ختتاي ئىسلامنى ختتايلاشتۇرۇش سياسىتىنى كۈچەيتمەكتە

ختتاي كومپارتىيەسنىڭ ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاستىلىرى ختتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ھۇجۇملىرىنى ئاشكارا تەشۋىق قىلماقتا بولۇپ، تارقىتىلغان ۋىدىئولاردا كۆرستلىشچە، ختتاي كومپارتىيەسى ئىسلام دىنغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىسلامنى ختتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
2021- يىلى 11- دېكابىر
ختتاي كومپارتىيەسنىڭ ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاستىلىرى ختتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ھۇجۇملىرىنى ئاشكارا تەشۋىق قىلماقتا بولۇپ، تارقىتىلغان ۋىدىئولاردا كۆرستلىشچە، ختتاي كومپارتىيەسى ئىسلام دىنغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىسلامنى ختتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىدىكەن.
ختتاي بۇنىڭدىن كۆزلەنگەن مەقسەتنىڭ-ئاتالمىش «شنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش»دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ختتاينىڭ ئىسلام دىنىنى تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقى ئىنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
ئىسلام دىنى-ئۇيغۇرلارنىڭ بېسۋىلىنغان ئانا ۋەتىنى شەرقى تۈركستان-ئۇيغۇرستاندىكى كۆپچىلىك خەلقنىڭ ئاساسلىق دىنى ئېتىقادى بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مۇسۇلمانلار 10-ئەسردىن بىرى ئىسلام دىنىغا ئىشنىپ ئەقىدە قىلىپ كەلمەكتە.
ختتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ختىتاي كوممۇنست پارتىيسى-ئاتېىزىملىق نەزەرىيسى ئۈستىگە قۇرۇلغان سياسى تەشكىلات بولۇپ، بارلىق دىنلارنى ۋە ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان 70يىلدىن بىرى دىنغا قارشى سياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن ۋە بۇنىڭ نەتىجىسدە، تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكشۈرۈشگە ئاساسلانغاندا ، ختتاي 500 مىلىيوندىن ئارتۇق ئىېتىقادسز ختتاي ئاممىسى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىتىقادسز دۆلەت ھسابلىنىدۇ.
ختتاي -ئىسلام دىنىدىن باشقا خىرستىئان دىنى، تېبەت بۇددا دىنى قاتارلىقلارنىمۇ چەكلەش ياكى كونتىرۇل ئاستىغا ئىلىش سياستىنى قوللىنىپ كەلگەن.

UT-Uyghur Reporter 2

Next Post

يۈسۈپ قۇدۇقتىن چىقىدىغانغا ئاز قالدى

يە دېكابىر 12 , 2021
يۈسۈپ قۇدۇقتىن چىقىدىغانغا ئاز قالدى

You May Like