ئۇيغۇر گتتارچى ئەركىن ئابدۇللا ئۈرۈمچىدە چوڭ كۆلەملىك ئويۇن قويغان

ئەخمەتجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 28-دېكابىر

ۋەتەن ئىچى -سرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇزىكا ئىجادىيتى ۋە گتارچىلىق بىلەن تونۇلغان ئەركىن ئابدۇللا 28-دىكابىر كۈنى ئۈرۈمچى دۆڭ كۆۋرۈك تياتىرخانىسدا مەستانىلار بىلەن ئ‍ۇچرىشش مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن.

مەزكۇر خەۋەرنى يىللاردىن بىرى «مەن شنجاڭدىن كەلدىم»ناملىق تەشۋىقات سەھنىسىنى باشلىغان خوتەنلىك قۇربانجان سەمەت ئ‍سىملىك ختاي تەشۋىقاتچىسى ئىنستگرام ۋە ۋىيبو قاتارلىق سۇپىلاردا كەڭرى تارقاتقان.

ئەركىن ئابدۇللانىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچىگە بارغانلىقى ئ‍ۇيغۇر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان ۋە چەتئەلدىكى ئ‍ۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئىچىدە زور ئەكس ۋە پاسسپ تەسر پەيدا قىلغان.

ئەركىن ئابدۇللا ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا ياشايدۇ. ئۆتكەن 7 يىلدىن بىرى، ئۇ ئامېرىكىدا ئەركىن مۇھىتتا ياشىدى. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئاكتپلىرى ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايەتلىرىنى پاش قىلغاندىن كىين، ختاي بىسم ئىچىدە ئامالسز ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ئىشكنى سرتقا ئ‍ېچشقا باشلىدى، ئەركىن ئابدۇللا مۇشۇنداق پەيتتە، ۋەتەنگە بىرىپ، ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقاتى يەنى «ئۇيغۇرلار ئەركىن بىرىپ-كىلەلەيدۇ، ئۇيغۇرلار خوشال يايراپ ئوينايدۇ. قىرغىنچىلىق مەۋجۇت ئەمەس» دىگەن تەشۋىقاتىغا ياردەم قىلماقتا. ئۇ -ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن ختايغا دۇنياۋى چۈشۈرۈلگەن بېسمنىڭ پايدىسدا ۋەتەندە تاماششا قىلماقتا.

قۇربانجان سەمەت-ختاي كومپارتىيسى ش ئۇ ئا ر كومىتىتى مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى يتەكچىلىكىدە، دۇنيا بويلاپ، ختاينىڭ تەشۋىقاتىنى داۋام قىلىۋاتقان شەخس بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە بىر فوتوگراف، ئۇ دەسلەپتە «مەن شنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتاپنى يېزىپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇتماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن، كىين ئۇ ئاستا-ئاستا ختاي ھۆكۈمىتى قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. ئۇ يەنە يۈرۈشلۈك تەشۋىقات-ھۆججەتلىك فىلىملەرنىڭ رىژىسورى بولۇپ، ئۆتكەن 10 يىلدا ئۇ بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتى بىلەن ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشغا ئېرشىكەن ، لېكسيە سۆزلەپ، فىلىم ئ‍شلەپ مىلىيونلاپ ئېقتسادى مەنپەئەتكە ئېرشكەن.بۇ قېتىملىق ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئويۇن قويۇشىدىمۇ بۇ شەخسنىڭ پىلانلىشى بارلىقى تىلغا ئىلىنماقتا.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى مۇختارجان ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا مۇنداق دىدى: «ئەركىن ئابدۇللانىڭ بۇ قېتىملىق ئويۇنى-ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق ئۇچۇر بەرگەنلىكى نامەلۇم بولسمۇ، ئەمما ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭ ختاي تەشۋىقاتچىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۈرمىتىنىڭ يوقايدىغانلىقى ئىنىق.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

2023-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئ‍نسان ھەقلىرى كومىتىتى ئۇيغۇر مەسلىسنى ھەتتا تىلغا ئىلىشنىمۇ رەت قىلدى

يە دېكابىر 31 , 2023
ئۇيغۇر تايمىزنىڭ خەلقئارا قانىلىنىڭ تەكشۈرشىگە ئاساسلانغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئ‍نسان ھەقلىرى ئالى كومېسسارى ۋولكەر تۈرك ب د ت خەۋەرلىرىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى خۇلاسە سۆھبىتىدە، ئۇيغۇرلار مەسلىسنى تىلغا ئىلىشنى، ختاينى ئەيىپلەشنى رەت قىلدى.ئەمما ئۇ پەلەستىن-ئ‍سرائىلىيە مەسلىسنى، ئۇكرائ‍ىنا مەسلىسنى تىلغا ئالغان ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئەيىپلىگەن.ب د ت ئ‍نسان ھەقلىرى كومىتىتى 2022-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا […]
ب د ت

You May Like