ئارىمىزدىن يېڭى – يېڭى نوتىلار يىتىلمەكتە

تۈركىيە-ئىستانبول ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇرۇنلاشتۇرشىدا « سۇلتان ئابدۇلھەمىد زاماندىكى ئىسلامىي ئىلىملەر ۋە ئىلمىي تەرەققىياتلار » نامىدا خەلىقئارالىق دوكتۇر ئاسپىرانتلار ئىلمىي تەتقىقات مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تەتقىقاتچىلار قاتناشقان ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئىستانبول ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى ۋە تەتقىقاتچىسى مۇھەممەد ئىمىن ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئۈزىنىڭ «بېيجىڭ ھەمىيدىيە ئالىي بىلىم يۇرتى، ئۇنىڭ سىياسىي رۇلى ۋە كۈنىمىزگە قەدەر بېسىپ ئۆتكەن باسقۇچى» ناملىق تەتقىقاتى بىلەن قاتنىشىپ لىكسىيە سۆزلىدى .

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

لىكسىيە مەزمۇنى : ھەمىيدىيە بىلىم يۇرتىنىڭ قۇرلۇشى ، قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ۋەزىيەتلىرى ۋە ئىككىنچى سۇلتان ئابدۇلھەمىدنىڭ بېيجىڭغا دىينىي ئۇنۋېرسىتىت قۇرۇپ چىقىشتىكى مەقسىتىنىڭ سۇلتان ئابدۇلئەزىزگە ئوخشاش دىنىي جەھەتتىن قېرنداش ، نەسەب جەھەتتىن بىر بولغان تۈركىستان مۇسۇلمانلىرغا بىۋاستە ياردەم قىلالمىغان بولسىمۇ لېكىن ئىسلام ئۈممىتىنى، جۈملىدىن خىتتايدىكى مۇسۇلمانلارنى ئوسمانلى دۆۋلىتىگە ھەقىيقى باغلاپ ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتىش ، ئۇلارنىڭ ئىلىم ۋە مەدىنىيتىگە مەنىۋېي ياردەم بىرىش ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتتاي كومىنىستلىرى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىۋالغاندىن كېيىن خىتتايدىكى باشقا مەسچىت ۋە مەدرىسەلەردەك چوچقا ئىغىللىرغا ئۆزگەرتىۋېتىلمىگەن بولسىمۇ ، شەرقىي تۈركستاندىكى نۇرغۇن مەسچىتلەردەك يىقىتىپ تۈزلىۋېتىلمىگەن بولسىمۇ لېكىن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رۇلنى يۇقىتىۋەتكەنلىكى ، تۈركىيە ۋە بارلىق ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھېچبىر ئىتىبارغا ئىلىنماي تاشلىۋېتىلگەنلىكى … قاتارلىقلار يەر ئالغان . قېرىندىشىمىز ماقالىسىدە تۈركىستاندا ئىلگىرى ۋە ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە ھايات كەچۈرۋاتقانلىقىنى سۆزلگەن بۇلۇپ قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. ئاخىرىدا تۈركىيە ، ئىسلام دۇنياسىنى ۋە ئالىملارنى سۇلتان ئابدۇلھەمىدنىڭ بۇ بۈيۈك مىيراسىغا ۋە دىننى پۈتۈنلەي يۇقۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچەۋاتقان خىتتاينىڭ زۇلمىدا ئىڭىراۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلىدى. قېرىندىشىمىز لىكسىيە ماقالىسىنى ئەرەپچە سۇنغان بولۇپ يىغىن مەسئۇللىرىنىڭ قايىللىقى ۋە مەدھىيەلىرگە ۋە بارلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشتى. قېرىندىشىمىز مۇھەممەد ئىمىننىڭ بۇ نەتىجىسىنى تەبىركلەش بىلەن بىللە كىيىنكى قەدەمدىكى ئۇقۇشلىرى ۋە خىزمەتلىرگە ئۇتۇق تىلەيمىز ، ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىپ كەلگۈسىدە خەلقىمىزگە شان شەرەپ ئىلىپ كىلىشىگە تىلەكداشمىز !

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ

يە ئۆكتەبىر 21 , 2018
ﺑﯩﺰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺩﻩﯞﺍﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻳﺎﺵ ﻧﻪﺳﯩﻠﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ، ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺍﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯗﻕ. ﺳﯩﺰ 2006 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻐﺎ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 12 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﻣﯩﻠﯩﻲ ﺩﻩﯞﺍﻳﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﺩﺍ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮪﻪﺳﺴﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﯖﯩﺰ. ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻼﺭ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﺩﺍ ﻛ

You May Like