Home ۋەتەنئاتالمىش رايونلۇق ھۆكۈمەت خەۋەرلىرى ئادىل ئابلىز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك(ختاي)مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش تەكلىۋى بەرگەن

ئادىل ئابلىز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك(ختاي)مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش تەكلىۋى بەرگەن

by uyghurtimesuyghur
ئادىل ئابلىز

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2-فېۋرال

نۆۋەتتە مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەركىزى ئۈرۈمچىدە، ختاينىڭ ئاتالمىش مەشھۇر ئىككى ئومۇمى يېغىنى -خەلق قۇرۇلتىي ۋە سياسى كېڭەش يېغىنى ئىچىلىۋاتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ختاي ھۆكۈمىتى غايەت زور تەشۋىقات كۈچىنى ئ‍شقا سىلىپ، ختاي ئىچى ۋە سرتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر بىرىش، سۆز قىلىش ھوقۇقىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ.

ختاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر يېغىنغا قاتنىشۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ۋەكىللەرنى ختاي سۆزلىتىپ، ئۆزىگە پايدىلىق سياسەت تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئاپتونوم رايونلۇق سياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزى تەتقىقاتچىسى ئادىل ئابلىز مۇنداق تەكلىپ بەرگەن: «شنجاڭنىڭ مەدەنى يادىكارلىقلار ساھەسدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، مەدەنى يادىكارلىقلارنىڭ ئارقسىدىكى تارىخى ئامىللارنى چوڭقۇر قېزىش، بولۇپمۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان جۇڭخۋا مەدەنىيتى ئامىللىرىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىش كىرەك.»

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئورگان باھاسى:

بۇ ختاينىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستان زىېمىننى ختاينىڭ بىر قىسمى، ئۇيغۇرلارنى بولسا-جۇڭخوۋا مىللىتىنىڭ تەركىۋى قسمى دەيدىغان پاكىتنى بۇرمىلاش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان سياسى غەرىزىنىڭ ختايپەرەس شەخسلەر ئارقىلىق ئاشكارا تەشۋىق قىلىشنى بولۇپ ھسابلىنىدۇ.

مۇناسۋەتلىك تېمىلار

Leave a Comment