پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2022-يىللىق نورۇزنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى

پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2022-يىللىق نورۇزنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى

 پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2022-يىللىق نورۇزنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 19-مارت

ئارمان

 

19-مارت شەنبە كۈنى «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا پارىژ شەھىرىدە 2022-يىللىق نورۇزنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت شۇ جاي ۋاقتى 13 دە پارىژ شەھىرىدىكى 11- رايونىغا جايلاشقان Olympe de Gouges زالىدا باشلىنىپ كەچ سائەت 19 گە قەدەر داۋاملاشتى. پائالىيەتكە فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن سىرت گوللاندىيە، شىۋېتسارىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ جەمئىي بىر قانچە يۈز كىشى قاتناشتى.

پائالىيەت باشلىنىشىدا، پارىژ ۋە پارىژ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۆيلىرىدە تەييارلىغان مەززىلىك تائاملار بىلەن يىراق يېقىندىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. بۇ قېتىملىق نورۇز پائالىيىتىگە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا قېرىنداشلار قاتناشقاندىن سىرت يەنە فىرانسىيەدىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بىر قىسىم سىياسەتچى، داڭلىق سەنئەتكارلار، «ئۇيغۇرلارنى قوللاش» گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن «پارىژ ئانا تىل مەكتىپى» ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ كونسېرت قىسمى رەسمىي باشلاندى. پائالىيەت داۋامىدا فىرانسىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ئەنئەنىۋى ناخشا، ئۇسسۇل، مۇقام قاتارلىق ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم ئېتىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

پارىژ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى Jean-Luc Romero ئەپەندى، فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغان «سوتسىياللار» پارتىيەسى رەئىسى Olivier Faure ئەپەندىم، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى Raphaël Glucksmann ئەپەندىم ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالار، پارىژ شەھەرلىك مەمۇرىيىتى ۋەكىللىرى، رايون ۋەكىللىرى قاتارلىقلار پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلدى. 

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى « ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم سۆز قىلىپ پائالىيەتكە قاتناشقان فىرانسىيەلىك سىياسەتچى، ئاكتىۋېستلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى فىرانسىيەگە ئاڭلىتىش توغرىسىدىكى قىلغان تىرىشچانلىقلىرىغا پۈتۈن ئۇيغۇرلار نامىدىن تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. ۋە بۇ قېتىمقى فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم كۈچ چىقارغان پارلامېنت ئەزاسى Olivier Faure ئەپەندىمگە ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ ئۇنىڭغا ئۇيغۇر دوپپىسىنى ھەدىيە قىلدى. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى دىلنۇر رەيھان خانىم ۋە Olivier Faure ئەپەندىلەرگە گۈلدەستىلەرنى تەقدىم قىلىپ بارلىق ئۇيغۇر مىللىتى نامىدىن ئۇلارغا بولغان سەمىمىي تەشەككۈرى ۋە ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى. ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى Raphaël Glucksmann  ۋە Olivier Faure  ئەپەندىلەر سۆزگە چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان نورۇزلۇق تەبرىكلىرىنى يەتكۈزدى.

ئاخىرىدا جۇشقۇن بىر مەيدان ئۇيغۇرچە ئۇسۇل بىلەن بۇ قېتىملىق نورۇزلۇق پائالىيىتى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

 

Photo by Adil Qasim

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

قادىروفنىڭ چېچەن قوشۇنلىرى ئېغىر مەغلۇبىيەتتىن كېيىن چېچەنىستانغا قاچتى

دۈ مارت 21 , 2022
قادىروفنىڭ چېچەن قوشۇنلىرى ئېغىر مەغلۇبىيەتتىن كېيىن چېچەنىستانغا قاچتى

You May Like