ياۋروپا ئىتتىپاقى بېيجىڭنىڭ ھوقۇق مۇددىئاسىنى چەكلەش ئۈچۈن ھىندى -تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلدى

گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ شۇ ھەقتىكى خەۋەر ماقالىسى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 16-سېنتەبىر

16-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ھىندى- تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ رايوندىكى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان تەھدىتىگە تاقابىل تۇردى. ئىلگىرى تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغىنىدەك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭ بىلەن ئوچۇق توقۇنۇشنى خالىمىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ كېڭەيمىچىلىك ئارزۇسىنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان مەزكۇر پىلانىنى ھىندى- تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.

گېرمانىيە ئاۋازى (dw)نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھىندى -تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدىكەن.

سودا جەھەتتە

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىنى تاماملاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ھىندىستان بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئىستەيدۇ. ئوخشاش ۋاقىتتا كېلىشىم ئىمزالانغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ(مەسىلەن جەنۇبىي كورېيە). ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە تەيۋەن بىلەن سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى ئىستەيدۇ.

كىلىمات ئۆزگىرىش جەھەتتە

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەقسىتى ھىندى -تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يېشىل ئېنېرگىيەگە ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىش بولۇپ، قايتا ھاسىل بولىدىغان ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى تاللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىHydrogen energy-دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، تۆۋەن كاربونلۇق ياكى نۆل كاربونلۇق ئېنېرگىيە مەنبەسى/ت).

دېڭىز- ئوكيان ئىشلىرى جەھەتتە

ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتكەن ئاساستا، ب د ت نىڭ دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسىنى (UNCLOS) قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ھىندى- تىنچ ئوكيان رايونىدا چەكتىن ئاشقان بېلىق تۇتۇش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا مەزكۇر رايوندىكى دېڭىز- ئوكيان مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن لازىملىق بولغان ھاۋارايى، دېڭىز بۇلغىنىشنى ئازايتىش ھەققىدىكى كەسپىي بىلىم ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ. 

رەقەملىك تېخنىكا جەھەتتە

ياۋروپا ئىتتىپاقى ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سانلىق مەلۇمات ئېقىمى، رەقەملىك تېخنىكىنى ئاساس قىلغان يېڭىلىق يارىتىش جەھەتلەردىكى ھەمكارلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ بولغان رەقەملىك سودىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە سۈنئىي ئىدراك ۋە بەشىنچى ئەۋلاد كۆچمە تور قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكىلاردا ھىندىستان بىلەن تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئۇل- ئەسلىھە جەھەتتە

ياۋروپا ئىتتىپاقى ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن ئاۋىئاتسىيە ۋە دېڭىز ئىشلىرى قاتارلىق قاتناشقا ئالاقىدار ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەرەققىيات بانكىسى ۋە ئېكسپورت ئورگانلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئاسىيانى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.( 15-سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى Global Gateway نامىدىكى يېڭى پروگراممىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ « بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستىراتىگىيىسى بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن چىقىرىلغان.)

بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە جەھەتتە

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ھىندونېزىيە ۋە ياپونىيە بىلەن تېخىمۇ قويۇق بولغان دېڭىز ئۈستى مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا تىرىشىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ دېڭىز ئىگىلىك ھوقۇقى بار دەپ دەۋا قىلىۋاتقان سودا لىنىيەسىدە تېخىمۇ كۆپ ھەربىي كۈچلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مەزكۇر رايوندا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ نازارەت قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋەدە بېرىدۇ. شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ رايوندىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ھەربىي مەسلىھەتچىلەرنى ئەۋەتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە سەھىيە ئىشلىرى جەھەتتە

ياۋروپا ئىتتىپاقى ھىندى -تىنچ ئوكيان رايونىدىكى نامرات دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياۋروپا بىرلەشمىسى يەنە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرغان ئاساستا، دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە كاپالەتلىك قىلىپ ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا تايىنىپ قېلىشىنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ماڭا جىن چاپلاشقان

پە سېنتەبىر 16 , 2021
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخپىرى مەمەتجان جۈمە ئەپەندىنىڭ تۇتقۇندىكى ئىنىسى ئابدۇقادىر جۈمەنىڭ شېئىرى

You May Like