تۈركىيە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن زور ساندا ساياھەتچى كەلتۈرۈشكە كېلىشتى!

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، 2023- يىلى تۈركىيە خىتايدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن خىتاي دائىرلىرى بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالاشقان.

تەييارلىغۇچى: مىللىتىم، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2023- يىلى 25- يانۋار

 

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، 2023- يىلى تۈركىيە خىتايدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن خىتاي دائىرلىرى بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالاشقان.

 

تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئۆزجۈر ئۆزكەن ياۋۇز يېقىندا تۈركىيەنىڭ قۇچاقلىرىنى كەڭ ئېچىپ، خىتاي ساياھەتچىلەرنى قارشى ئېلىشقا تەييارلىق قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى ساياھەتچىلەر سانىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ زىيارەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا ئىشەنچىسى بار.»

 

2019- يىلى تۈركىيە كۈتۈۋالغان خىتاي ساياھەتچى 420 مىڭدىن ئاشتى. 2022- يىلى، تۈركىيە ساياھەت بازىرى تەدرىجىي جانلاندى، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022- يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا تۈركىيە تەخمىنەن 42 مىليون 200 مىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %84.77 ئاشقان.

 

تۈركىيە كۆك بۆلجۈرگەن ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى ئىۋان كاسىل يېقىندا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە ساياھەتكە كېلىشىنى كۈتىمىز، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بىز كۈتۈۋالغان خىتاي ساياھەتچىلەر سانىنىڭ يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى سەۋىيەگە قايتىپ كېلىشىنى كۈتىمىز.»

 

«خىتاي ساياھەتچىلەر مارمارا دېڭىزىنى ياخشى كۆرىدۇ، چېگرادىن ئۆتكەن ساياھەتچىلەرمۇ مارمارا دېڭىزىنى بىر كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىستانبۇلدىن كېتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.» 

 

كۆك بۆلجۈرگەن ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى سەرخان كوچىخان مۇنداق دېدى: «كەسىپداشلار خىتاي ساياھەتچىلەرنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى كۈتۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى پىلانلاۋاتىدۇ، يېڭى ساياھەت تۈرلىرى ۋە مەنزىللەرنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ بەزى ئۆزگىچە قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت لىنىيەلىرىنى لايىھەلەۋاتىدۇ. يېڭىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، يېڭىدىن ئېچىۋېتىلگەن دېڭىزبويى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.»

 

كاپادوكىيە رايونىدىكى تۈركىيە نېۋشېر ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىكىگە خىتاي مۇلازىمەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

 

ئىستانبۇلدا مېھمانساراي ئاچقان ئېدېن مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىك خەۋىرى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، خىتاي ساياھەتچىلەر ئىستانبۇلنىڭ مەدەنىيەت ۋە يېمەك-ئىچمىكىدىن ناھايىتى زوقلىنىدۇ. بۇ مېنىڭ 2023- يىلىغا نىسبەتەن ئۈمىدۋار بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى.»

Uyghur Reporter

Next Post

ھەپتە ئاخىرىدا قىلىشقا بولىدىغان مەنىلىك ئ‍شلار

شە يانۋار 28 , 2023
ئالدىراش بىر ھەپتە خىزمەتتىن كىين،ئىككى كۈنلۈك دەم ئ‍ىلىشتا ياخشى ئارام ئىلىش، ئىنرگىيە تولۇقلاش، ھاياتتىن بەھر ئىلىش ۋە ۋاقىتتن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش-ھەممىمىز ئۈچۈن مۇھىم.

You May Like