خىتاي ئاتالمىش «2022-يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى

خىتاي ئاتالمىش «2022-يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى

 خىتاي ئاتالمىش «2022-يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 31-مارت

خىتاي ئورگان تاراتقۇسى بولغان «خەلق» تورىنىڭ 31-مارتتىكى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى ئىشخانىسى ئاخبارات ئىشخانىسى 28-مارت كۈنى ئاتالمىش « 2022-يىللىق ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان.

دوكلاتتا خىتاي نومۇسسىزلارچە ئامېرىكىنىڭ پۇقرالار ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى ئېغىر دەرىجىدە ئىقتىدارسىزلاشتى دەپ تەرىپلەپ، ئامېرىكا سايلام دېموكراتىيەسىنى كۈندىن-كۈنگە قۇرۇقداپ، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە باراۋەرسىزلىكنى بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقتى دەپ بىلجىرلىدى. 

ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، نۆۋەتتىكى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتى سادىر قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچ تەپتارتماستىن ئامېرىكىدا ئىرقچىلىق بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر كەڭ كۆلەمدە كەمسىتىشكە ئۇچرىدى دەپ تەرىپلەپ ئۆزى سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشتى.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى خىتاينىڭ نومۇسسىز رەزىل يۈزىنى خەلقئارادا يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ماشىڭرۇي قازاقىستان زىيارىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان

جۈ مارت 31 , 2023
ماشىڭرۇي قازاقىستان زىيارىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان

You May Like