ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياقۇپ پەيزۇللا: ئۈرۈمچى ئېچىۋىتىلگەن شەھەر دەپ بىلجىرلىدى

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،2-فېۋرال

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان ئىككى ئومۇمى يېغىندا ختاي ئۆزىگە ئېتتپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىغا ئىشكنى ئاچقان بولۇپ، ئۇلارنى تەشۋىقاتقا ئ‍شلەتكەن.

خىتاي خەلق تورى ۋە شنخۇۋا ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياقۇپ پەيزۇللا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئېچىۋىتىلگەن ۋە ئۆزىگە ئ‍شىنىدىغان روھىنى نامايان قىلغان.

مەزكۇر ئالاقىدار خەۋەردە، ياقۇپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ختاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاتالمىش شنجاڭنىڭ ئېقتسادى تەرەققىياتى، كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ماختىغان.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئورگان باھاسى:

ختاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق سياسىتىنى باشلىغاندىن كىين، ئۈرۈمچىنى 2017-يىلدىن باشلاپ سرتقا تاقىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئ‍ايلانغانلىقى كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغان.چەتئەللىكلەرنى تاللاپ تەكلىپ قىلىپ، ئۆزى بېكىتكەن رايون ۋە شەخسلەرنىلا زىيارەت قىلدۇرغان.ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ياكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىچىدە، ئۆزى سياسى جەھەتتە تەشۋىقاتىغا زىيان سالمايدۇ دەپ قارىغان كىشلەرگە ئىشكنى ئاچقان.

ختاينىڭ ساختا تەشۋىقاتى گەرچە غەرپ دۇنياسدا مەغلۇپ بولغان بولسمۇ، ئەمما ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئ‍سلام دۇنياسى،ئوتتۇرا ئاسيا رايونلىرىدا ساختا تەشۋىقاتى ئۈنۈم كۆرستىپ، ب د ت دا ئۇيغۇرلارغا قارشى بىلەت تاشلاشتا ياردەمچىسى بولماقتا.

ئۇيغۇرلار بۇ ساھەدە تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قىلىشى لازىمدۇر.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي ئاتالمىش شىنجاڭدا 2023-يىلى 5600 مەيدان كۆڭۈل ئ‍ېچىش خاراكتېرلىك ئويۇن تەشكىللىگەن

شە فېۋرال 3 , 2024
ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 3-فېۋرال ختاي ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاستىسى بولغان تەڭرىتاغ تورىينىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئاتالمىش شىنجاڭ ساياھەت ۋە مەدەنىيەت يېغىنىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ختاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستاندا 2023-يىلى جەمئى 5600 مەيدان تىجارەت خاراكتېرلىك كۆڭۈل ئ‍ئېچىش خاراكتېرلىك ئويۇن ، ۋاە 120 مەيدان سياسىي خاراكتېرلىك تىياتىر، مۇزىكا ۋە كونسېرت كېچىلىكى بار ئىكەن.بۇ ئويۇنلار ئىچىدە، […]
ختاي ئاتالمىش شىنجاڭدا 2023-يىلى 5600 مەيدان كۆڭۈل ئ‍ئېچىش خاراكتېرلىك ئويۇن تەشكىللىگەن

You May Like