ئۇيغۇرلارغا قارشى خەلقئارالىق تەشۋىقاتلار (1)

ختاي 2024-يىلىنى ئۇيغۇرلارغا قارشى غايەت زور پىلان بىلەن باشلىدى.بۇنىڭ ئىچىدە ساختا ئۇچۇر، پىروپاگاندا ئارقىلىق چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە غەرپ دۆلەتلىرى ئەيىپلەپ كىلىۋاتقان «ئ‍ۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»نى ئىنكار قىلىش ۋە تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى مۇناسۋەتتە پۈتۈنلەي ئۇتۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.

ختاي بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاستىلەرنى، بايلىق مەنبەلىرىنى، ئۇچۇر قاناللىرىنى ئ‍شلەتمەكتە.

تەشۋىقات نۇقتسىدىن، ھەممە تىللاردا، جۈملىدىن ئىنگىلىزچە، روسچە، ئەرەبچە ۋە ياۋروپا تىللىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشنى مەدھىيلەيدىغان ناھايتى كۆپ تەشۋىقات پىروپاگاندا ماتېرياللىرىنى زاۇۋتتا ئىشلەپچىقارغاندەك ئ‍شلەپ تارقاتماقتا.

تۆۋەندىكى «ئادىل كۆزەتكۈچى» ناملىق ئىنگىلىزچە تور بېكەتتە PATRIK MEYER دىگەن شەخس تەرىپىدىن يېزىپ ئىلان قىلىنغان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىمۇ؟ شنجاڭدىكى نەق مەيدان رىئاللىقى» ناملىق ماقالە « ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى » دىگەن ئۇقۇمنى پۈتۈنلەي يوققا چېقىرىپ قالماي، ھەتتا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دىگەن ئەيىپلەشنمۇ »قەتئى ئاساسسز، پاكىتسز ، ئۇيغۇرلار ئاجايىپ بەختىيار» دەپ تەشۋىقات قىلىپتۇ.ب

بۇنداق تەشۋىقاتلار-مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى، جۈملىدىن مۇستەقىللىق ۋە ئ‍نسان ھەقلىرى ھەرىكەتلىرىگە تەسر كۆرستىدۇ. شۇنداقلا گۇۋاھلىق تەشۋىقات ۋە ھېمايىچىلىق ھەرىكەتلىرىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تېرشچانلىق قىلىشمىزنى كۆرستىدۇ.

شۇنداقلا بۇ ۋە بۇنىڭدەكلەرگە رەددىيە قايتۇرۇش لازىملىقىنى ئەسلىتىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەت ۋە جىددى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئانالىزى

جۈ يانۋار 26 , 2024
تاھىر ئىمىن ئ‍ۇيغۇرىئان ختاي ھۆكۈمىتى-بىر پارتىيىلىك دىكتاتۇرلۇق تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت يۈرگۈزۈش كۈچىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، ھەر قانداق تۇيۇقسىز ۋەقە، ئاپەتنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، ئوبرازى ئۈچۈن زىيانلىق دەپ قارايدۇ ۋە بار كۈچى بىلەن يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى يوشۇرىدۇ ياكى ساختا تەشۋىقات ئىلىپ بارىدۇ. ختاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر يۈرۈش ئاپەتكە […]
ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەت ۋە جىددى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئانالىزى

You May Like