شەھۋەتپەرەس خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ يېڭى كىتابى نەشردىن چىقتى

شەھۋەتپەرەس خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ يېڭى كىتابى نەشردىن چىقتى

 شەھۋەتپەرەس خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ يېڭى كىتابى نەشردىن چىقتى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۈچۈن سۇلتان تەييارلىغان

2022-يىلى10-ئۆكتەبىر

خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ليۇ شىياۋمىڭ ئۆز تېۋىتتېر ھېساباتىدىكى ئەڭ يېڭى تارقاتمىسىدا خىتاي بېيجىڭ نەشرىيات گۇرۇھى بېيجىڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «كەسكىن دىئالوگ» ناملىق كىتابىنىڭ بېيجىڭ نەشرىيات گۇرۇھى تەرىپىدىن تارقىتىلماقچى بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. ئۇ ئۆز كىتابىنىڭ ئۇنىڭ ئەنگلىيەدە ئەلچىلىك قىلغان 11 يىلدا (2011-2021) قوبۇل قىلغان 170
مەيدان تېلېۋىزىيە، رادىئو زىيارىتى ئىچىدىن تاللانغان 32 قېتىملىق زىيارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى، كۆپلىرىنىڭ نەق مەيدان بىۋاسىتە تارقىتىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. مەزمۇنىنىڭ بولسا شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى، يېڭى دەۋردىكى خىتاي ۋەزىيىتى، شياڭگاڭ مەسىلىسى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ياللۇغى كېسەللىك ئەھۋالى، خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتى قاتارلىق، 21-ئەسىر ئىككىنچى ئون يىلىدىكى خىتاي-ئەنگلىيە شۇنداقلا خەلقئارادا يۈز بەرگەن زور ئىشلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئالمىغان. كىتابتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن دىئالوگقا دائىر باياننىڭ بار-يوقلۇقى ھازىرچە نامەلۇم.

شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇنىڭ دىئالوگ تارىخىدا BBC بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئالدىدا رەسۋالاشقان بىر نەچچە قېتىملىق دىئالوگى بار. بىرى، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، يەنە بىرى ئۇنىڭ قارا يىپەك پايپاققا (توغرىسى، پاھىشىگە) يۈرەك بەرگەنلىكى ھەققىدىكى دىئالوگ. ئۇ شۇ قېتىملىق پۈتۈن
دۇنياغا بىۋاسىتە تارقىتىلىدىغان تېلېۋىزىيە دىئالوگىدا تىلى تۇتۇلغاندا ئىشقا سالىدىغان تىپىك خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «ئۈنۈملۈك قورالى» نى پۈتۈن دۇنيا جامائىتىگە نامايان قىلىپ، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز مەسخىرىگە قالغان.

دىئالوگنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا قىسقا سېرىق فىلىمگە يۈرەك بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى باشقىلار تەرىپىدىن ئانچە نەزەرگە ئېلىنماستا «سەن تاز دېگۈچە مەن دەۋالاي» دېگەندەك، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئورگان تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنى چەتئەلدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر ئۇنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىغا خاككىرلىق ھۇجۇمى ئارقىلىق بۇنداق سەتچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، تاشقى كۈچلەرنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك، بۇ ئىشنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىپ، BBC, CNN, قاتارلىق تەسىرى كۈچلۈك دۇنياۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دۇنياۋى قىزىق نۇقتىلىق خەۋىرىگە ئايلانغان. ئۇ يەنە نومۇس قىلماستىن، تېۋېتتېر شىركىتىنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا سىياسىي شەخسكە سېرىق فىلىم تەۋسىيەلىگەنلىكىنى ئالماس ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇيغۇر ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئازابىدىنمۇ ئۆتە قاتتىق ئەيىبلىگەن. BBC پروگرامما رىياسەتچىسى ئۇنىڭدىن بۇ ئىش ھەققىدە سورىغاندا، ئۇ دەسلەپتە بۇ رەسىمنى قانداق تاپقانلىقىنى قايتا-قايتىلاپ سورىغان. ئارقىدىن چۈشەنچە بېرىپ تېپىك خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە جاۋابنى بەرگەن. ليۇشىياۋمىڭنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىچە، چەتئەلدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر ئۇنىڭ تېۋىتتېر ھېساباتىغا خاككىرلىق ھۇجۇمى ئارقىلىق ئۇنىڭ ۋە خىتاينىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈش
ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. كاللىسى ئوچۇق بەزى خىتايلار ئۇنىڭغا «قارا يىپەك پايپاققا ئامراق دىپلومات» ئالىي ئۇنۋانىنى بەرگەن. خىتايدا قارا يىپەك تور پايپاقلىق قىز-ئاياللار پاھىشە، بۇزۇق، يولدىن چىققانلار دەپ چۈشىنىلىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ تېۋىتتېر يازمىلىرىغا ئىنكاس يېزىپ، قارا يىپەك پايپاقلىق دىپلومات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشقان.

