ختاي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن: «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنچىللىق جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش دوكلاتى»ئىلان قىلدى

ئەركىن،ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 27-دېكابىر

 ختاي مەركىزى تەشۋىقات منسترلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» 2023-يىللىق نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ھېكايىلەردىن بەھرىمەن بولۇش يىغىنى 12-ئاينىڭ 20–كۈنى شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىن مەزگىلىدە، «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنچىللىق جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش دوكلاتى» كۆك تاشلىق كىتاب رەسمىي ئېلان قىلىنغان.

ختاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچى سياسەتلىرى ۋە ئ‍نسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى بىلەن ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ئىغىر بېسمى ۋە ئېقتسادى جازاسغا دۇچ كەلمەكتە.ختاي ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن دۇنيا بويلاپ تەشۋىقات ئىلىپ بارماقتا.

ختاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ختاي مەزكۇر يېغىن مەزگىلىدە يەنە «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنچىللىق جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش دوكلاتى» ناملىق كۆك تاشلىق كىتابنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

ختاي مۇنداق دىگەن: 

 «ئۆتكەن ئون يىلدا، شىنجاڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2013- يىلىدىكى 840 مىليارد يۈەندىن 2022-يىلىدىكى 1 تىرىليون 770 مىليارد يۈەنگە ، ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 2013- يىلىدىكى 13 مىڭ 700 يۈەندىن 2022-يىلىدىكى 27 مىڭ يۈەنگە كۆپەيدى. شىنجاڭدا ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 2012-يىلىدىكى 48 مىليون 600 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن 2023- يىلىدىكى 260 مىليون ئادەم (قېتىم)غا كۆپىيىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەش، تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنىڭ كۈچلۈك ئەمەلىيىتى ۋە جانلىق بايانى.»

2021-يىلى ئ‍ەنگىلىەدە ئىچىلغان ئۇيغۇر سوتى ھۆكۈم ئىلان قىلىپ، ختاي كومپارتىيسنىڭ جنايەتلىرىنى «قىرغىنچىلىق»دەپ بېكىتكەن.

دۇنيا مېقياسدا ختاينىڭ ئ‍نسان ھەقلىرى خاتىرسنى تەتقىق قىلىدىغان مۇستەقىل ئورگانلار كۆپ بولۇپ، ختاي ھۆكۈمىتى بۇ جنايەتلىرىدىن ھەرگىز قۇتۇلالمايدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇر گتتارچى ئەركىن ئابدۇللا ئۈرۈمچىدە چوڭ كۆلەملىك ئويۇن قويغان

پە دېكابىر 28 , 2023
ئەخمەتجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 28-دېكابىر ۋەتەن ئىچى -سرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇزىكا ئىجادىيتى ۋە گتارچىلىق بىلەن تونۇلغان ئەركىن ئابدۇللا 28-دىكابىر كۈنى ئۈرۈمچى دۆڭ كۆۋرۈك تياتىرخانىسدا مەستانىلار بىلەن ئ‍ۇچرىشش مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر خەۋەرنى يىللاردىن بىرى «مەن شنجاڭدىن كەلدىم»ناملىق تەشۋىقات سەھنىسىنى باشلىغان خوتەنلىك قۇربانجان سەمەت ئ‍سىملىك ختاي تەشۋىقاتچىسى ئىنستگرام ۋە ۋىيبو قاتارلىق سۇپىلاردا كەڭرى […]
ئەركىن ئابدۇللا

You May Like