ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى34 مىليون 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پارا ئالغان 

12-ئاينىڭ 22-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى تيەن يۈجۈننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى قاراپ چىقتى.

  گۇيجوۋ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى:« 2011-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە جاۋابكار تيەن يۈجۈن شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ شەھىرى كۇيۋېن رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن رايون باشلىقى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى تۇڭرېن شەھىرى ۋەنشەن رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپە قولايلىقى ۋە خىزمەت ھوقۇقى، ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ كارخانا تىجارىتى، تۈر ھۆددىگە ئېلىش، مەبلەغ ئاجرىتىش قاتارلىق ئىشلاردا باشقىلارغا ياردەم بېرىپ، باشقىلارنىڭ خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 34 مىليون 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مال-مۈلكىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان. تەپتىش ئورگىنى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن تيەن يۈجۈننىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەكلىپىنى بەردى.»

ختايدا پارىخورلۇق جىنايەتلىرى ئىغىر بولۇپ، ئۇيغۇر ئەمەلدارلار سياسى جىنايەت بىلەن تۇتۇلۇش نسبىتى يۇقىرى بولسا، ختاي ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىك بىلەن تۇتۇلۇش نسبىتى يۇقىرى بولماقتا.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن: «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنچىللىق جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش دوكلاتى»ئىلان قىلدى

چا دېكابىر 27 , 2023
ئەركىن،ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 27-دېكابىر  ختاي مەركىزى تەشۋىقات منسترلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» 2023-يىللىق نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ھېكايىلەردىن بەھرىمەن بولۇش يىغىنى 12-ئاينىڭ 20–كۈنى شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىن مەزگىلىدە، «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنچىللىق جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش دوكلاتى» كۆك تاشلىق كىتاب رەسمىي ئېلان قىلىنغان. […]
شنجاڭ كىشلىك ھوقۇق

You May Like