2. يەنە بىر دىئالوگ BBC نىڭ ليۇشىياۋمىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە بولۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، يېغىۋېلىش لاگېرلىرى، تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىلىپ بېرىلغان. بۇ دىئالوگىدا ليۇشىياۋمىڭ بىۋاسىتە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى ئىلىپ قاچقان. ئۇ دەسلەپ شەرقىي تۈركىستاننى قانچىلىك گۈزەل تەسۋىرلىگەن بولسا، جازا لاگېرلىرى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا توغرا جاۋاب بېرەلمەستىن دۇدۇقلىغان. تەكرار سورالغاندا:« 1990-يىللىرىدىن بىرى تېررورلۇق ئۈزۈلمىگەچكە ھۆكۈمەت تەدبىر قوللانغان» دەپ بىلجىرلىغان. BBC رىياسەتچىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدىكى سوئالىغا ئۆزىنى جاۋاب بېرىشتە ئەڭ نوپۇزلۇق دەپ پو ئېتىپ كاپشىغان بولسىمۇ، 2015-يىلىدىن 2018-
يىلىغىچە ئۇيغۇر نوپۇسى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ 84% جىددىي كىمەيگەنلىكى سەۋەبى سورالغاندا تىلى تۇتۇلۇپ، ئەكسىچە رىياسەتچىدىن: « سەن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ باققانمۇ؟ سەن شەرقىي تۈركىستاننى چۈشىنەمسەن؟» دەپ سوراپ تىپىك خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈۋەتكەن. بۇ خىل ئىنكاس
قايتۇرۇش ئۇسۇلى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خىتاي باياناتچىلىرى، چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ئورتاق قوللىنىپ كەلگەن خىتايچە ئالاھىدىلىكى ئەڭ كۈچلۈك. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاي يى مۇخبىرلار سورىغان سوئالغا « سەن خىتايغا بېرىپ باققانمۇ؟ سەن خىتاينى چۈشىنەمسەن؟» دەپ قايتىلاپ سوراش ئارقىلىق بۇ ئۇسۇلنىڭ تىپىك ئۈلگىسىگە، ئۇنىڭ سوئالى مەشھۇر سۆزگە ئايلانغان. ليۇ شىياۋمىڭ يەنە BBC
رىياسەتچىسىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى سىياسىتىنى ئېشەك تېرىسىدىن قىلىن يۈزى بىلەن ئىككىلەنمەي ئىنكار قىلغان. رىياسەتچى ئۇنىڭغا لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ ئۇيغۇرچە بەرگەن گۇۋاھلىق فىلىمىنى (خىتايچە يېزىق كىرىشتۈرۈلگەن) كۆرسەتسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى قىيناپ
كەلگەن خىتاي يولغا قويغان مەجبۇرىي ئومۇميۈزلۈك تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى سىياسىتىنى تولۇق ئىنكار قىلىپ، ھىيلىگەرلىك بىلەن زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ ئەھۋالىنى پەقەت بىر يەككە ھادىسە، ئايرىم ئەھۋال دەپ ۋالاقشىغان.

ليۇ شىياۋمىڭنىڭ بۇ كىتابىدا ئۇنىڭ يۇقىرىقى نومۇسسىزلىقى ئورۇن ئالامدۇ-يوق؟ بۇنىسى ھەممىگە ئايان. تارىخ يالغانچى دىپلوماتنى، يەنە كېلىپ قارا يىپەك پايپاقلىقلارغا ئامراق دىپلوماتنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئۇيغۇر ئۇنتۇپ قالسىمۇ ئەنگلىيە مەڭگۈ خىتاينىڭ چېكىسىگە ليۇ شىياۋمىڭنىڭ بۇ تارىخىنى يازىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە تۇنجى نۆۋەتلىك «يىگىت بېشى» كۈنىنى ئۆتكۈزدى

سە ئۆكتەبىر 11 , 2022
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە تۇنجى نۆۋەتلىك «يىگىت بېشى» كۈنىنى ئۆتكۈزدى

You May Like