دۆلەت ئىچىدە مۇھىم ئىش چىقىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن پائالىيەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى» دەپ يېزىلغان.

«سىياسەت ژۇرنىلى» مۇخبىرى ئەركىن تۇنيازنىڭ 13-فېۋرال لوندوندا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان زىيارىتى توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئېلخەت ئەۋەتكەن بولسىمۇ، خىتاي تەرەپ جاۋاب بەرمىگەن. نۆۋەتتە ئۇنىڭ لوندوندىكى زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.

فىرانسىيە «دۇنيا گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى مۇخبىرغا ئەركىن تۇنيازنى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېلگىيەگە تەكلىپ قىلمىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق كۆرۈشۈشتە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا پارلامېنتى رەئىسى چارلېز مىشەلنىڭ ئىشخانىسىمۇ بايانات بېرىپ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەركىن تۇنياز بىلەن كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىش پىلانىنىڭ ئەسلا يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئەركىن تۇنيازنىڭ بۇ قېتىملىق ياۋروپا سەپىرى پىلانى ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ ئەنگلىيە ۋە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن سىياسەتچى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىغان. ئەنگلىيە ۋە بېلگىيەدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئەركىن تۇنيازنى ياۋروپاغا كەلگەن ھامان قولغا ئېلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن بولغان كۆرۈشۈشنىڭ ئەسلى سوت مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، زىيارەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى خىتاي دائىرىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىنچىكىلەپ پىلانلىغان بىر مەيدان ساختا ئويۇنىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىكەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان تۈرك خەلقىگە كۆڭلىنى ئىپادىلىمەكتە

سە فېۋرال 14 , 2023
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان تۈرك خەلقىگە كۆڭلىنى ئىپادىلىمەكتە

You May Like