« شەرىئەتتىكى مىراس ئىلمى ۋە مىراس تەقسىماتىدىن 500 ئۆرنەك» ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى

ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى نەشىرگە تەييارلىغان «شەرىئەتتىكى مىراس ئىلمى ۋە مىراس تەقسىماتىدىن 500 ئۆرنەك» ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى. كىتاب مىراس ئىلمى جەھەتتىن ئۆز مىللىتىمىز تالىپلىرى قولىدا بىر قەدەر مۇكەممەل يىزىلغان كىتاب بولۇپ، مىراس ئىلمىدىكى ئاساسىي پىرىنسىپ ئەھكاملار ۋە مىراسخورلارنىڭ نىسىۋىلىرىگە ئائىت ھەر تۈرلۈك جانلىق مىساللار ئاددىي ۋە چۈشۈنۈشلۈك تىلدا سۆزلەنگەن. 423 بەتلىك مەزكۇر كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى مىراس ئىلىمىدا ئۇيغۇرچە ھەجىمى چوڭراق كىتابلارنىڭ كەمچىللىك ئورنىنى تولدۇردى. ئاددىي بىر تالىپنىڭ قەلىمىدىن ئاپىرىدە بولغان بۇ ئىسلى خىزمەتكە ئاپىرىن!

 

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

تارىم

 

2020-1-6 

 

ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى نەشىرگە تەييارلىغان «شەرىئەتتىكى مىراس ئىلمى ۋە مىراس تەقسىماتىدىن 500 ئۆرنەك» ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى. كىتاب مىراس ئىلمى جەھەتتىن ئۆز مىللىتىمىز تالىپلىرى قولىدا بىر قەدەر مۇكەممەل يىزىلغان كىتاب بولۇپ، مىراس ئىلمىدىكى ئاساسىي پىرىنسىپ ئەھكاملار ۋە مىراسخورلارنىڭ نىسىۋىلىرىگە  ئائىت ھەر تۈرلۈك جانلىق مىساللار ئاددىي ۋە چۈشۈنۈشلۈك تىلدا سۆزلەنگەن. 423 بەتلىك مەزكۇر كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى مىراس ئىلىمىدا ئۇيغۇرچە  ھەجىمى چوڭراق كىتابلارنىڭ كەمچىللىك ئورنىنى تولدۇردى.  ئاددىي  بىر تالىپنىڭ قەلىمىدىن ئاپىرىدە بولغان بۇ ئىسلى خىزمەتكە ئاپىرىن! 

 

مەزكۇر كىتابنىڭ مۇئەللىپى ئابدۇللاھ ئابدۇلئەھەد تەۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە ناھىيە بويىچە ئەلىيۇلئەلا بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شاڭخەي مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋىرسىتىغا قوبۇل قىلىنغان.  كىيىنچە 2007- يىلى مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋىرسىتى ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام تەتقىقات فاكۇلتىتىغا  ئوقۇشقا كىرگەن. ئابدۇللاھ بىر تەرەپتىن ئەزھەردە تىرىشىپ ئوقۇپ، يەنە  بىر تەرەپتىن ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسى ئاچقان ئىنگىلىزتىلى كۇرسىدا ئىنگىلىزتىلىنى پىششىقلاپ ئۆگەنگەن. ئوقۇشتىن سىرت ئۇ يەنە يەرلىك ئەرەبلەر بىلەن بىرلىشىپ ئىگىلىك تىكلەپ، « دىڭىز شاھى» ساياھەتچىلىك شىركىتى قۇرغان.

 

 2014 – يىلى، ئابدۇللاھ  تىرىشچانلىقى ۋە زىھنىنىڭ ئۆتكۈرلىكى بىلەن  ئەزھەر ئۇنىۋىرسىتى فىقھ ئاساسلىرى كەسپىگە ماگىستىرلىققا قوبۇل قىلىنغان. بۇ مەزگىلدە ئابدۇللاھ مەكتەپتە ئىسلام ئىقتىسادىغا دائىر ئەرەبچە ئىلمىي ماقالىلەرنى يىزىش بىلەن بىرگە، يىڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھنىڭ تەكلىپى بىلەن مىراس ئىلمىدىن يىتەكچى ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۇ دەرسكە تەييارلىق قىلىش ۋە دەرس ئۆتۈش جەريانىدا ھازىرلىغان ماتىرىياللار، يولۇققان مەسىلىلەر ئاساسىدا ئۇيغۇرچە بىر كىتاب يىزىپ چىقىشقا بەل باغلاپ، 2016- يىلى كىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى تاماملىغان.  2017- يىلى، ئابدۇللاھ ماگىستىرلىق نەزىرىيە دەرسلىرىنى تاماملاپ، ئىلمىي ماقالە يىزىش باسقۇچىدا مىسىردىكى تۇتقۇندىن پاناھلىنىپ تۈركىيەگە مۇساپىر بولۇپ كەلگەن ئىدى.   يىقىندا ئۇ تۈركىيە ساباھەتتىن زايىم ئۇنىۋىرسىتى ئىسلام ئىقتىسادى پەنلىرىگە ئوقۇش ئىلتىماسى سۇنۇپ نەتىجىسىنى كۈتكەچ، قايتىدىن ئىگىلىك تىكلەش يولىدا تىرىشماقتا.

 

ئابدۇللاھ ئابدۇلئەھەد كىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى تاماملىغان بولسىمۇ، كىتاب نەق تۆت يىلدىن كىيىنكى 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى نەشىردىن چىقتى. بۇ تۆت يىل جەريانىدا ئابدۇللاھ كۆپ رىيازەت، مۇسىبەت ۋە مۇساپىرچىلىق تارتتى. ۋەتەندە شاھانە ئۆتكەن ئاتىسى، مىھرىبان ئانىسى، قەدىردان ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن ئايرىلدى. تىكلىگەن ئىگىلىك، غايە، يىللار تىرىشقان ئارزۇلار مىسىردىكى تۇتقۇن بىلەن بەربات بولدى. ئابدۇللاھ ھەممىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ئوقۇشقا بولغان ئىشتىياقتىن ئايرىلمىدى، ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەدىن ئايرىلمىدى. ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن تۇغقانلىرى توغرۇلۇق ب ب س ۋە باشقا ئورۇنلارغا گۇۋاھلىق بىرىپ، ئائىلىسى توغرۇلۇق  خەلقئارا  كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرگە ماتىرىيال يوللاپ، ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى ئەرەبچە قانىلىدا بىر يىلدىن بىرى ئىزچىل خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.  مانا بۈگۈن ئۆز قولى بىلەن يازغان كىتابنىڭ سەمەرەسىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇپتۇ، مۇبارەك بولسۇن!

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى قىرىندىشىمىز، ساۋاقدىشىمىز، خىزمەتدىشىمىز ئابۇللاھ ئابدۇلئەھەدنىڭ ئوقۇشىغا ئۇتۇق، خىزمىتىگە مۇۋەپپىقىيەت، ئائىلىسىگە سالامەتلىك تىلەيمىز!  

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

تاھىرجان، ھارمىغايسىز!

سە يانۋار 7 , 2020
تاھىرجان بىلەن ئىككى يىرىم يىلدىن بىرى تونۇشۇپ، دوستلۇشۇپ، ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ كەلدۇق. ئۇنىڭدىكى سەمىمىيەت، تىرىشچانلىق، پىداكارلىققا قايىلمەن!

You May Like