بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى قەشقەرنى زىيارەت قىلغان

بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى قەشقەرنى زىيارەت قىلغان

 بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى قەشقەرنى زىيارەت قىلغان

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى28-ئاپرېل

خىتاي ئورگان تاراتقۇسى «خەلق تورى» نىڭ بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 24-ئاپرېل كۈنى بىرازىلىيە، كۇبا، نېپال، ئىران، ۋىيېتنام، كامبودژا، سېنېگال، ئېكۋادور، ھىندونېزىيە، بىرما، تايلاند، ئۇگاندا، پاكىستان، تۈركىيە قاتارلىق 14 دۆلەتنىڭ گۇاڭجۇ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللىرى قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ زىيارىتىنى باشلىغان.

باش كونسۇللار قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، قەشقەر شەھىرى « كونا شەھەر رايونىنى قوغداش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيى»، ھېيتگاھ جامەسى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى كەنتى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان.

«خەلق تورى»نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، پاكىستاننىڭ چېڭدۇدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: « قەشقەردە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم ئارقىلىق جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم…»

بېرمىنىڭ چۇڭچىڭدىكى باش كونسۇلى، ئۇگاندانىڭ گۇاڭجۇدىكى باش كونسۇلى قاتارلىقلارمۇ خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» سىياسىتىنى مەدھىيەلىگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئەرەب دۇنياسىدىن تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغان كىشى بارلىققا كەلدى

جۈ ئاپرېل 28 , 2023
ئەرەب دۇنياسىدىن تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغان كىشى بارلىققا كەلدى

You May Like